تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئالامەت يۇمۇرلار-بىر ئۇقۇپ بىقىڭ

كەينىچە مېڭىش
ئوقۇغۇچى دەرسكە كېچىكىپ قاپتۇ، مۇئەللىم سەۋەبىنى سوراپتۇ:

 

--- بۈگۈن يول بەك تېيىلغاق بولۇپ كېتىپتۇ. ئالدىمغا بىر قەدەم ماڭسام، كەينىمگە ئىككى قەدەم چېكىنىپ كەتتىم. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز -

--- ئەگەر دېگىنىڭدەك بولسا، مەكتەپتىن يىراقلاپ كەتكەن بولمامسەن؟
--- كېيىن ئامال تاپتىم، مەكتەپكە كەينىمچە مېڭىپ كەلدىم.

 

 

سېتىپ بېرىش

بىر كىشى ماگىزىن ئارىلاۋېتىپ، چىرايلىق ھەم ئوماق بىر ئوغۇل بالىدىن سوراپتۇ:

 

 

--- دادڭ سېنى ماڭا سېتىپ بېرەلەمدۇ؟

 

 

--- كەچۈرۈڭ ئەپەندىم، ماڭا تېخى باھا قويۇلمىغان.

پەقەت بىرلا

 

 

مېھمان قورۇمىدىكى بىر تال چىۋىننى كۆرۈپ قېلىپ، كۆڭلى ئېلىشىپ ئاشپەزنى چاقىرىپتۇ. ئاشپەز ناھايىتى خىجىل بولغان ھالدا:

 

 

---مېھمان، بىر تاللار چىۋىن ئىكەنغۇ، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ تەخسىدىكى قورۇمىنى سىزدىن بالدۇر يەپ بولالمايدۇ،- دەپتۇ.

مايمۇن

 

 

بىر كۈنى باغدادتىكى بىر ئاقسۆڭەك بىرسىدىن سوراپتۇ: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

--- قانداق قىلسام مايمۇننى كۆرەلەيمەن؟

 

 

--- ئەينەككە قارىسىڭىزلا.
 

مەست

 

 

ئىككى مەست رېلىس ئۈستىدە كېتىپ بېرىپ قاقشاپتۇ:

--- نېمانداق تۈگىمىگەن پەلەمپەي بۇ؟

 

 

---شۇنى دەيمەن، تۇتقۇچى تېخى يەردىكەن.

 

 

ئۇخلاپ قالدى

ئوغلى ئۇخلىغىلى ئۇنىماپتۇ. دادىسى ئۇنىڭغا ھېكايە ئېيتىپ بېرىپ ئۇخلاتماقچى بوپتۇ. بىر سائەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، دادىسى ئوغلىنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقماپتۇ. بىر چاغدا ئاپىسى ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ پەس ئاۋازدا:

--- ئۇ ئۇخلىدىمۇ؟- دەپ سوراپتۇ. ئىز تورى بەك ياخشى

--- ئۇخلاپ قالدى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئوغلىمۇ پەس ئاۋازدا.

 

 

لوگىكىلىق خۇلاسە

 

 

پروفېسسورنىڭ قىزىنى مەكتەپتىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن. بىر كۈنى پروفېسسور لوگىكا دەرسىدە: <<كىتاب ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە، ئۈستەل يەرنىڭ ئۈستىدە، شۇڭا كىتاب يەرنىڭ ئۈستىدە>> دەپ سۆزلەۋېتىپ، ئالدىنقى قاتاردا ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىغا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىسال كۆرسىتىشنى بۇيرۇپتۇ. ئوقۇغۇچىسى جاۋاب بېرىپ: << مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىز قىزىڭىزنى ياخشى كۆرىسىز، شۇڭا مەن سىزنىڭ قىزىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن>>دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

 

 

ئوقۇتقۇچىغا ئوخشايمەن

ئوقۇتقۇچى: دەرس باشلانغاندىن تارتىپ توختىماي سۆزلەپ چىقتىڭ، قېنى دەپ باقە، سەن زادى ئوقۇغۇچىغا ئوخشامسەن؟

 

 

ئوقۇغۇچى: ئوخشىمايدىكەنمەن.

ئوقۇتقۇچى: ئۇنداقتا، سەن كىمگە ئوخشايدىكەنسەن؟

ئوقۇغۇچى: ئوقۇتقۇچىغا.

نېمىنى ئويلىدىڭ

 

 

قاتتىق سوغۇق بولغان بىر كۈنى، بىر ئوغرى پاختىلىق چاپان ئوغرىلاپ تۇتۇلۇپ قاپتۇ.

 

 

سوتچى: بۇ چاپاننى ئوغرىلىغان چاغدا سەن نېمىنى ئويلىدىڭ؟

ئوغرى: ئەگەر تۇتۇلۇپ قالمىسام ئىسسىق پاختىلىق ئېرىشىدىغىنىمنى، تۇتۇلۇپ قالسام ئىسسىق تۇرار جايغا ئىگە بولىدىغىنىمنى ئويلىدىم.

يەڭگە بىلەن سىڭىل

سىڭلىسى: يەڭگە، سىز دەپ بېقىڭە، لايىق تاللىغاندا ئاپىسى يوقنى تاللايمۇ ياكى يەڭگىسى يوقنى تاللايمۇ؟

 

 

يەڭگىسى: ئەڭ ياخشىسى سىڭلىسى يوقنى تاللاڭ

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز