تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئۈرۈمچىدە 127 مەمۇر قوبۇل قىلىنىدۇ

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىدارە-ئورگانلار مەمۇرىي خادىم قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم 127 نەپەر مەمۇرىي خادىم قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، تىزىملىتىش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئىكەن.

بۇ قېتىملىق قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىدارە-ئورگانلارغا قاراشلىق ئورۇن، رايون (ناھىيە)، يېزا-كەنت (كوچا، باشقۇرۇش كومىتېتى) ئورگان ۋە مەمۇرلار قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلار ئىشتاتىدىكى مەمۇرلار، خىزمەتچى خادىملار ئىكەن.

بۇ قېتىمقى خادىم قوبۇل قىلىشقا 43 ئىدارە-ئورگان چېتىلىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى، شەھەرلىك پارتكوم ئىشخانىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى، شەھەرلىك پارتكوم قاتارلىق 19 شەھەر دەرىجىلىك ئىدارە-ئورگانلارغا قاراشلىق ئورۇنلار، تەڭرىتاغ ۋە ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) غا قاراشلىق 22 رايون ۋە ناھىيە دەرىجىلىك يېزا بازار، كوچا باشقارما باشقۇرۇش كومىتېتى تارماقلىرى قاتارلىقلار. مەمۇرىي خادىم قوبۇل قىلىدىغان خىزمەت ئورنى مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، بۆلۈم ئەزاسى، مائارىپ مۇپەتتىشى، نازارەتچى، پارتىيە تارىخى ۋە جايلار تەزكىرىسى مۇھەررىرى قاتارلىقلار.

بۇ قېتىملىق تىزىملىتىش توردا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، تىزىملاتقۇچىلار تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كادىرلار ئىمتىھانى تورىغا چىقىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن.


ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز