تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
جېلىل ئاۋۇت: چوڭ پىتتىن كىچىك پىت يامان

چوڭ پىتتىن كىچىك پىت يامان

(فېليەتون)

جېلىل ئاۋۇت

پىتلار قەۋمىنىڭ پادىشاھى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئۆز بەدىنىدىن ماكان ۋە ئۇزۇقلۇق بىرىپ بېقىپ كېلىۋاتقان ئادەملەرگە قانداقراق «خىزمەت» قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە ئادەملەرنىڭ سۆزلىرىنى چۈشىندىغان بىر تۈركۈم تىڭ-تىڭچىلارنى يولغا سالغان ئىكەن. نەچچە ئايلاردىن كېيىن ئۇلار ئىلگىرى-كېيىن پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، ئىنسانلارنىڭ پىتلار ھەققىدىكى ئىنكاسىنى دوكلات قىلىپتۇ. قىزىق يېرى، ھەممىسى تىلىنى بىر قىلىۋالغان دەكلا:

-ئىنسانلارنىڭ: « چوڭ پىتتىن كىچىك پىت بەك يامان» دېيىشكىنىنى ئاڭلىدۇق،-دەپتۇ.

پىتلار پادىشاھى ھەيران بولۇپ:

- بۇ زادى نېمە گەپ ئىكەن؟-دەپ سوراپتۇ.

- ئالىيلىرىغا مەلۇم بولغاي، چوڭ پىتلار ئارىلاپ-ئارىلاپ، قېنىپ-قېنىپ تۇيدۇرماي چاقىدىكەن. ئەمما كىچىك پىتلار بىردەم پايپاقنىڭ قونچىغا، بىردەم ئىشتاننىڭ ئېغىغا كىرىۋېلىپ چاقسىمۇ يەنىلا تويماي، ئادەملەرگە بەدىنىنى قاشلىغۇدەكمۇ ئىمكانىيەت بەرمەي چېقىۋېرىپ، ئۇلارنى بەك بىزار قىلغان ئوخشايدۇ،-دەپتۇ.

پادىشاھ غەزەپلىنىپ، بىر توپ كىچىك پىتلارنى ھۇزۇرىغا چاقىرتىپ ئەكىلىپ، ئۇلار غا قاتتىق كايىپتۇ.

- كايىمىسىلا شاھىم، سىلىنىڭ سىياسەتلىرىگە خىلاپلىق قىلىشقا ھەددىمىزمۇ بىزنىڭ،-دەپتۇ كىچىك پىتلار تازىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن،-تىڭ-تىڭچىلار گەرچە ئادەملەرنىڭ سۆزىنى چۈشەنسىمۇ، ئەمما دائىم ئۇلار بىلەن بىرگە بولمىغاچقا ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەپتۇ. بىزلەر ئۇلارنىڭ تىلىنىمۇ، دىلىنىمۇ خېلى ئوبدان چۈشىنىمىز. ئادەملەرنىڭ «چوڭ پىتتىن كىچىك پىت بەك چاقدۇ» دېگىنى يالغۇز بىزگىلا قارتىلغان سۆز ئەمەس. ناھىيە، يېزا، كەنتلەردىكى قۇشۇقنىڭ سېپىچىلىك «ھوقۇق»ىدىن پايدىلنىپ ئۆزلىرىنى قان-قان يىغلىتىۋاتقان «خەلقنىڭ چاكارلىرى»نى يامان دېگىنى. ئادەملەر ئالدى بىلەن ئەنە شۇنداق ئۆزلىرىنى ئەسكى چاپانلىق پىتلىققا ئايلاندۇرۇپ قويغان زامان زورلىرىنىڭ نەسلىنى قۇرتالماي تۇرۇپ، بىزنىڭ نەسلىمىزنى ھەرگىز قۇرتالمايدۇ.

پىتلار پادىشاھى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، كۆڭلى خاتىرجەم بولۇپ، قۇبۇلنى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ.

ئاپتور: باي ناھىيە توقسۇن يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى

بۇ فېليەتون «كروران» ژۇرنىلىنىڭ 2005-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى.

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز