ئەنجۈر ۋە ئەنجۈر سەيلىسى
ئەنجۈر يۇمران ۋە كۆپ شاخلايدىغان، كەڭ يوپۇرماقلىق مېۋىلىك دەرەخ بولۇپ، ياۋا ئەنجۈر ۋە يەرلىك ئەنجۈر دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. يەرلىك ئەنجۈرنىڭ مېۋىسى تەملىك، شىرنىلىك، تاتلىق، سىڭىشلىك بولۇپ، دورىلىق قىممىتى ۋە ئىقتىسادىي قىممىتى يۇقىرى. شۇڭا كىشىلەر ئەنجۈرنى ‹‹بېھىش مېۋىسى››، ‹‹شاخ مانتىسى›› دەپمۇ ئاتىشىدۇ.
ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ ئەنجۈرلۈك باغ قىلىش، ھويلا – ئارانلاردا ياكى تەشتەكلەردە ئەنجۈر ئۆستۈرۈشنى ئادەت قىلىپ كەلگەن. ئەنجۈر چېچەكلىمەي مېۋە بېرىدىغان دەرەخ بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى قەشقەر، ئاتۇش، يوپۇغا، يەكەن، قاغىلىق، كۇچا قاتارلىق ناھىيە(شەھەر)لەردە كۆپرەك ئۆستۈرۈلىدۇ. ئەنجۈر يىلىغا ئىككى قېتىم مېۋە بېرىدۇ، يەنى 1 – قېتىملىق پىشىش ۋاقتى 7 – ئايدىن 8 – ئايغىچە، 2 – قېتىملىق پىشىش ۋاقتى 9 – ئايدىن تاكى 10 – ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىستېمال قىلىنىش ۋاقتى تۆت ئاي ئەتراپىدا بولىدۇ.
ئەنجۈرنىڭ تەبىئىيىتى ھۆل ئىسسىققا مايىل بولۇپ، بەدەننى سەمرىتىش، يۈرەك ھەرىكىتىنى ياخشىلاش، چوڭ – كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۆپكىنى ياشارتىپ يۆتەل توختىتىش، بەدەندىكى توسالغۇلارنى ئېچىش، بۇۋاسىر ۋە ھەرخىل جاراھەتلەرنى داۋالاش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. ئۇنىڭ مېۋىسىنى ئۆز پېتى يىگىلى بولغاندىن سىرت، مۇراببا ياساپ ياكى قاق قۇرۇتۇۋېلىپ ساقلاپ ئىستېمال قىلغىلىمۇ بولىدۇ.
ئەنجۈر سەيلىسى بولسا خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ۋە سەيلە – ساياھەت ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇزاق تارىخقا ۋە ئاممىۋىيلىققا ئىگە. ئەنجۈر سەيلىسى ئادەتتە ھەر يىلى ئەنجۈر مەي بولۇپ پىشقاندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ چاغدا ئەنجۈرلۈك بېغى بار كىشىلەرنىڭ تەكلىپى بويىچە ئورۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلەر جەم بولۇپ، ئەنجۈرلۈك باغ ياكى ھويلا – ئارانلاردا سورۇن تۈزۈشۈپ، ئەنجۈرنىڭ تەمىنى تېتىغاچ، نەغمە – ناۋا قىلىپ، ناخشا، بېيت – قوشاق ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ، بىر – بىرى بىلەن بولغان ئىناق – ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ خىل سەيلە قىلىش ئادىتى تاكى ئەنجۈر پىششىقى ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئېلىپ بېرىلىدۇ .
مەنبە؛ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى