ۋىتامىن E زەرەتلىنىشكە تاقابىل تۇرالايدۇ.
ھاۋانىڭ سوۋۇشى ۋە قۇرغاقلىشى بىلەن زەرەتلىنىش ئەھۋالى كۆپ كۆرىلىدۇ ، كىيىم سالغاندا ، ئىشىك تۇتقۇچىنى تۇتقاندا پەيدا بۇلىدىغان زەرەت كىشنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ ، ئامىرىكىلىق مۇتەخەسىسلەر بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىشتى ؛ زەرەت بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەندە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارلىقتا توك تىپىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ ، بۇنىڭغا ۋىيتامىن E بىلەن تاقابىل تۇرغىلى بۇلىدۇ چۈنكى ۋىتامىن E زەرەت يىغىلىشنى تۇسالايدۇ ، شۇڭا ئاسان زەرەت پەيدا بۇلىدىغان جايلارغا ، خېمىۋىيلىك تالالىق كىيىم- كېچەكلەرگە ، پايپاقلارغا ۋىيتامىن E بار مايلارنى نىپىز سۈرۈپ قويغاندا ، زەرەتلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ .
مۇتەخەسىلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى ؛ بۇنىڭدىن باشقا ئادەتتە سۇنى كۆپ ئىچىش، كالتىسىي ۋە ۋىيتامىن C تۇلۇقلاش ، ئاق تۇرۇپ ، يىسىۋېلەك دېگەندەك ئاق رەڭلىك كۆكتاتلارنى كۆپ يىيشى بەدەندىكى زەرەتلەرنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ ، زەرەتلىنىشنى ئازايتىدۇ ، يەنە ئۆي ھاۋاسىنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ زەرەتنىڭ يىغىلىشنى ئازايتىپ ، توپا -چاڭنىڭ يىغىلىشنى ئازايتىدۇ .