ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
دۆلىتىمىزنىڭ مۇتەخەسىسلىرى بىرنەچچە خىل ئالامەتنىڭ مېڭە ئۆسمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، بايقىغان ھامان دەرھال دوختۇرغا بېرىشنى ئەسكەرتتى.
ئادەم ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كېيىن باش ئاغرىسا، ئەمما ئورۇندىن تۇرغاندىكىن ئاغرىق توختىسا، يەنە دائىم قەي قىلسا، ھەمدە قەي قىلىپ بولغاندىن كېيىن باش ئاغرىقى يېنىكلىسە، شۇنداقلا بۇ ئۇزاق داۋاملاشسا، بۇ مېڭە ئۆسمىسىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. ناۋادا مېڭە ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئەھۋالى ئېغىرلاشسا ئادەمنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلايدۇ ياكى ئەما بولۇپ قالىدۇ.
مۇتەخەسسلەر مۇنداق دېيىشتى: ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى ۋە يارىلىنىش تارىخى بولسا، ئۇلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى ناچارلىشىدۇ، چۈنكى ئۆسمە ئاڭلاش نېرۋىسىنى بېسىۋالىدۇ. قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن كېسىلى قوزغالغان تۇتقاقلىق كېسىلى بارلار باشقا سەۋەب بولمىسا، بۇ ئالامەتلەر ئۇلارنىڭ باش سۆڭەك ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تۆۋەنكى بەدەن تۇيۇقسىز ئېغىرلىشىپ كەتسە، بۇمۇ مېڭە ئۆسمىسىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.