يوللانغان ۋاقىت: 2016-03-01
يوللىغۇچى: مۇبەششر
ئاۋاتلىقى: 83 قېتىم كۆرۈلدى

ئەل ئىچىدە «سول قاپاق تارتسا ئامەت، ئوڭ قاپاق تارتسا ئاپەت» دەيدىغان گەپ بار. ئەمەلىيەتتە «ئامەت» ياكى «ئاپەت» تىن ئالدىنئالا بېشارەت بېرىش مۇمكىن ئەمەس. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: « قاپاقنىڭ تارتىشى فىزىيولوگىيەلىك ۋە پاتولوگىيەلىك، دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. فىزىيولوگىيەلىك قاپاق تارتىش بىرئاز يېنىك بولىدۇ، كۆپىنچە چارچاش سەۋەب بولىدۇ، ئازراق دەم ئالسىلا ساقىيىپ كېتىدۇ، بىراق پاتالوگىيەلىك قاپاق تارتىشنىڭ سەۋەبى مۇرەككەپ، ئۇنىڭ ئوڭشالمىقى تەس». مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «قاپاق تارتىش ياكى ئېغىز تارتىشىشنىڭ ھەممىسى يۈز نېرۋا كېسەللىكىگە تەۋە، بۇنى كىلىنىكىدا يۈز مۇسكۇللىرىنىڭ سىپازمىلىنىشى، دەپ ئاتايمىز. بۇ كېسەل ئۆزلۈكىدىن ساقايمايدۇ، داۋالانمىسا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، ئاخىرىدا يۈز نېرۋىسىنىڭ پالەچلىنىشىگە سەۋەب بولىدۇ».
ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى