يەر شارى تورى ساغلاملىق قانىلى خەۋىرى: ھازىرقى زامان جەمئىيىتى بارغانسېرى كۆپ خىللاشماقتا، كۆپلىگەن ئەرلەر توي قىلماسلىقنى تاللىدى، بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ ئەركىن بولغىلى بولىدۇ دەپ قارىدى. ئامېرىكا ئەرلەر ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەدە توي قىلغانلار سانى 150 يىلدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان؛ ئامېرىكىدا سەھىيە ۋە ئىنسانلار ساغلاملىقى مەھكىمىسى 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ، نىكاھلىنىشنىڭ پايدىسىنى تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەرنى توي قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغان. ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن تېببىي مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا بىرلىكتە « ئەرلەرنىڭ چوقۇم توي قىلىشىنىڭ 10 چوڭ سەۋەبى»نى يەكۈنلۈپ چىققان، تېخى توي قىلمىغان ئەرلەر تېز ھەرىكەتلىنىڭ.
1.نىكاھ سىزنى تېخىمۇ كۆپ جىنسىي تۇرمۇشقا ئىگە قىلىدۇ. توي قىلغان ئەرلەر توي قىلمىغان ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك جىنسىي تۇرمۇشتىن بەھرىمان بولىدۇ، بۇ قايتا-قايتا دەلىللەشتىن ئۆتكەن. ئامېرىكا نىكاھ تەكشۈرۈش تەتقىقات ئورگىنىنىڭ بىر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا توي قىلمىغان ئەرلەرنىڭ بىر يىلدا ئادەتتە %23 ۋاقتىدا جىنسىي تۇرمۇش يوق ئىكەن، لېكىن توي قىلغان ئەرلەردە بۇ نىسبەت پەقەت %1 ئىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بويتاق ئەرلەر جىنسىي تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت ۋە ئىقتىساد سەرپ قىلىدىكەن، توي قىلغان ئەرلەر ھەر ۋاقىت بەھرىمان بولالايدۇ.
2.نىكاھ جەمەتىڭىزنى گۈللەندۈرىدۇ. دەۋرنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، نىكاھ يەنىلا ئائىلە قۇرۇش، ئەۋلاد كۆپەيتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك شەكلى. ئەرلەرنىڭ ئۆزىنىڭ گېنىنى يەتكۈزۈشتە تۇغما ئىنتىلىشى بار، ئاتا بولۇشمۇ ئەرلەرنىڭ مۇھىم بۇرچلىرىنىڭ بىرى.
3.نىكاھ كەسپتە تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇرىدۇ. نىكاھ باشقىلار بىلەن بىرلىكتە چىقىم قىلىش، بىرلىكتە يۇقىرى سوممىلىق مەھسۇلات سېتىۋېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. نىكاھ سىزنى بويتاقلاردا يوق نەرسىلەرگە، تېخىمۇ راھەت ئائىلىگە، تېخىمۇ ياخشى ئاپتوموبىلغا، تېخىمۇ راھەت دەم ئېلىشقا ئىگە قىلىدۇ، بۇلار ئۈچۈن سىز تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەيسىز، كەسپتە تېخىمۇ ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسىز.
4.نىكاھ بېسىمىڭىزنى يېنىكلىتىدۇ. تۇرمۇشتا ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاساس بېسىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. 2010-يىلى قىلىنغان بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۈپتى ھەمرا بولغان ئەرلەرنىڭ تېنىدىكى بېسىمۇ ھورمۇنى سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ، بېسىمغا يۈزلەنگەندە تەڭشەش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان.
5.نىكاھ سىزنى تېخىمۇ سېھرىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. نېمىشقا توي قىلغان ئەرلەر بويتاق قىزلارنى ئاسانلا جەلىپ قىلىۋالىدۇ؟ چۈنكى توي قىلغان ئەر ھەقىقەتەن سېھرىي كۈچكە ئىگە ھەم تېخىمۇ جەزبىدار. توي قىلغان ئەرلەرنى ھاراق ئىچىشى، تاماكا چېكىش مىقدارى ئازلايدۇ، خىزمەت ۋە دەم ئېلىشى تېخىمۇ نورمال بولىدۇ، ئادەمگە تېخىمۇ مۇلايىم مۇئامىلە قىلىدۇ، مەسئۇلىيەتچانلىقى بولىدۇ، بۇ ئاياللارنى جەلىپ قىلىدىغان جايلىرىدۇر.
6.نىكاھ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ. بويتاق ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، توي قىلغان ئەرلەرنىڭ مالىيە ئەھۋالى تېخىمۇ مۇقىم بولىدۇ، چۈنكى ئائىلىنىڭ مالىيە ئىشلىرى تېخىمۇ پىلانلىق بولۇپ، بەتخەجلىك ئەھۋالى ئازلايدۇ.
7.نىكاھ سىزنى قېرىغاندا تەنھا قويمايدۇ. سىز ھازىر ياش بولغان تەقدىردىمۇ، قىز دوستلىرىڭىز كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ھامان بىر كۈنى قېرىيسىز. 70 ياشقا كىرىپ قالغاندىمۇ يەككە-يېگانە بولسىڭىز نېمە دېگەن بىچارىلىك. نىكاھ كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان چوڭقۇر، بىر ئۆمۈر داۋاملىشىدىغان مۇھەببەتكە ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.
8.نىكاھ ئۆمرىڭىزنى تېخىمۇ ئۇزۇن قىلىدۇ. نىكاھنىڭ سالامەتلىككە بولغان ئەڭ چوڭ پايدىسى ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ، ئەرلەر ئېرىشىدىغان پايدا تېخىمۇ كۆپ، لوندون ئىقتىساد ئىنىستىتۇتى نوپۇس ئىلمى پروفېسسورى مايكول مۇرفى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىشىچە، توي قىلمىغان ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى توي قىلغان ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەرگە قارىغاندا ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، توي قىلىش ئەرلەرنىڭ بىر قىسىم ئەجەللىك تاسادىپىي ھادىسىلەردىن، زوراۋانلىق جىنايىتى ۋە ساقلانغىلى بولىدىغان تەبىئىي ئاپەتلەردىن يىراقلىشىشىغا ياردىمى بولىدىكەن.
9.نىكاھ كېسەللىرىڭىزنى ئازايتىدۇ. نىكاھ ئەرلەرنىڭ دىيابېت كېسىلى، يۈرەك كېسىلى، دىۋەڭلىك كېسىلى، ئۆپكە كېسىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ. بۇنىڭدا، ئەرلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەڭ كۆرۈنەرلىك. 2009-يىلدىكى بىر تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، توي قىلغان ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، توي قىلمىغان ئەرلەرنىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش ئېھتىماللىقى ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
10.نىكاھ سىزنى تېخىمۇ «ئەر» قىلىدۇ. ياخشى بىر ھەمراھ سىزنى ھەقىقىي ئەركەق قىلىپ چىقىدۇ، سىز تېخىمۇ مۇستەقىل پىكىرلىك، مەسئۇلىيەتچان قىلىپ چىقىدۇ. جىنسىيەت جەھەتتە، رېتىملىق جىنسىي تۇرمۇش ئەرلەرنىڭ ئىسپېرما سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى قىلىپ، جىنسىي ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئۇزۇنغىچە ساقلايدۇ.