ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا مۇنداق دېدى: زۇكامداپ قالغان بەزى بالىلارنىڭ كۆزى قىزىرىدۇ، يەنە بىلىپ-بىلمەي كۆزىدىن ياش ئاقىدۇ، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا كۆزىنى چاپاق بېسىپ كېتىدۇ، بۇ، بالىلارنىڭ بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇشقا باشلىغانلىقىنىڭ بىشارىتى.
مۇتەخەسىسلەر يەنە مۇنداق دېدى: بالىلار زۇكامداپ قالغاندا ئىممۇنېت كۈچى ئاجىزلايدۇ، بولۇپمۇ كۆزىنىڭ ئىممۇنىت كۈچى بەكراك تۆۋەنلەپ كېتىدۇ-دە، توختىماي كۆزىنى ئۇۋۇلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆزگە مىكروب كىرىپ ياللۇغلىنىشنى پەيداقىلىدۇ؛ ئەگەر بالىلارنىڭ شەخسىي تازىلىقى ياخشى بولمىسا، ھەمدە ئۇلار كىر قولى بىلەن كۆزىنى تۇتسا ياللۇغلىنىشنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ ھەتتا بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.