بىر چىمدىم كۇچىلا تالقىنى بىلەن بىر چىمدىم ساقساقنى پوستىنى ئېزىپ تاماكىغا ئوخشاش يۆگەپ، ئۇنىڭغا ئوت يېقىپ، ئۇنىڭ تۈتۈنىنى شوراپ ئېغىز بوشلۇقىدا ئايلاندۇرغاندا، چىش ئاغرىغى بىر سائەت ئىچىدە پەسىيىدۇ ھەمدە ئاغرىش قايتا قوزغالمايدۇ. تۈتۈننى ئېغىز ئىچىدىلا ئايلاندۇرۇش، ئىچىگە شورىماسلىق لازىم.
بىر دانە توخۇ ئۆتىنى بىر ئاز ئاق ھاراق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پەلكۈچ بىلەن ئاغرىغان چىشقا تەگكۈزۈلسە ئۈنۈم بېرىدۇ.
تېتىتقۇنى چوكىنىڭ ئۇچىغا تەگكۈزۈپ، ئاغرىغان چىشقا تەگكۈزسە چىش ئاغرىقى توختايدۇ.
ھۆل زەنجىۋىلنى ياپراقچە قىلىپ كېسىپ ئاغرىغان چىشقا قويۇپ چىشلىسە ئاغرىق پەسىيىدۇ. بۇنى قايتىلاپ بەرسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/20/content_490320.htm