قولتۇق پۇراش ئادەتتە خروموسۇملارنىڭ ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك ئېرسىيەت كېسەللىكى ھېسابلىنىدۇ. قولتۇق پۇراشنىڭ %80ى ئېرسىيەتلىك بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئۇسۇللاردا قولتۇق پۇراشنى داۋالىغىلى بولىدۇ:
1. 50 گرام مۇچنى 300 مىللىمېتىر يودقا 15 كۈن چىلىغاندىن كېيىن، قولتۇقنى پاكىز يۇيۇۋېتىپ، يودنى كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا سۈركەپ بەرسە، قولتۇق پۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. ئېتىز قۇلۇلىسى. ئېتىز قۇلۇلىسىنى سۇغا چىلاپ، يىڭنە بىلەن تۆشۈك ئېچىپ، بىر تال دەندنى تىقىپ قويسا بىر سائەتتىن كېيىن ئېتىز قۇلۇلىسى ئېرىيدۇ. بۇنى قولتۇققا سۈركەپ بەرسە، قولتۇق پۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. ئۈچ تال مۇز پارچىسىنى 20 مىللىمىتېر %50 لىك ئىسپىرتقا سېلىپ مۇز پارچىسى ئېرىگەندىن كېيىن، قولتۇقنى پاكىزە يۇيۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم سۈركەپ بەرسە، قولتۇق پۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2015-11/26/content_475364.htm