HTCشىركىتى مۇشۇ ئاينىڭ بىشىدا دۆلەت ئىچى بازىردا 5سۇڭلۇق يۇقىرى ئىنىقلىقتىكى ئىكرانلىق HTC Butterflyنى تونۇشتۇرغان، دۆلەت ئىچىدىكى خەۋەرلەرگە قارغاندا بۇ خىلدىكى چوڭ ئىكرانلىق تۆت يادرولۇق مەھسۇلات مۇشۇ ھەپتىنىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچى بازىرىغا چىقىدىكەن. نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا HTCباشقۇرغۇچ تەرەپ ، ئامىرىكا ۋە جىڭدوڭ سودا شەھەرچىسىHTC Butterflyنىڭ ئالدىن زاكاس قىلىنىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندى، ھەمدەHTC باشقۇرغۇچ تەرەپ مىكرو بىلوگىدا بۇ خىلدىكى 5سۇڭلۇق بايراقدار مەھسۇلات Butterfly نىڭ 12-ئاينىڭ 29-كۈنى رەسمى ھالدا سىتىشقا كىرىشتۈرۈلدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. HTC Butterfly نىڭ سىتىلىش باھاسى بولسا 4799يۈەن، ئالدىن زاكاس قىلغان ئابۇنىتلار نۆۋەتتە ئارقا-ئارقىدىن مال تاپشۇرۋىلۋاتىدۇ، باشقا ئابۇنىتلار بولسا يەنە سىتىش دۇككانلىرىغا بىرىپ سىتۋالسا بولدىكەن!