ئادەمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى نېمە بەلگىلەيدۇ؟ نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەگەر ئادەمنىڭ تېنى «تەڭپۇڭ» ھالەتتە تۇرسا، ئادەمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەمىشە ياخشى بولىدۇ، ئادەمنىڭ تەن ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلىرى مەسىلەن، يۈرەك رېتىمى، قان بېسىمى، قان شېكرى سەۋىيىسى قاتارلىقلار كۆڭۈلدىكىدەك دائىرىدە بولىدۇ.
ئەمما جىددىلىشىشتىن بولغان غىدىقلىنىش بۇنداق «تەڭپۇڭلۇق»نى بۇزۇپ تاشلىيالايدۇ، بىزنىڭ تېنىمىز تاشقى جاراھەت قاتارلىق فىزىئولوگىيىلىك جىددىيلىشىشتىن بولغان غىدىقلىنىشقا ئىنتايىن سەزگۈر، ئىنكاسى تېز بولسىمۇ، پسىخىك جەھەتتىكى جىددىيلىشىشتىن بولغان غىدىقلىشقا ئامالسىزدۇر. ئۇزاق مۇددەت پىسخىك جەھەتتىكى جىدديلىشىش بولغان غىدىقلىش ھالىتىدە تۇرغاندا، ئادەم ئاسانلا كېسەل بولىدۇ. يەنى، يۈرەك قان تومۇرنىڭ ئىقتىدارى ئۇشتۇمتۇت كۈچىيىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، يۇقىرى قان بېسىم پەيدا بولىدۇ، تەندە ساقلانغان ئېنېرگىيە ئۇشتۇمتۇت خوراپ، ئاسانلا IIتىپلىق دىئابىت كېسىلى كۆرۈلىدۇ، ھەزىم قىلىش، ئۆسۈش توقۇلمىلارنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋە قايتا ئۆسۈش ئىقتىدارى ئۇزاققىچە ئىشلىمەيدۇ، ئۈچەي-ئاشقازان بۇزۇلۇپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈش-يېتىلىشى ئاستا بولىدۇ، ئاياللارنىڭ تۇخۇم چىقىرىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، ئەرلەرنىڭ ھېسياتى قوزغالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بۇ ئەھۋاللار ئۇزاققىچە ئۆزگەرتىلمىسە، ئاخىرى ئىممۇنىت سېستىمىسى كاردىن چىقىپ، ئادەم تېنىنىڭ مۇداپىئە توسىقى ئۈزۈل-كېسىل بەربات بولىدۇ.
پۈتكۈل جەمئىيەتتە خۇددى ئوخشاشمىغان نامراتلار ئوخشاشمىغان فىزىئولوگىيىلىك ۋە پىسخىك بېسىم، مەسىلەن ئاچارچىلىق، ئايلىق تاپاۋىتىنىڭ يەتمەسلىكىدىن ئەنسىرەشكە دۇچ كەلگىنىگە ئوخشاش، ئوخشاشمىغان بايلارمۇ ئوخشاش مۇنداق فىزىئولوگىيىلىك ۋە پىسخىك بېسىم مەسىلەن، ئۇخلاش ۋاقتى بارغانسېرى قىسقىراپ كېتىش، كۈنسېرى خىزمەتنىڭ «قۇلى»غا ئايلىنىپ قېلىشقا دۇچ كەلمەكتە. بەلكى ئاۋارىچىلىققا يولۇققان ھامان جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكىلەرنىڭ جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى تېخىمۇ تەس بولۇپ، دۇچ كەلگەن ئاۋارىچىلىقتىن يالغۇز ئۆزى قۇتۇلماقتىن باشقا ئامال يوقتۇر. بۇنداق پسىخىك جەھەتتىكى جىددىيلەشتىن بولغان غىدىقلىنىش ئادەم تېنىدە ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولىدۇ ھەم ئاستا-ئاستا ئەۋج ئالىدۇ. تەتقىقات نەتىجىسى شۇنى كۆرسەتتىكى، بۇ ھال ئادەم تېنىنىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارنى ئاجىزلىتىپلا قالماي، يەنە مەلۇم تۈردىكى نېرۋا ھۈجەيرىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن. بۇ مەلۇم جەھەتتىن كىشىلەرگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بار ئاماللار بىلەن ياخشى روھىي كەيپىياتنى ساقلىغاندىلا،ئادەم ئۆزىنىڭ تېنىگە يۈز كېلەلەيدۇ.
«ھاياتلىق» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.