ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ھېچكىممۇ ئەمدىلا ئوتتۇز نەچچە ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئۇنىڭ خېلى غوللۇق بىر شىركەتنىڭ دېرىكتورى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيتتى، لېكىن ئۇ ھەقىقەتەن خىزمەتتە نەتىجە قازاندى. يېقىندا ئۇ بىزگە ئۆزىنىڭ ئۇتۇق قازىنىشتىكى سىرىنى ئاشكارىلىدى.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ھەر كۈنى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ بىر ئىستاكان سۈت ئىچكەندىن كېيىن، دېرىزىنى ئىچىۋېتىپ ساپ ھاۋادىن قېنىپ نەپەس ئالىدىكەن، ئاندىن كۆڭۈلدىكىدەك تائاملار بىلەن ناشتا قىلغاندىن كېيىن كىتاب ئوقۇيدىكەن ياكى جىمجىت ئولتۇرۇپ تۈنۈگۈنى ۋە ئەتىسىنى ئويلاپ، ئۆزى بىلەن ئۆزى مۇڭدىشىدىكەن. كۈن چىققاندىكى مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىدىكەن، بۇ ئىشلىرى ئۈچۈن پەقەت بىر سائەتلا سەرپ بولىدىكەن، ئەمما ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بىر سائەت ناھايىتى راھەتبەخىش مىنۇتلار ئىكەن. ئۇ بىر سائىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يېڭى بىر كۈندىكى خىزمەتلىرىگە ئاتلىنىدىكەن، شۇ بىر كۈندە ئىرماش-چىرماش سان سىپىرلار بىلەن تولغان شۇنداق مەززىسىز خىزمەت بىلەن شۇغۇللانسىمۇ ۋايسىمايدىكەن. چۈنكى، ئۇ ئۆزىگە تەئەللۇق مىنۇتلاردىن بەھرىلەنگەن، ھۇزۇرلانغان.
ئۇنىڭ بۇ سىرىنى بىلگەندىن كېيىن، باشقىلارمۇ سىناپ باقتى. دېگەندەك، تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭمۇ كىتاب ئوقۇغۇدەك، يالغۇز ئولتۇرۇپ كۈن چىقىش مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلانغۇدەك ۋاقتى چىقتى.
رېتىمى تېز، كەسكىن تۇرمۇش شارائىتىمىز ھەممىمىزنى ھالسىرىتىپ قويماقتا، بۇنىڭدىن توختىماي قاقشىدۇق، ئەمما شارائىت يەنىلا قاقشاشلىرىمىزغا باقمىدى. نېمىشقا بىزمۇ ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئۆزىمىز خالىغان، ئۆزىمىزگىلا تەئەللۇق ئەڭ گۈزەل مىنۇتلارنى ياراتمايمىز؟ ۋاقىتنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتساقلا لەززەتسىز تۇرمۇشتىمۇ لەززەت تاپقىلى بولىدۇ.