ھېكايە
ئاپتورى : مۇھەممەتئەلى
بۇ مەھەللە شىنجاڭنىڭ ئەڭ چەت رايونلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تۆت ئەتراپى ئېگىز تاغلار بىلەن ئورالغان گۈزەل بىر بوستانلىق . ئۈستىگە قارىسا كۆپكۈك، بىپايان ئاسمان ، ئاستىغا قارىسا ئۇزۇندىن ئۇزۇن كەتكەن ئەگرى توقاي مەھەللە يولى ،مەھەللە يولىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى قاتار-قاتار خام كېسەكلىك ئۆيلەر، دەرۋازا ئالدىلىرىدىكى ئاسمان بىلەن بوي تالاشقان ئېگىز-ئېگىز دەرەخلەر ، مورىلاردىن كۆتۈرۈلگەن كۆكۈش رەڭلىك ئىس-تۈتەكلەر ، گۇگۇم ۋاقتىدا قايسى ئۆيدىندۇر چاقناۋاتقان جىن چىراقنىڭ يورىقى بىلەن گىرەلىشىپ ، ئۇستىلىق بىلەن سىزىلغان بىر پارچە ماي بوياق رەسىمگىلا ئوخشايتتى .
تاغ يولى ئىنسان ماڭغۇسىز دەرىجىدە ناچار بولغاچقا ،بۇ مەھەللىدىكى كىشىلەرنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ، تاشقى دۇنيادىكى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ھەم ئۇ نەرسىلەرگە قىززىقىپمۇ كەتمەيدۇ . ئۇلارغا خاتىرجەم تۇرمۇشى ، ئىناق ئائىلىسىلا بولسا ، ئاچ يالىڭاچ قالمىسا ، شۇنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ تەرەققىيات ، ئەڭ چوڭ بايلىق .
ئاق كۆڭۈللۈك ، خۇش چاقچاقلىق ۋە ساددىلىق بۇ مەھەللىدىكى كىشىلەرنىڭ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن . مەھەللە ئاسمىنىدا بىرەر ئايدا بىر قېتىم ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇپ ئۆتىۋاتقانلىقى بايقىلىپ قالسا ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن قىلىنغان مۇلاھىزىلەر بىرەر ھەپتىگىچە تۈگىمەيدۇ . چوڭلار :‹‹ يا ھەەزرەت ...... ما كارامەتنى كۆرمەمسىلە ، ھەممە ئىش خۇدايىمغا ئاسانكەن جۇمۇ ! بىرەر چۈمۈلىنىڭ ئېغىرلىقىدىكى تاشنى ئاسمانغا ئاتساق شۇ ھامان يەرگە شۇڭغۇيدۇ ، لېكىن ماۋۇ تۆمۈر قۇشنىڭ شۇنچە چوڭ ، شۇنچە كېلەڭسىز تۇرۇپ ئاسماندا بىخارامان ئۇچۇپ يۈرىۋاتقىنىنى دەيمەن .. خۇدايا توۋا ›› دەپ ياقىسىنى چىشلىسە ، ياشلار :‹‹ ھەي ھەي ئاغىنىلەر ، مۇشۇ نەرسىنىڭ راسلا تۆمۈر قۇش ئىكەنلىكىگە سەل گۇمانىم بار مېنىڭ ، ئەگەر راسلا شۇنداق بولسا ، بىزمۇ مۇشۇنداق يوغان رەگەتكىدىن بىرنى ياساپ ئۇنى ئېتىپ چۈشۈرېۋالمايمىزمۇ ؟! ....ۋەييييييت››
دەپ چاقچاقلىشىپ كۆڭلىنى خۇش قىلاتتى .
جامائەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرۇپ ، ھەممە كىشىنى ئاغزىغا قارىتىپ سۆزلەۋاتقان ئاۋۇ ساقاللىق كىشىنىڭ ئىسمى قادىرباي . ئۇ مۇشۇ مەھەللىدىكى كۆرگەن بىلگەنلىرى ئەڭ كۆپ ،غورۇرلۇق، ئاق كۆڭۈل ھەم ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشى . ئۇنىڭ سەۋەبى قادىرباينىڭ مۇشۇ خەتەرلىك تاغ يولىدىن ئۆتۈپ ئىككى قېتىم شەھەرگە بېرىپ كەلگەنلىكىدە . قادىرباي بەزىدە شەھەردە كۆرگەنلىرىنى ئەسلەپ مەھەللىدىكىلەرگە :‹‹ شەھەردە قىيامەت- قايىمنىڭ ھەممە ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ بوپتۇ . ئەرلەر قارا كىيىمدە ھەممە يەرلىرىنى ئوراپ ، يۈزىگە چۈمپەردە تارتېۋالىدىكەن ، ئاياللار ئەرەنچە كىيىم كىيىپ ساقال-بۇرۇت قويىۋالىدىكەن ، شەھەردىكى كىشىلەرنىڭ ئەر - ئاياللىقىنى ئاۋازىنىڭ توم- ئىنچىكلىكىدىن پەرقلەندۈرمىسە ، پەرقلەندۈرۈش بەكلا تەسكەن . يەنە تېخى ، شەھەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھەجۈجۈ-مەجۈجۈگە ئايلىنىپ قالدىمىكىن تاڭ ؟ ئىككى-ئۈچ ئادەم بىر دۈگىلەك ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ ئوتتۇز نەچچە تەخسە تاماقنى بىر دەمدىلا يەۋېتىپ ، كەينىدىن مەس قىلىدىغان ئېشەك سۈيدىكىدىن غورتىلدىتىپ ئىچىشىپ كېتىدىكەن . ھەي بۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرىگە نىمە بالا تەككەندۇ؟ ئەمدى ...›› دەپ خورسىنىپمۇ قوياتتى . ئاندى-مۇندا خورسىنىشلار بولغان بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن خاتىرجەم ۋە كۆڭۈللۈك ئىدى . بۇيىل كۈزلىك ھوسۇل ناھايىتى ئوڭۇشلۇق يىغىلدى . كۈزلۈك ھوسۇلنىڭ ئوڭۇشلۇق يىغىلىشى ، مەھەللىدىكى كىشىلەرنىڭ بىر يىللىق ئوزۇق- تۈلۈكىدىن خاتىرجەم بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . شۇڭا بۇ كۈنلەردە مەھەللىدىكى ھەممە كىشىنىڭ چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيدۇ . بۈگۈن ئاخشام قادىرباي مۇشۇ خۇشاللىقلارنى تەبرىكلەش ئۈچۈن مەھەللىدىكى ھەممەيلەنى ئۆيىگە مېھمانغا چاقىردى . بۇ قادىرباينىڭ مەھەللىدىكىلەرنى بىرىچى قېتىم مېھمانغا چاقىرىشى ئەمەس ئىدى . ھەر يىلى كۈزلۈك ھوسۇل مۇۋەپپەققىيەتلىك يىغىلغاندىن كېيىن ، قادىرباينىڭ ئۆيىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر مەيدان مەشرەپ قاينايدۇ . بۈگۈنكى مەشرەپمۇ بەك قىززىپ كەتتى . مېھمانلار دەسلىپىدە داشقازاندا دۈملەنگەن ئوخشىغان پولوغا ئېغىز تەگدى . ئاندىن ھەرخىل قورۇمىلار دەستىخانغا رەت رەت تىزىلدى . كەينىدىن سازەندىلەر ساز قىلىپ سورۇننى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتېرىۋەتتى . سازەندىلەرنىڭ شوخلۇقىنى كۆرگەن كىچىك ئۇسۇلچى قىزچاقلارمۇ بوش كەلمىدى . مەشرەپ كۈلكە چاقچاقلار بىلەن داۋاملىشىۋاتاتتى .
__ ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ھۆرمەتلىك جامائەت ،__ قادىرباينىڭ بوغۇق ئاۋازى سورۇننى جىمىتىپ قويدى ،__ بۈگۈن ھەممىمىز بىزنىڭكىگە جەم بولۇپ خۇدانىڭ بىزگە ئاتا قىلغان بىر يىللىق نېممىتىگە خۇشال بولۇپ ، مەشرەپ ئويناۋاتىمىز ، مېنىڭ ئارزۇيۇم ئاللانىڭ بەرگەن مۇشۇ نېممەتلىرىگە شۈكرى قىلايلى ، ئاچ كۆزلۈك، ئىسراپخورلۇق قىلمايلى . ئىبادەتنى توختاتماي ، ئىمانىمىزنى پۇختىلايلى ! ئاخېرىدا دەيدىغىنىم...
__ قادىركا ، ۋوي قادىركا ..__ سىرتتىن كىرگەن ئابباسنىڭ ئاۋازى قادىرباينىڭ گېپىنى توختىتىپ قويدى.
__نىمە ئىش ؟__دەپ سورىدى قادىرباي ھەيران بولۇپ .
__تاغ تەرەپتىن بىر ئەر-ئايال كېلىۋاتىدۇ.__ ئابباسنىڭ بۇ سۆزى ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇردى .
__نېمە ؟ مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە تۇرسا ، خاتا كۆرۈپ قالمىغانسە ئابباس. بۇ يەرگە باشقا يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئامان-ئېسەن كېلەلىشى مۇمكىنمۇ ؟
__ ياق، خاتا كۆرمىدىم قادىركا ، ئۇ ئىككىسىنىڭ پاراڭلاشقاچ مېڭىۋاتقىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەھەللىدىىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئورۇنلىرىدىن قوپۇپ تاغ تەرەپكە قاراپ توپلىشىپ مېڭشتى . قادىرباي بولسا ئۆزىنى توختىتېۋېلىپ ،توپنىڭ كەيدىدە ئالدىرماي ماڭدى . مەھەللىدىكىلەر ئۇزاق ماڭمايلا ھېلىقى ئەر-ئايالنى تاپتى .
__كىم سەن؟!__ دېدى ئابباس سىرتتىن كەلگەن ، ئۈستى بېشى خېلى رەتلىك ، زىيالى سۈپەت بۇ ئەرگە قاراپ __ بۇ مەھەللىگە نېمىگە كەلدىڭ ؟ قانداق كەلدىڭ ؟
ئابباسنىڭ قوپال مۇئامىلىسى بۇ لارنى چۆچۈتېۋەتتى . ئابباسنىڭمۇ بۇلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلغۇسى كەلمىدى . چۈنكى بۇلار قادىربايدىن شەھەردىكى كىشىلەرنىڭ ئىللەتلىرىنى كۆپ ئاڭلاپ شەھەرلىكلەرگە بولغان نەپرىتى كۈچىيىپ كەتكەن ئىدى .
__ مەن. . .مەن قادىرباي ئاكامنى ئېزدەپ كەلگەن__ دېدى ئۇ ھودۇقۇپ تۇرۇپ .
__قادىرباينى؟ __ئابباس سەل يۇۋاشلاپ قالدى . ئۇڭغىچە قادىربايمۇ يېتىپ كەلدى .
__ۋوي ، بۇ ئۆمەر دوختۇرغۇ؟__دېدى قادىرباي بۇ ئەرگە قاراپ يۈزىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ .
__قادىركا ، قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ سىزنى ئاخېرى تاپتىم .
ئىككىيلەن ناھايىتى قىزغىن سالاملاشتى . ئۆمەر دوختۇر ۋە ئۇنىڭ ئايالى قادىرباينىڭ ئۆيىنىڭ تۆرىگە باشلىنىپ ، مەشرەپ قايتىدىن داۋاملاشتى .
__مۇنداق گەپ جامائەت __ قادىرباي سۆزىنى باشلىدى__ بۇ ئككىيلەننى كىمكىن دەپ قالماڭلار ، بۇلار مېنىڭ شەھەردە تونۇشقان تونۇشۇم . بۇ ياق ئۆمەر دوختۇر، شەھەردە خېلى نامى بار دوختۇر . بۇ ياق ئۇنىڭ ئايالى ماينۇر . ئەمىسە بىز ئۆمەر دوختۇرنى بىر سۆزگە تەكلىپ قىلايلى !
ئۆمەر دوختۇر قىزارغان ھالدا ئورنۇدىن تۇرۇپ گەپ باشلىدى :
__ئەسسالامۇئەلەيكۇم جامائەت ،ئېسمىمىزنى قادىربايكام تونۇشتۇرۇپ بولدى . ئايالىم ئىككىمىز بولساق شەھەردىن . قادىربايكامدىن مەھەللەڭلارنىڭ گۈزەللىكىنى ،ھاۋاسىنىڭ ساپلىقىنى ،ئادەملىرىنىڭ ئاقكۆڭۈل ، مېھرىبانلىقىنى ئاڭلىغانتۇق . شەھەرنىڭ قالايمىقانچىلىقلىرىدىن زېرىكىپ ، كۆپ ئويلىنىپ ئاخېرى مەھەللەڭلاغا كۆچۈپ كېلىشنى قارار قىلىپ مىڭ بىر جاپادا بۇ يەرگە كەلدۇق . ھەرقايسىلىرىنىڭ بىزنى ئاراڭلارغا ئېلىپ ، كۆڭۈل بۆلۈشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .
ئۆمەر دوختۇرنىڭ گېپى تۈگىگەندىن كېيىن ، ھەممەيلەن قىزغىن چاۋاك چېلىشتى ۋە بايا ئۇچراشقاندىكى سوغۇق مۇئامىلىسىدىن كەچۈرۈم سوراشتى . سورۇن تۈگەپ جامائەت ئۆيلىرىگە قايتىشتى. قادىرباي بۇلارنى ئىچكەركى ئۆيىدە قوندۇرۇپ قالدى . بۇ كېچە قادىر باينىڭ كۆزىگە ئۇيقا كەلمىدى . چۈنكى شەھەردە مۇنداقلا تونۇشۇپ ئازراق پاراڭلىشىپ قويغان كىشى ئۈچۈن شۇنچە ئۇزاق يول ،ۋە خېيىم-خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ بۇنداق چەت مەھەللىگە كېلىش ئادەمنى بەكلا ھەيران قالدۇراتتى . لېكىن قادىرباي ۋە باشقا قولۇم-قۇشنىلار ئۆمەر دوختۇر بىلەن ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىسا بولمايتتى . چۈنكى بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە مېھمان ساھىبخاننىڭ ئۆيىگە بەركەت ئېلىپ كېلىدىغان ئەڭ ياخشى بەركەت ئەلچىسىدۇر . شۇنداق قىلىپ مەھەللىدىكىلەر ئۆمەر دوختۇر بىلەن ئايالىنى مەھەللىدىكى قۇرۇق بىر قورۇغا كۆچۈرۈپ كىردى .
كۈنلەر ئادەتتىكىدەك ئۆتېۋەردى . مەھەللىدىكىلەر ئاغرىپ قالسا ئۆمەر دوختۇر داۋالاپ قويىدىغان ، ئۆمەر دوختۇر نىڭمۇ بىرەر ئىشى چىقسا مەھەللىدىكى ئەرلەر قولمۇ-قول قىلىشىۋېتىدىغان بولدى . ماينۇرغا بولسا مەھەللىدىكى ئاياللار نان يېقىش ، ئەپكەش كۆتۈرۈش دېگەندەك يېزا ئىشلىرىنى بەس-بەس بىلەن ئۆگەتتى . ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىغا ئەگىشىپ ئۆمەر دوختۇر بىلەن ماينۇر بۇ مەھەللىگە كۆنۈپقالدى ۋە بۇ يەردىكىلەر بىلەن كونا تونۇشلاردەك بولۇپ كەتتى .
** ** **
2 ئايدىن كېيىن
بۈگۈن قادىرباي بەكلا سەھەر قوپۇۋالدى. بامدات نامىزىنى ئوقۇپ ، دۇئاسىدا يىغلاپ كەتى . نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ، تاغ بويىدىكى شارقىراتما ئۆستىڭىگە بېرىپ كىيىملىرىنى سېلىپ يۇيۇندى . سۇدىن چىقىپ بولغۇچە ئۇ ئۆزىگە ئۆزى بىرنېمىلەرنى دەپ پىچىرلايتتى . قادىرباي سۇدىن چىقىپ ئۆيى تەەپكە قاراپ ماڭدى . يول بويى خۇددى بىر نەرسىدىن چۆچۈپ كەتكەندەك ئەتراپىغا توختىماي قاراپ كۆزىتىپ ماڭدى. ھەر كۈنى كوچىغا چىقسا ، يول بويىدىكى كىشىلەرگە چوڭ-كىچىك دېمەي سالام قىلىدىغان قادىر باي ، بۈگۈن ھېچكىمگە سالام قىلماي ھەتتا قاراپمۇ قويماي ھويلىسىغا كىرىۋالدى . دەرۋازىسىنى ئىچىدىن ئىلىۋەتكەندىن كېيىن ، ھويلىسىنىڭ تاملىرىغا گۇمان بىلەن بىر قۇر قارىۋەتتى ۋە ئۆيىگە كىرىپ تۈگۈلۈپ ئولتۇردى . قادىرباينىڭ ئايالى گۈلنىسا نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپ باققۇسى كەلگەن بولسىمۇ قادىرباينىڭ تېرىكىپ قېلىشدىن قورقۇپ ئۈنچىقارمىدى . گۈلنىسا ئەتتىگەنلىك تاماقنى بىر دەمدىلا تەييار قىلىپ بولدى . گەرچە تاماقنىڭ پۇرىقىدىنلا تاماقنىڭ ناھايىتى ئوخشىغانلىقىنى بىلىۋالغىنى بولسىمۇ قادىرباينىڭ پەقەتلا يېگۈسى كەلمىدى . قادىرباينىڭ بۇنداق غەلىتە بولۇپ قالغىنىدىن ھەيران بولغان گۈلنىسا نېمە ئىش بولغانلىقىنى چوقۇم سوراش نىيىتىگە كەلدى .
__ دادىسى ، سىلىگە زادى نىمە ئىش بولدى ؟ ئەتتىگەندىن بېرى بىرەر ئېغىز گەپمۇ قىلمايسىز، يا تاماق يېمەيسىز ؟ خۇددى بىر نەرسىدىن قورقۇۋاتقاندەك تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇۋالىسىز ؟ زادى نىمە ئىش بولدى ؟ بىر دېسىلىچۇ !
قادىرباي ئۈنچىقارماي دەرىزە تەرەپكە قاراپ قېتىپلا قالدى .
__گەپ قىلسىلچۇ!؟__گۈلنىسانىڭ قايتا-قايتا مەجبۇرلىشى بىلەن قادىرباي ئېغىز ئاچتى .
__ كېچىدە __دەپ گەپ باشلىدى ئۇ دەرىزىدىن كۆزىنى ئۈزمەي ،__ مۇشۇ دەرىزىنىڭ سىرتىدا مەن بىر ئايال ئالۋاستى كۆردۈم .
__ ئوش ، نېمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ ئادەم ، چۈش كۆرگەن ئوخشايلا !__ دېدى گۈلنىسا قادىرباينىڭ سۆزىنى مەسخىرە قىلىپ .
__ ياق خوتۇن ، مەن چۈش كۆرمۈدۈم ، مېنىڭ چۈشۈم بىلەن ئوڭۇمنى پەرىقلەندۈرگۈچۈلۈكۈم بار . __ دېدى قادىرباي چۈشەندۈرۈپ ،__ كېچىدە ئۇخلاۋاتسام ،قاياقتىندۇر بىر ئايالنىڭ سۈزۈك ئاۋازدا سوزۇپ تۇرۇپ ‹‹ قادىر ، قادىر ›› دەپ چاقىرغىنىنى ئاڭلىدىم . كۆزۈمنى ئېچىپ ئاۋازنىڭ نەدىن چىقىۋاتقىنىنى ئىزدىدىم . توساتتىن دەرىزىگە كۆزۈم چۈشتى- دە قورققۇنىمدىن ۋارقىراي دېسەم ئاۋازىممۇ چىقمىدى .دەرىزە سىرتىدا پۈتۈن يېرى ئاق رەخت بىلەن ئورالغان ، چاچلىرى قالايمىقان قويۇۋېتىلگەن ، كۆزلىرى قاندەك قىزىرىپ كەتكەن ، بىر ئايال ماڭا قاراپ قولىنى ئۇزىتىۋاتىدۇ .
__ۋاي دادىسى نېمە دەيدىغانلا ؟ مەن ئاخشام دەرۋازىنى ئىچىدىن ئىلىپ ياتقان تۇرسام ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قورۇ تاملىرىمىزمۇ خېلى ئېگىز ، ئەجەبا ئۇ ئايال راستلا .... ، دادىسى ، دادىسى مېنى قورقۇتمىسىلىچۇ ! __گۈلنىسا قورقۇپ كۆزىگە ياش ئالدى .
__ سېنى قورقۇتماسلىققا مەن ئامالسىز خوتۇن . ئەڭ ياخشىسى ئىمانىمىزنى مۇستەھكەملەيلى ، جىن-ئالۋاستىلار ئىمانى مۇستەھكەم كىشىدىن قورقىدۇ. __ قادىرباي مۇشۇنداق دەپ ئايالىنى خاتىرجەم قىلدى .
باشقىلارنىمۇ قورقۇتېۋەتمەسلىك بۇ ئىشنى بۇلار ھېچكىمگە دېمىدى . بۈگۈن كېچىنىڭ قانداق بولۇپ كېتىشى ھەر ئىككىيلەنگە نامەلۇم ئىدى . بۈگۈن ئاخشام ئۇلار دەرۋازىسىنى تېخىمۇ چىڭ ئىلىپ ،ئىشىك دەرىزىلىرىنى چىڭ تاقاپ ، ئۇخلاش ئالدىدا ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئايەت ئوقۇپ ئۇخلاشتى . يېرىم كېچە بولدى .
__ قادىر ، قادىر ، تېز ئورۇنلىرىدىن تۇرسىلا ، تېز تۇرسىلا دادىسى !،__ گۈلنىسانىڭ ئەنسىز ئاۋازى قادىرنى ئۇيقۇسىدىن ئويغاتتى .
__نېمە ئىش بولدى خوتۇن؟__ دەپ سورىدى قادىرباي كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىغاچ .
__ سېلى دېگەن ھېلىقى ئاۋاز يەنە ئاڭلىنىۋاتىدۇ .
__ نېمە ؟__دېدى قادىرباي كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ .
__قانداق قىلىمىز؟
__قورقما خوتۇن ، ئايەت ئوقۇيلى ، خۇدادىن ئامانلىق تىلەيلى !
قادىرباي يۇقۇرى ئاۋازدا ئايتەل كۇرسىنى تەۋجىت بىلەن ئوقۇشقا باشلىدى . بىر نەچچە رەت ئوقۇپ بولغاندا گۈلنىسا قورقۇپ ھوشىدىن كەتتى .بۇنى كۆرگەن قادىرباي دەرھال ئوقۇۋاتقان ئايېتىنى توختۇتۇپ گۈلنىسانىڭ يۈزىگە بوش-بوش شاپىلاقلاپ ، ‹‹ گۈلنىسا ، گۈلنىسا›› دەپ چاقىردى . قادىرباي گۈلنىسانىڭ يۈزىگە شاپىلاقلىغاچ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى . دەرىزە سىرتىدىكى ئايال بىردەمدىلا غايىپ بولغان ئىدى . قادىرباي گۈلنىسانىڭ يۈزىگە سۇ چېچىپ ھوشىغا كەلتۈردى ۋە گۈلنىساغا ئۇ ئالۋاستىنىڭ كەتكەنلىكىنى ، ئەمدى بىخەتەر بولغانلىقىنى ئېيتتى . تاڭمۇ ئاتتى . قادىرباي ۋە ئايالى گۈلنىسا بۇ بىر كۈننىمۇ خۇددى پېرقىرتىپ قويۇۋەتكەندەك ، ئالغان- قويغىنىنى بىلمەي ئۆتكۈزېۋەتتى . بۇ ئالۋاستى بۈگۈن كېچە يەنە كۆرۈلدى . قادىرباي توختىماي ئايەت ئوقۇپ ، گۈلنىسا قالايمىقان چىرقىراپ ، يىغلاپ يۈرۈپ بۇ كېچىنىمۇ ئۆتكۈزدى . شۇنىڭدىن باشلاپ غەلىتە ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلىدى . بەزىدە قوتاندىكى قويلار توختىماي مەرەپ ، خۇددى بىر نەرسىدىن ئۈركۈۋاتقاندەك ئۇياق-بۇياققا سەكرەپ قاچسا ، بىر دەم تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىن نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ كۈلكە ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالدى . ھېلىقى ئالۋاستى ئايالمۇ دەسلىۋېدە قادىر باينىڭ ئۆيىدىكلىىرىگىلا كۆرۈلگەن بولسا مانا ھازىر مەھەللىدىكى ھەممەيلەنگە كۆرۈلىدىغان ، دەسلىۋېدە بىرسى كۆرۈلگەن بولسا مانا ھازىر ئون نەچچىسى بىللە كۆرۈلۈپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى كېچىدە كۆرۈلۈپ مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنتايىن قورقۇتېۋەتتى . بۈگۈن قادىرباي بۇ غەلىتە ئالۋاستى ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئامالىنى ئويلىنىش ئۈچۈن مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز ھويلىسىغا يىغىنغا چاقىردى . يىغىنغا مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك ھەممىسى كەلگەندەك قىلاتتى . چۈنكى بۇنداق پەييتتە بىرەر ئادەمنىڭ ئۆيىدە يالغۇز قېلىشى بەكلا خەتەرلىك ئىدى . قادىرباي كەلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا ئۆمەر دوختۇر بىلەن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ يوقلىقىنى بايقاپ ئابباسقا بۇيرۇدى: ‹‹ ھوي ئابباس ، ئۆمەر دوختۇر بىلەن ئايالى بۇ يەرگە كەلمەپتىغۇ ؟ تېز بېرىپ ئۇلارنى چاقېرىپ كەل !››. ئابباس ‹‹ ماقۇل قادىركا ›› دېگىنىچە مەھەللە بېشىدىكى ئۆمەر دوختۇرلارنىڭ ئۆيىگە قاراپ يۈگۈردى . ئۆمەر دوختۇرلار كەلگۈچە قادىرباي سۆزىنى باشلىدى:
__ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت ، بۈگۈن ئەتتىگەندە سىلەرنى بۇ يەرگە چاقىرىشىمدىكى مەقسەت : مەھەللىمىزدە يۈز بەرگەن ئالۋاستى ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئامالىنى ئىزدەش، ئۇنىڭدىن باشقا ...__ قادىرباينىڭ سۆزى تۈگىمەيلا ئاباس يىغلىغىنىچە يۈگۈرۈپ كىردى .
__ ئابباس نىمە بولدۇڭ ؟ ئۆمەر دوختۇرلارچۇ ؟ __ قادىرباي ھەيران بولۇپ سورىدى .
__ ئۇلار...ئۇلار... بولدىلا ئۆزۈڭلار بېرىپ كۆرۈپ بېقىڭلارچۇ!؟__ ئابباس يىغلامسىراپ سۆزلىدى.
قادىرباي ھەممەيلەننى باشلاپ ئۆمەر دوختۇرنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى . شۇ تاپتا ھەممەيلەننىڭ كاللىسىدا بىر خىل تەشۋىش ئەۋىج ئالغان ئىدى. بۇلار ئۆمەر دوختۇرنىڭ ھويلىسىغا كەلدى . دەرۋازىنى ئېچىپ ھويلىغا كىردى . ھويلا ئادەتتىكىدەكلا پاكىز تازىلانغان بولۇپ ، ھەممە نەرسە جايىدا ئىدى . كىشىلەر نىمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمەي ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا كەلدى . ئىشىك ئاستا ئېچىلدى . ئاھ خۇدا ! بۇ نىمە بولغىنى ئۆمەر دوختۇر بىلەن ئايالى پۈتۈن يېرى قان ھالەتتە تورۇسقا ئېسىقلىق تۇرىدىغۇ ؟! بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ ھەممەيلەن چېرقىرىۋېتىشتى ۋە بىر ھازاغىچە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قېتىپ قېلىشتى . قادىرباي ھەممىدىن بۇرۇن ھوشىنى يىغدى . ئۇ بويى ئېگىز ياشلارغا ئۇ ئىككىسىنى چۈرۈۋېلىشنى بۇيرۇدى . ياشلارمۇ بۇلارنى چۈشۈرۈشتىن قورققان بولسىمۇ ، لېكىن قادىرباينىڭ سۆزىنى رەت قىلالماي ماقۇل بولۇشقا مەجبۇر بولدى . بۇ ئىككى بىيىتنىڭ نامىزى بىللە چۈشۈرۈلۈپ ، پىشىم نامىزىدىن كېيىن يەرلىكىگە قويۇلدى . تۇپراق بېشىدىن قايتىپ قادىرباي مەھەللىدىكى ئەرلەرنى يىغىپ ئۆمەرباينىڭ ئۆيىگە كىرىپ نەق مەيداننى تەكشۈردى . ئۆينىڭ ھەممە يېرىگە ئىنچىكە قاراپ چىققاندىن كېيىن ، باشقا ئەرلەرگە سۆزلىدى :
__ قاراڭلار ، بۇ ۋەقە بەكلا سىرلىق بوپتۇ . بىز ئۆمەر دوختۇر بىلەن ئايالىنىڭ مىيىتىنى بايقىغان ۋاقتىمىزدا ، ئۇ ئىككىسىنىڭ پۈتۈن بەدىنى قانغا بويىلىپ كېتىپتىكەن ، لېكىن ئۆينىڭ ھېچنەرىدە قان ئىزى يوق . ئۇلارنىڭ بويى بۇ ئېگىز تورۇسقا ھەرگىزمۇ يەتمەيدۇ . ئاستىغا ئورۇندۇق ياكى باشقا بىرەر نەرسە قويماي تۇرۇپ بۇ تورۇسقا ئۆزىنى ئېسىشى مۇمكىن ئەمەس . بىرەرسىنىڭ بۇ ئىككىسىنى ئېسىپ ئۆلتۈرۈشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ، ئەجەبا ئۇلارنى ھېلىقى ئالۋاستى....__ ، قادىرباي گېپىنى توختىتىۋالدى .
ئۆمەرباي ۋە ئايالىنىڭ ئۆلىشى بىلەن ئىش توختاپ قالمىدى ، ئەكسچە تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتتى . ھەركۈنى كېچىسى بىرەيلەننىڭ ئۆيىنىڭ دەرىزىسى ئالدىدا ھېلىقى ئايال ئالۋاستىلار پەيدا بولۇپ ، ئۆي ئىگىسىگە قول ئۇزۇتۇپ ئۇنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە كېتىشكە زورلاپ قورقۇتاتتى . مەھەللىدىن بىرەرسى ئېتىز تەرەپكە ئۆزى يالغۇز بېرىپ قالسا ، ئۇ كىشى ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولۇپ ، ئىككى-ئۈچ كۈندىن كېيىن جەسىتى تاغ بويىدىكى شارقىراتما ئۆستەڭ يېنىدىن تېپىلىدىغان بولۇپ قالدى . بۇ كۈنلەدە ئەجەل پۇرىقى مەھەللىنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلاپ كەتكەن ئىدى .
مەھەللىدىكى موللا - قارىملار بۇ ئىشقا سەۋەپ قىلىش ئۈچۈن مەھەللىدىكى ھەربىر ئۆيدە بىردىن نەزىر قىلىپ ، بوسۇغىغا نەزىر قىلىنغان ھايۋاننىڭ قېنىنى تېمىتىپ خەتمە قۇرئان قىلدى . لېكىن ئىش ياخشىلىنىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . مانا بۈگۈن يېرىم كېچىدىلا توققۇز ئۆيدىن توققۇز ئايال ھېچبىر سەۋەبسىز ئۇخلاۋاتقان ئورنىدا ئۆزلىرىمۇ بىلمىگەن ھالدا جان بەردى ، گەرچە يېرىم كېچە بولغان بولسىمۇ، مەھەللە قىيا-چىيا ئاۋازلىرى بىلەن تولغانىدى . بۇ توققۇزەيلەننىڭ مىيىتى بامدات نامىزىدىن كېيىن يەرلىكىگە قويۇلدى .
ھازىر مەھەللىدە بۇرۇنقى ئىللىقلىقتىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى . ھەممە يەرنى قان پۇرىقى قاپلاپ ، قاياقلاردىندۇر كېلىۋاتقان قورقۇنۇچلۇق كۈلكە ئاۋازى ھەممەيلەننى قورقۇتاتتى . بۈگۈن كەچ قادىرباي بىلەن ئايالى ئۇخلاشتىن بۇرۇن باشلىرىغا پىچاق قويۇپ ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ئايەت ئوقۇپ ئۇخلاشتى . يېرىم كېچە بولغاندا كۈلكە ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى . قادىرباي گۈلنىسانى قورقۇپ كەتمىسۇن دەپ ‹‹ گۈلنىسا ، قورقما خوتۇن ، بۇ ئاالۋاستىلار ھازىرلا كېتىدۇ ، ھەرگىز قورقما ›› دېگەچ ئۇخلاۋاتقان گۈلنىسانىڭ قولۇنى تۇتتى . لېكىن گۈلنىسادىن سادا چىقمىدى. گۈلنىسانىڭ قوللىرى مۇزلاپ كەتكەن ئىدى . قادىرباي قورقۇمسىراپ گۈلنىسانى سىلكىدى :‹‹گۈلنىسا ، گۈلنىسا ›› . لېكىن گۈلنىسا مىدىرلىماي ياتاتتى . قادىرباينىڭ كۆڭلى بىر نېمىنى سەزگەندەك قولىنى گۈلنىسانىڭ بۇرنىغا ئاپاردى . ئاھ خۇدا ! گۈلنىسانىڭ نەپسى ئاللىبۇرۇن توختاپ قالغان ئىدى . قادىرباي گۈلنىسانى باغرىغا بېسىپ ، ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى . بۇ كېچە قادىرباي ئۈچۈن ئەڭ ۋەھىمىلىك كېچە بولدى . قىرىق نەچچە يىللىق قەدىناسىدىن ، مەرھۇم ئوغلىنىڭ ئانىسىدىن ، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىسىدىن ھېچ بىر سەۋەبسىز مەڭگۈلۈك ئايرىلىش ئازابى قادىرباينى ئۆلۈمدىن بەتەر قىينىدى . بامدات نامىزىدىن كېيىن گۈلنىسا يەرلىككە قويۇلدى . قادىرباي پۈتۈن بىر كۈن پۈتۈن بىركېچە-كۈندۈز تۇپراق بېشىدىن كەتمەي گۈلنىساغا ھەمراھ بولدى . ئەتىسى ئەتتىگەندە قادىرباي كۆزى قىيمىغان ھالدە گۈلنىسانىڭ قەبرىسىدىن ئايرىلىپ ، مەھەللە تەرەپكە قاراپ ماڭدى . قادىرباي مەھەللىگە يېقىن كەلگەندە مەھەللىنىڭ ھەممە يېرىنى قويۇق تۇمان قاپلاپ كەتكەنىدى . قادىرباينىڭ يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى . چۈنكى بۇ قورقۇنۇچلۇق مەھەللىدە ھەر-بىر غەلىتە ئەھۋالمۇ بىر چوڭ شۇملۇق ئېلىپ كېلەتتى . قادىرباي مەھەللىگە كىردى . مەھەللە جىمجىت ئىدى بىرەرسىنىڭ ئاياغ تىۋىشىمۇ ، ياكى بىرەرسىنىڭ گەپ قىلغان ئاۋازىمۇ ئاڭلانمايتتى . قادىرباي بۇ جىمجىتلىقتىن ھەيران بولۇپ ئابباسنىڭ ئۆيىگە كىرىپ يەنە نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپ باقماقچى بولدى . ئابباسنىڭ ھويلىسىنىڭ ھەممە يېرىنى تۇمان قاپلىغان بولۇپ ، ھېچنىمىنى كۆرگىنى بولمايتتى . قادىرباي ئابباسنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئۇرۇپ ، ئابباسنى قايتا- قايتا چاقىرغان بولسىمۇ ، ئۆي ئىچىدىن سادا چىقمىدى . قادىرباينىڭ كۆڭلى بىر شۇملۇقنى تۇيۇپ تۇراتتى . ئۇ تەخىر قىلالماي ئىشىكنى تېپىپ ئاچتى . مانا ، بۇ مەنزىرە قادىرباينىڭ كۆزىنى قاراڭغۇلاشتۇرۇپ ، بېشىنى قايدۇردى ، چۈنكى ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن ئابباس بىلەن ئۇنىڭ ئانىسى خۇددى ئۆمەر دوختۇر بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا ئوخشاش پۈتۈن بەدىنى قان ھالەتتە تورۇسقا ئېسىقلىق تۇراتتى . قادىرباي نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى . ئۇ يىغلىيالمايتتى ، چۈنكى ئۇ بۇنداق غەلىتە ئۆلۈملەرنى تولا كۆرۈپ يۈرىكى قېتىپ ، كۆز يېشى قۇرۇپ كەتكەنىدى . قادىرباي ھوشىنى يىغدى ۋە بۇ ئىشنى مەھەللىدىكىلەرگە خەۋەر قىلىش ئۈچۈن ئابباسنىڭ ئۇدۇل خۇشنىسىنىڭ ئۆيىگە يۈگۈردى . قادىرباي ئۇدۇلدىكىلەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قېتىپلا قالدى ، سەۋەبى ئۇدۇلىدىكىلەرمۇ ئابباسلارغا ئوخشاش ھالەتتە تورۇسقا ئېسىقلىق ئىدى . قادىرباي يۈگۈرگىنىچە مەھەللىدىكى ھەممە ئۆيگە كىرىپ چىقتى ، لېكىن مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىگە ئوخشاش ھالەتتە .... .
