فىنلادىيەلىك تەتقىقاتچىلار 13 مىڭدىن كۆپرەك فىنلاندىيەلىكنىڭ ساغلاملىق ماتېرىيالىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى %5 ئادەمنىڭ 40 ياشقا كىرگەندىن كېيىن دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بايقىدى. تەتقىقاتچىلار سېلىشتۇرۇپ باھالاپ چىققاندىن كېيىن، ئانىنىڭ قورسىقىدا 35 ھەپتە ياتمايلا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ نورمال بالىلارغا قارىغاندا %60 يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى يەكۈنلىدى ھەمدە مۇنداق دەپ قارىدى: «بۇ بەلكىم بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بالىلارنىڭ ئانىنىڭ قورسىقىدا تولۇق يېتىلىپ، نورمال ھامىلدارلىق مەزگىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا بولىدىغان ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىن بەھرىلىنەلمەيدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.