ھايۋانات جىگىرىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇ تۆمۈر ۋە قان تولۇقلاشتىكى ياخشى يېمەكلىك. لېكىن ھامىلدار بولغاندا مۇۋاپىق يېيىش كېرەك. چۈنكى ھايۋانات بېغىرىنىڭ قاننى جانلاندۇرۇش رولى بار بولۇپ، ھامىلدارلار ھامىلدار بولغان ئالدىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە جىگەرنى كۆپ يېسە بالا چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھايۋانات بېغىرىدا مول بولغان ۋىتامىن A بار بولۇپ، بۇ ھامىلىگە پايدىسىز. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھايۋانات بېغىرىنى بەك كۆپ يېگەندە، ھامىلىنىڭ بىنورمال تۇغۇلۇپ قېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن.