تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئا كا سېنى سېغىندىم

جېنىم ئاكا سېنى قانچىلىك سېغىنقانلىقىمنى بىلەمسەن،،،،،

سېنڭدىن ئايرىلغىلى 1يىل4 ئايدىن ئېشىپتۇ،لېكىن سېنڭدىن ئايرىلغان ئاشۇ كۇنى خۇددى تۆنۈگۈنكىدەك ئېنىق ئېسىمدە،،

مەن سېنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرگەن چېغىمداسەن شۇنچىلىك خاتىرجەم ،شۇنچىلىك تاتلىق، كۆزۈڭنى شۇ قەدەر چىڭ يۇمغان ھالەتتە ئۇخلاۋېتىپتىكەنسەن.

شۇ چاغدا سېنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇرۇپ،سوۋۇپ كەتكەن قوللىرىڭنى،يۇزلىرىڭنى تۇتۇپ تۇرۇپ:‹‹جېنىم ئاكا كۆزۇڭنى ئاچقىنا،كۆزۇڭنى ئېچىپ ماڭابىر قارىغىنا،سەن دائىم: ‹بۇدۇنيالىقتا بىرلا ئوماق سىڭلىم بار› دەپ ئەركىلىتىدىغان سىڭلىڭ كەلدى......،مەن دەل شۇ ئوماق سىڭلىڭ ›› دەپ ۋارقىراپ يىغلاپ سىنى ئويغاتقۇم كەلدى.لېكىن باشقىلار سېنىڭ قوللۇرۇقنى،يۇزلىرىڭنى تۇتىۋېلىشىمغا،سېنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىر قۇچاقلاپ تۇرۇپ، سەن بىلەن خوشلىشىۋېلىشىمغا يول قويمىدى.... ئاكا، ساڭا دىسەم،سېنى راستىنلا بەك سېغىندىم......

سېنى ھەر دائىم ئويلىغىنىمدا يۇركۇمنىڭ قانچىلىك دەىجىدە ئاغرىيدىغانلىقىنى ،سېنى قانچىلىك سېغىندىغانلىقىمنى بىلەمسەن؟

سەنمۇ مېنى بۇ دۇنيالىقتىكى بىرلا سىڭلىم دەپ بىلگەندەك،مەنمۇ سېنى بۇ دۇنيالىقتىكى بىرلا ئاكام دەپ بىلەتتىم،سېنى تاغدەك يۆلەنچۇكۇم دەپ ئويلايتىم.

لېكىن ھازىرچۇ ؟

ھازىر، سەن قېشىمدا يوق،مېنى مەڭگۈلۇك تاشلاپ كەتتىڭ.ھازىر ئۆزەمنى خۇددى بىر قانتىدىن ئايرىلغان قۇش بالىسىدەكلا ھېس قىلدىغان بولۇپ قالدىم.

جېنىم ئاكا،ماڭا بىر جاۋاپ بەرگىنە:ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن،بۇ سەنسىز كۈنلەرنى قانداق ئۆتكۈزىمەن .نىمىشقا مېنى تاشلاپ كىتىسەن،نىمىشقا مەندەك بىر قېرىندىشىڭنى بىللە ئېلىپ كەتمەيسەن،ئەمدى مەن زادى قانداق قىلىمەن؟

ھازىر يۇركۇمنىڭ قانچىلىك ئاغرىۋاتقانلىقىنى .پارە-پارە بولۋاتقانلىقىنى ھېس قىلۋاتقان،ياشلىرىمنىڭ قانچىلىك تۆكۈلۋاتقانلىقىنى كۆرۋاتقان بولىشىڭ مۇمكىن...

بۇ كۇنلەر ئۆتكەنچە،تۇنلەر ئۇزارغانچە ساڭا بولغان سېغىنىشىم بارغانچە كۈچىيىپ بېرۋاتماقتا.

ھەر دائىم سېنىڭ قەبرەڭنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە،ساڭا ئاتاپ دۇئا قىلغاندا،مەن يەنىلا ئۆز-ئۆزەمگە ئىشەنمەي قالىمەن.خۇددى چۇش كۆرۋاتقاندەك،سېنى بۇ دۇنيادا باردەك،خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن يىراق جايغا كەتكەندەكلا ھېس قىلىمەن.

لېكىن تەغدىرگە تەن بەرمەي نىمە ئامال.....................

بۇ رەھىمسىز تەغدىر سېنى ئېلىپ كەتتى.مېنى ئاكامدىن،ئاچامنى ئامراق ئىنىسىدىن،كىلىن ئاچامنى ئۆمۇرلۇك ھەمرايىدىن،ئاتا-ئانامنى بولسا يۈرەك پارىسىدىن ئايرىدى.بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ھەسرەتتە قويدى.بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ خۇشاللىقىنى سەن بىلەن بىللە ئېلىپ كەتتى.

لېكىن ئاكا،ھازىر مېنىڭ خۇشال ئۆتۇشۇم مەن ئۈچۇن مۇھىم ئەمەس ...

مەن ئۈچۇن مۇھىمى ئاتا-ئانامنىڭ،قېرىنداشلىرىمنىڭ خۇشاللىقى. يەنە ھەممىدىن مۇھىمى،سېنىڭ ئاخىرەتلىك ئېشلىرىڭنىڭ ياخشى بولۇشى...

دائىم ئۇلۇغ ئاللادىن :‹ئاكامنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئاسان قىلغايسەن ئاللاھ،گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغايسەن ئاللاھ،ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئاسان قىلغايسان ئاللاھ، قەبرىسىنى كەڭ قىلغايسەن .ئاللاھ، جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىنى كەڭ-كەڭ ئوچۇق قىلىپ،جەننەتنىڭ ئەڭ ياخشى جايلىرىدىن ئورۇن بەرگەيسەن ئاللاھ ››دەپ تىلەيمەن.

جېنىم ئاكا،مەن ھەر دائىم سېنى سېغىنغاندا مۇشۇ دۇئالىرىم ئارقىلىق كوڭلۈمگە تەسەللى تاپىمەن ھەم سېنى قېشىمدا باردەك ھېس قىلىمەن،،،

ئاخىرىدا ئاكا ،ساڭا كۆپتىن- كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن،،،،سېنىڭ ئائىلىمىزگە ،ۋاپادار،ئىنساپلىق،پەرىشتە سۈپەت كېلىن ئەكىرىپ بەرگىنىڭگە رەخمەت ئېيتىمەن..

يەنە بىر قېتىم ئاللاھتىن سېنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىڭنىڭ ياخشى بولۇشىنى،ياتقان يېرىڭنىڭ جەننەتتە بولۇشىنى تىلەيمەن.......

ئاللاھقا ئامانەت،سېنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم ،،،،

جېنىم ئاكا، سەن مېنىڭ قەلبىمدە مەڭگۇ ھايات.....

 

 


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز