سەككىز ئەسكەر بىر كۈن رۇخسەت سوراپ شەھەرگە ئوينىغىلى كىرىپتۇ. بىراق ئەتىسى ئەتىگەندىمۇ قايتىپ چىقماپتۇ. سىرژانتنىڭ بەكلا ئاچچىقى كېلىپتۇ.
سائەت يەتتىدىن ئازراقلا ئۆتكەندە بىرىنچى ئەسكەر قايتىپ كەپتۇ:
— بەكلا ئەپسۇس كوماندىر، — دەپتۇ ئۇ سىرژانتقا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، — سائىتىم كېيىن قاپتىكەن، پويىزغا ئۈلگۈرەلمەي بىر كىرا ماشىنىسىغا چىققانىدىم. بىراق، يېرىم يولدا ماشىنا بۇزۇلۇپ قالدى. بىر كەنتتىن بىر ئات سېتىۋالغانتىم، كىم بىلسۇن، ئۇ ئات ئۆلۈپ قالدى. ئاخىرى ئون چاقىرىمدىن كۆپرەك يولنى پىيادە بېسىپ قايتىپ كەلدىم.
سىرژانت ئۇنىڭ گەپلىرىدىن ناھايىتى تەسىلىنىپ كېتىپتۇ. ھايالشىمايلا قالغان ئالتە ئەسكەر ئارقا-ئارقىدىن كېلىشكە باشلاپتۇ. ھەممىسىلا ئوخشاشلا پويىزغا خاتا چىقىپ قالغانلىقى، ماشىنا كىرا قىلغانلىقى، ئات سېتىۋالغانلىقىنى دەپتۇ. سىرژانتنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كېلىپ تۇرۇشىغا، ئەڭ ئاخىرقى بىر ئەسكەرمۇ يېتىپ كەپتۇ.
— مەن پويىزغا خاتا چىقىپ قېلىپ، ئاندىن ماشىنا كىرا قىلىپ...
— ئاغزىڭنى يۇم! — سىرژانت غەزەپ بىلەن ۋارقىراپتۇ، — سەنمۇ ماشىنا بۇزۇلدى، دېمەكچىما؟
— ياق، كوماندىر، — دەپتۇ ئەسكەر، — ماشىنا بۇزۇلمىدى، بىراق، نۇرغۇنلىغان بۇزۇلۇپ قالغان ماشىنا ۋە ئۆلۈپ قالغان ئاتلار يولنى توسۇۋېلىپ، ماشىنا ئۆتەلمەي قالدى.