ھەربىر ئادەم ئاپئاق چىشى بولۇشنى خالايدۇ، شۇڭا بىز سىلەرگە چىشتىكى داغنى يوقىتىش ئۇسۇلىنى ئېلىپ كەلدۇق.
قانداق قىلىپ چىشتىكى داغنى تېز ئۇسۇلدا يوقاتقىلى بولىدۇ؟
بەش مىنۇتتا چىشتىكى داغنى چىقىرىش
ماتېرىيال: بىر تال بۆلجۈرگەن،1-2 قوشۇق ئېچىتقۇ، بۆلجۈرگەننى ئېزىپ، ئېچىتقۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، چىشىمىزغا سۈرتۈپ بەش مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇپ چىقىرىۋەتسەك بولىدۇ.
ئاپېلسىن پوستىنى قۇرۇتۇپ، ئۇۋىتىپ چىش پاستىسى بىلەن چىشىمىزغا سۈرتسەك چىش ئاقىرىدۇ.
ئۆيدىكى ئاچچىقسۇنى 1-3 مىنۇتقىچە ئاغزىمىزغا ئېلىپ، ئاندىن تۈكۈرىۋېتىپ، چىشىمىزنى چوتكىلىساق بولىدۇ، بۇ ئۇسۇلنى ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
چىشىمىزنى چوتكىلاپ بولغاندىن كېيىن لىمون سۈيى بىلەن ئاغزىمىزنى چايقىساق بولىدۇ.
5. ئېچىتقۇ پاراشوكىنى چىش چوتكىمىزغا سېلىپ چىش چوتكىلىساق، چىشنى ئاقارتقىلى بولىدۇ.
6. خام خۇاسىڭنى ئېزىپ چىش پاستىسىغا ئارىلاشتۇرۇپ چىشىمىزنى چوتكىلىساق بولىدۇ.
7. سىياھبېلىقىنىڭ سۆڭىكىنى قىرىپ، ئۇۋىتىپ چىشىمىزغا سۈرتسەك ئاقىرىدۇ.