ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
1. كۈندە ئەتىگەندە بىر ئىستاكان لىمون سۈيى ئىچىڭ. لىمون سۈيىنىڭ ئاشقازان-ئۈچەينى تازىلاش رولى بولۇپلا قالماستىن، يەنە تېرىنى ئاقارتىش ئۈنۈمى بار.
2. ئۆيدە بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر ۋە چىراغ يورۇقى تېرىنى مەلۇم دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، شۇڭا چىڭقى چۈشتە ئىمكانقەدەر سىرتقا چىقىشتىن ساقلىنىڭ.
3. ھەر كۈنكى گىرىمىڭىزنى يۇيۇۋېتىڭ، يۈزىڭىزدىكى گىرىم قالدۇقلىرى بىلەن ئۇخلىماڭ.
4. ھەر كۈنى ئەڭ ياخشىسى 5 خىلدىن ئارتۇق كۆكتات يېيىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ، قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىڭ، بۇ بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىغا پايدىلىق.
5. كەيپىياتىڭىز ياخشى بولسۇن، كەلسە-كەلمەس ئاچچىقلىنىش، ناچار مىجەز ئىممۇنېت كۈچىڭىزنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئىچكى ئاجرالمىلارنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
6. تېرىڭىزنى تېخىمۇ ئاق بولسۇن دېسىڭىز، ئەڭ ياخشى كۈندۈزلۈك، كەچلىك دەپ ئايرىلغان ئاقارتقۇچى بۇيۇملارنى ئىشلىتىڭ.
7. ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۈت ئىچسىڭىز، ھەم بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىغا پايدىلىق ھەم تېرىنىڭ ئاقىرىشىغا پايدىلىق.
8. ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش تېرىنى ئاقارتىشتىكى مۇھىم قەدەم. ھەر كۈنى، ھەر سائەت خۇشال يۈرۈڭ، ھۆسنىڭىزگە چەكسىز ئوزۇق بەخش ئېتەلەيسىز.
9. تېرە فىزىئولوگىيىلىك دەۋرىيلىكتە تۇرغاندا، ئورگانىزىم ناھايىتى ھارغىن ھالەتتە تۇرىدۇ. يۈز تېرىسى سارغىيىپلا تۇرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشىڭىز تېرىڭىزنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئۇپىنى قېلىن سۈرۈۋالماڭ، تېرىڭىزنى يېتەرلىك ئارام ئالدۇرۇڭ.