قادىرباي ئېسىنى يوقاتتى . ئۆلگەنلەرنىڭ ھېچ قايسىسى بىلەن كارى بولماي ، ئاستا قەدەملىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى . ھازىر بۇ گۈزەل مەھەللىدە پەقەت قادىربايلا ھايات قالغانىدى . قادىرباي ئۆيگە كىرىپ تۈنۈگۈن كېچە ئايالى ياتقان ئورۇندا يېتىپ ئۇخلاپ قالدى . كەچمۇ كىردى لېكىن قادىرباي ئويغانماي ئۇخلىدى . بۈگۈن كېچە ئاسماندا نە يورۇق ئاي ، نە بىرەر تال يۇلتۇز يوق ئىدى . ھېلىقى قورقۇنچلۇق كۈلكىمۇ ئەڭ يۇقۇرى ئاۋازدا ئاڭلاندى ، چۈنكى ئۇ كۈلكىنىڭ ئىگىسى مەقسىتىگە يەتكەن ئىدى . كۈن چىقىپ تاڭ يورىدى . لېكىن مەھەللىدە چىللىغىدەك بىرەر خورازمۇ قالمىغانىدى . قادىرباي ئويغانمىدى .ئۇنىڭ ئۇيقۇسى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇدەك قىلاتتى . ئۈچ كۈن ئۆتتى. قادىرباي يەنىلا شۇ ئورۇندا ئىدى . سەۋەبسىز تورۇسقا ئېسىلىپ دۇنيادىن ۋاقىتسىز خۇشلاشقانلارمۇ ، ئاخشىمى ساپمۇساق ھالەتتە ئۇيقۇغا باش قويۇپ ، شۇ ئۇيقۇسىدىن مەڭگۈلۈك ئويغىنالماي ، قەبرىگە دەپنە قىلىنغانلارمۇ ، ئۆزى يالغۇز ئېتىزغا كېتىپ ، جەسىتى ئۆستەڭ بويىدىن تېپىلغانلارمۇ يەنىلا شۇ ئورۇندا ئىدى . قادىرباي ئارمان بىلەن كەتتى . قادىرباينىڭ ئايالى گۈلنىسامۇ ، ئەمدىلا21 ياشقا كىرگەن ئابباسمۇ ، ئاباسنىڭ تويىنى كۆرۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىغان ئانىسىمۇ ، شۇنچە يىراق شەھەردىن نۇغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ بۇ چەت مەھەللىگە يېڭىلا كەلگەن ئۆمەر دوختۇر بىلەن ئۇنىڭ ئايالىمۇ ، بىر كېچىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن ھېلىقى توققۇز ئايالمۇ ، مەھەللىدىكى ئۆلۈپ كەتكەن ھەممەيلەنمۇ ئارمان بىلەن كەتتى . مەھەللىدىكى ھەر-بىر جانلىق ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەتىن ئۆلگەنلىكىنى بىلمەي بۇ ئالەمدىن خوشلاشتى .مەھەللە تۇمان ئاستىدا قالدى . شۇ تاپتا مەھەللىدە بىرەر چۈمۈلىمۇ ھايات قالمىغانىدى . پۈتۈن ئەتراپتا ھېلىقى قورقۇنچلۇق كۈلكە ئاۋازىدىن باشقا ھېچنىمىنى ئاڭلىغىنى بولمايتتى . كىشىلەر ھايات ۋاقتىدا ياندۇرغان چىراقلار بىر-بىرلەپ ئۆچتى .بەلكىم تۇمان ئاستىدا قالغان ، ھەممە يەرنى ۋەھىمە قاپلىغان ، بىرەر جانلىقمۇ تېپىلمايدىغان بۇ مەھەللىنى كەلگۈسىدە ھېچكىم بايقىماسلىقى مۇمكىن . بەلكىم بۇ يەردە نەچچە يۈز يىلدىن كېيىن بىرەر تاق ھۈجەيرىلىك ھايۋان پەيدا بولۇپ خۇددى دارۋېننىڭ‹‹ تەدرىجى تەرەققىيات ›› نەزەرىيىسىدىكىدەك نەچچە مىليارد يىلدىن كېيىن ئىنسانغا ئايلىنىپ بۇ گۈزەل مەھەللىدىكى ۋەھىمىنى ۋە قورقۇنچلۇق كۈلكە ئاۋازىنى يوقىتىپ بۇ مەھەللىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈشى مۇمكىن ........