تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئەرلەر نەزىرىدىكى ياخشى ئايال

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

1. ئېرىگە ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ئۆزى، شۇنداقلا ئائىلىسى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرالىغان ئايال.

 نۇرغۇن ئاياللار ئېرىنىڭ بىر مەزگىل سىرتقا قاراپ قېلىشقا بەرداشلىق بېرەلمەي ئائىلىسىنى بۇزماقچى بولىدۇ. شۇنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭكى، بۇ پەقەت ئۆتكۈنچى مەزگىل. ئېرىڭىزنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنسىز، ئۇنى چىن مۇھەببىتىڭىز ئارقىلىق قايتۇرۇپ كېلىڭ.

2. ئېرىنىڭ كەمچىلىكىنى توغرا چۈشىنەلەيدىغان ئېغىر بېسىق ئايال.

ئەمەلىيەتتە ئەرلەر ئائىلىسىگە، خوتۇنىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇڭا سىز ئۇنىڭ بەزىبىر كەمچىلىكىگە، نۇقسانلىرىغا يول قويۇڭ، ھەدىدىن زىيادە زىغىرلاپ كېتىشمۇ ئۆزىڭىزگە پايدىسىز.

3. پاكىز، رەتلىك، چېۋەر ئايال.

ئەرلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئايال ئائىلىنىڭ زىننىتى ھېسابلىنىدىكەن. ئەرلەر ئاياللارنىڭ يۈرۈش تۇرۇشى، تۇتقان ئۆيى ئۇنىڭ ھەقىقى قىياپىتى، دەپ قارايدىكەن.

4. ئېرىنى شۇ ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى دەپ ھۆرمەتلەيدىغان ئايال.

 ئۆيدىكى ئۇششاق چۈششەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئايال زىممىسىگە ئالغان بولغاچقا، ئائىلىدىكى تۈۋرۈك مەسىلىسىدە ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئېرىڭىزنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىڭىز ۋە مۇھەببىتىڭىز خالاس.

5. ئېرىگە يالغۇز پائالىيەت قىلىدىغان مۇھىت يارىتىپ بېرەلەيدىغان ئايال.

 ئەمەلىيەتتە ئەرلەر يالغۇزلۇقتىن ئەڭ قورقىدۇ، توي قىلغان ئەرلەرنىڭ تەنھالىقى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن زېرىككەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە، ئايالىغا ئايرىم پائالىيەت سورۇن ھازىرلاش ئىكەن.

6. ئېرىنىڭ مۇئامىلىسىنى توغرا چۈشىنەلەيدىغان ئايال.

 ئەرلەرنىڭ باشقىلار ئالدىدا خوتۇنىغا ناھايىتى قىزغىنش ئۆيىدە بولسا ئادەتتىكىدەك مۇئامىلە قىلىشى ئىنتايىن نورمال. لېكىن نۇرغۇن ئاياللار ئېرىنىڭ بۇ خىل مۇئامىلىسىدىن ئاغرىنىدۇ، ئويلاپ بېقىڭ، ئېرىڭىز ئۆيدىمۇ سىزگە ئالاھىدە تەكەللۇپ بىلەن مۇئامىلە قىلسا سىز بۇنىڭدىن گۇمانلانماي تۇرالامسىز؟ 

7. جېدەللىشىپ قالغاندا ئېرى بىلەن تاكاللاشمايدىغان ئايال.

ئەرلەر ئائىلىدە ئۆزىنىڭ بەلگىلىك ئورنى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ئەگەر ئېرىڭىز سىزگە چېچىلسا، پۇتاق تاپسا، سىز ئۇنىڭ بىلەن ئارتۇق تاكاللاشمىسىڭىز، ئۇنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ ئېسىل ئايال بولالايسىز.

8. باشقا ئەرلەرگە مۇئامىلە قىلىشتا دىققەت قىلىدىغان ئايال.

ئەرلەرمۇ ئاياللارغا ئوخشاشلا ھەسەتخور كېلىدۇ، شۇنداقلا خوتۇنىنىڭ باشقا ئەرلەر بىلەن چاقچاقلىشىپ تۇرغان ھالىتىنى كۆرۈشنى ياقتۇرمايدۇ. شۇڭا، ئاياللار ئەر خىزمەتداشلىرى، دوستلىرىغا مۇئامىلە قىلىشتا ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك. 

9. ئۆيدىكى ئىشنى تالاغا يايمايدىغان ئايال.

ئائىلە دېگەندە ئۇنداق-بۇنداق گەپ سۆزلەر بولىدۇ. ئايال كىشى بۇنى ياتلارغا دەپ يۈرسە ئېرىنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىدىكەن.

10. ئېرىنى باشقا ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرمايدىغان ئايال.

ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئېرىڭىزنى باشقا ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن ھەزەر ئەيلەڭ، سىز باشقىلارنىڭ ئېرىنى قانچە ياخشى دېسىڭىزمۇ، باشقىلار ياخشى ئېرىنى سىزگە بەرمەيدۇ. شۇڭا ئېرىڭىزنى ھەر ۋاقىت قەدىرلەشنى بىلىڭ. 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز