ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىلەر 957 بوۋاقنى تاللاپ، ئۇلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىدا بولغان ئۆزگىرىشنى ئۇلار تۆت ياشقا كىرگۈچە ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېيىشتى: بەدەن ئېغىرلىقى تېز ئاشقان بوۋاقلار ۋە ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ بالىلىق مەزگىلىدىكى قان بېسىمى ئوخشاش ياشتىكى بالىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن، بۇ پەرق نىسبەتەن كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن يۇقىرى قان بېسىم، بەدىىندە خولىسترىن كۆپىيىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىش خەۋپى ئېغىرلاپ كېتىدىكەن.
مۇتەخەسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ بارغان بالىلارنىڭ ئالتە ياشتىن ئون ياشقىچە بولغان ۋاقتىدىكى قان بېسىمى ئوخشاش ياشتىكى بالىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ، بۇ بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى بىلەن بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى بىر بىرلىك كۆپەيسە، ئۇلارنىڭ بالىلىق ۋاقتىدا تومۇرنىڭ قىسقىرىش بېسىمى 1.5 مىللىمېتىر ئۆرلەيدۇ، ئەمما تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.