بۇرۇن بېزەكلىرى بۇرنىغا ئاسىدىغان ھالقا، بۇرنىغا ئاسىدىغان نۆكچە ئالتۇن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەسلەپتە ئەرەب دۆلەتلىرىدىن ھىندىستانغا تارقالغان، ئۇنىڭ ئەسلى مەنىسى ئات ئۇلاقلارنىڭ بۇرنىغا ئۆتكۈزۈلگەن ئارغامچىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، شۇ ئات ئۇلاقلارغا بولغان مۇتلەق «ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى» نى كۆرسىتەتتى. ئويلىمىغان يەردىن، ئۇنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيىتىدىن ھىندىستان ئەرلىرى تولۇق پايدىلانغان، ئۇلار ناھايىتى تېزلا ئاياللىرىغا بۇرۇن بېزەكلىرى ئېسىپ قويغان، ھازىر بۇرنىغا ئاسىدىغان ھالقا، نۆكچە ئالتۇنلار ھىندىستان ئاياللىرىنىڭ توي قىلغان قىلمىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان.
ھىندىستان ئاياللىرىنىڭ «بۇرۇن بېزىكى» ۋە «قۇلاق بېزىكى» كۈچلۈك مىللىي پۇراققا ئىگە. شۇ يەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ئاساسەن، توي قىلمىغان قىزلار ۋە ياتلىق بولۇپ بولغان ئاياللار دەل مۇشۇ ئىككى خىل زىبۇ زىننەتنى تاقىشىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ مەنىسىمۇ قەتئىي ئوخشىمايدۇ.
تېخى ياتلىق بولمىغان قىزلار ئادەتتە بۇرۇن بېزىكى تاقىمايدۇ. پەقەت ياتلىق بولغان چاغدىلا دەبدەبىلىك ھالدا تاقايدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ھىندىستاندا يەنە بىر خىل «مەڭ» مودا بولغان، يەنى ئاشۇ يۇمران رەڭ قىزىل بولسىمۇ، سېرىق بولسىمۇ، سۆسۈن بولسىمۇ، قارا بولسىمۇ بولىدۇ، ئاساسلىقى كىيىمنىڭ رەڭگىگە ماس كېلىشى كېرەك.
مەڭ ھۆسننى گۈزەللەشتۈرۈپ، يامان يەرلەردىن ساقلايدىكەن. ھىندىستاندا ئوخشىمىغان ياشتىكى ئاياللار، مەيلى ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى، مەرتىۋىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، يەنى پىشانىسىگە چوقۇم ماڭلاي سۇرۇخ سۈرتىشى كېرەك. سونىيە گەندىدىن ئىبارەت مۇشۇنداق قالتىس ئايالمۇ تويى بولغان كۈنى، ئېرى گلاۋ گەندىنىڭ ئالدىدا، تۇنجى قېتىم بىر تال «مەڭ» گە ئېرىشكەن. ئەنئەنىۋى «بۇرۇن بېزەكلىرى»، «قۇلاق بېزەكلىرى» تەبىئىيلا بىرسىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ ئەلۋەتتە.
توي قىلىپ بولغان ئاياللار چوقۇم بۇرنىغا تۆشۈك تېشىپ، قىممەتلىك ئالتۇن ھالقىلارنى ئېسىشى شەرت، بەزىلىرى ئالتۇن زەنجىر بىلەن بۇرۇن ھالقىسى ۋە قۇلاقتىكى ھالقىنى باغلاپ، ئالاھىدە بىر خىل بېزەك شەكىللەندۈرىدۇ. ئەلۋەتتە، رايون ئوخشىمىسا، تاقىۋالغان «بۇرۇن بېزەكلىرى»، «قۇلاق بېزەكلىرى»دىمۇ ئالاھىدە پەرق بولىدۇ. مەسىلەن، جەنۇبىي رايوندا، كېلىنچەك بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ ئىككى تەرىپىگە تۆشۈك تېشىپ، ئالماس ياكى نۆكچە ئالتۇن تاقايدۇ، ياكى سول بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ ئاستىغا مەرۋايىت نەقىشلەنگەن بۇرۇن ھالقىسى ئېسىۋالىدۇ. بۇندىن باشقا، پۇت بارماقلىرىغىمۇ ئۈزۈك سالىدۇ. شىمالدىكى رايونلاردا، كېلىنچەك بۇرنىغا ئالتۇن ھالقا ئاسقاندىن باشقا، بىر تال نەپىس، چىرايلىق ئالتۇن زەنجىر ئېسىۋالىدۇ، بۇ زەنجىرنىڭ بىر ئۇچى قۇلىقىغا ئېسىلغان بولىدۇ.