خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇدۇن سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى
خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇدۇن سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تۇرغۇنجان مەسۇم، شىرئەلى ئېزىز، تۇرسۇنجان مەسۇم قاتارلىق كىشىلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن 1999-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، داڭلىق ماركىلىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ئۆي جاھازلىرى، ئىشخانا ئەسلىھەلىرىنى سېتىش، ئۆي-مۈلۈك، كان بايلىقى قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەنگە ئالدۇرغان مەبلىغى 10 مىليون يۈەن. سېتىش كۆلىمى 10000 كىۋادىرات مېتىر ئەتراپىدا، ھەرقايسى ناھىيە، يېزا-بازارلاردا 40 دىن كۆپرەك سېتىش نۇقتىلىرى بار.
شىركەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرى: ئاسپىرانت 1 نەپەر، تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەنلەر 10 نەپەر، مەخسۇس كۇرسنى پۈتتۈرگەنلەر 20 نەپەر، قالغانلار تولۇق ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم سەۋىيىسىگە ئىگە.
شىركەت تەرەققىيات تارىخى
1998-يىلى 4-ئايدا، خوتەن ۋىلايەتلىك ئاممىۋى سەنئەت سارىيىنىڭ يېنىدىكى كىچىك دۇكاندا تىجارەت باشلاپ، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى ساتقان.
1999-يىلى، خەيئېر گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇدۇن شىركىتىنى قۇرغان. ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى ۋە ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش بۇيۇملىرىنى سېتىش بۆلۈمى، ئۆي جاھازلىرى ۋە ئىشخانا جابدۇقلىرىنى سېتىش بۆلۈمى، ئۆي-مۈلۈك تەرەققىيات بۆلۈمى، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بۆلۈمى تەسىس قىلىپ، تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتكەن.
2004-يىلى، خوتەن شەھىرىنىڭ ئالتۇن سودا بەلبېغىدا 6 قەۋەتلىك ئۇدۇن سودا بىناسى سالغان، بۇ جەرياندا ئۇدۇن ئائىلە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى، ئۇدۇن ئۆي جاھازلىرى شىركىتى، شىنجاڭ قارلەيلىسى خەلقئارا مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى، ئۇدۇن ئۆي-مۈلۈكچىلىك ئېچىش شىركىتى قاتارلىق تۆت تارماق شىركەت تەسىس قىلغان.
2013-يىلى، خوتەندە 200 مو كۆلەمدە ئۇدۇن تاموژنا ئىسكىلاتى ۋە خوتەن بېيجىڭ سانائەت تەرەققىيات رايونىدا 500 مو كۆلەمدە كۆكەرتىش مەيدانى تەسىس قىلغان. خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى 7 ناھىيە، بىر شەھەر ۋە قوشنا ۋىلايەتتىكى قاغىلىق، يەكەن قاتارلىق ناھىيەلەردە تارماق سېتىش نۇقتىلىرىنى قۇرغان.
2013-يىلى، دۇبەي-ئۇدۇن خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى دۇنيا سودا مەركىزى بولغان دۇبەيدە قۇرۇپ ئىش باشلىغان.
2012 -2017-يىللىق ش ئۇ ئا ر سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن باش سودىگەر ئۇيۇشمادېگەن نامغا ئېرىشكەن.
10-نۆۋەتلىك 2012-2017 ش ئۇ ئا ر سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى (باش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى) تەرىپىدىن دائىمى ھەيئەت ئەزا كارخانا بولغان.
خوتەن ۋىلايەتلىك سىياسى كېڭەشكە ئەزا كارخانا بولغان.
3-نۆۋەتلىك 2012.11-2017.11 خوتەن ۋىلايەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن مۇئاۋىن رەئىس كارخانا بولغان.
2006-، 2007-يىلى، خوتەن ۋىلايەتلىك س س م ب ئىدارىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك يەككە ئەمگەكچىلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن شەرەپ چولپىنى نامغا ئېرىشكەن.
2010-يىلى، خەيئېر گۇرۇھى تەرىپىدىن سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىدىكى مەملىكەت بويىچە 10 مۇنەۋۋەر كارخانا دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
ئۈرۈمچى خەيئېر سودا چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن تېز سۈرئەتتە زورايغان چولپان» شەرىپىگە ئېرىشكەن.
باج تاپشۇرۇشتىكى چولپان كارخانا بولغان.
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى
شىركەت ئادرېسى: خوتەن شەھەر غەربىي بېيجىڭ يولى 65-نومۇر
باش شىركەت تېلېفون نومۇرى: 6180999-0903
ئۈرۈمچى ئىش بېجىرىش ئورنى ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھرى خەلق يولى 35-نومۇر
ئۈرۈمچى ئىش بېجىرىش ئورنى تېلېفون نومۇرى: 2846111-0991
ئېلخەت ئادرېسى: admin@udun.com.cn