ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
كىشىلەر باشقىلارنى يوقلىغاندا پېچىنە قاتارلىق تاتلىق- تۈرۈملەرنى ئېلىپ بارىدۇ، بۇنداق يىمەكلىكلەرنى ياشانغانلار ياقتۇرۇپ يەيدۇ. بىراق ياشانغانلار، بولۇپمۇ قان بېسىمى يۇقىرى ياشانغانلار تاتلىقنى كۆپ يېسە يۈرەك قان تومۇرلىرى خەۋپكە دۇچ كېلىدۇ.
مۇتەخەسسىلەر مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ: ياشانغانلار كۈندە 20گرامدىن 30گرامغىچە قەنت قوبۇل قىلسىلا كۇپايە، ئىككى ئۈچ پېچىنىنىڭ قەنت مىقدارى 20گرامدىن ئاشىدۇ، ئادەتتە بىر بوتۇلكا 500مىللىلىتىر تاتلىق ئىچىملىكتە 40گرامدىن 50گرامغىچە قەنت بولىدۇ، يەنە پۇرچاق ۋە قارا كۇنجۇت تالقىنىدىمۇ قەنت كۆپ، شۇڭا بۇلار ياشانغانلارغا ياقمايدۇ.