بۇرچ ۋە خۇرۇچ
ــــــ مۇنبەردىن مەقسەتكىچە
ئابدۇلىتىپ روزىنىياز
ئابدۇلىتىپ روزىنىياز 1978-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى قاراقاش ناھىيە ئاقساراي يېزىسىدا خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يېزىسىدا ئوقۇغان. 1993-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە قاراقاش ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1999-يىلى ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سودا-سانائەت فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ ئاقساراي يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان. 2002-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ فلولوگىيە فاكۇلتېتىدا تىل-ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان. يېزا ۋە ناھىيە تەرىپىدىن بىر قانچە قېتىم «ئىلغار سىنىپ مۇدىرى»، «مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى»، «ئىلغار مائارىپ خىزمەتچىسى» دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. 2013-يىلى 9-ئايدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «ئىلغار ئوقۇتۇش ماھىرى» بولۇپ باھالانغان. خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان مەكتەپ ئەخلاقىي تەربىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئىلمىي مۇدىر، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 2008-يىلى 7-ئايدىن 2014-يىلى يىل ئاخىرىغىچە ئاقساراي يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئومۇمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ھازىر سايباغ يېزىلىق 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
ئابدۇلىتىپ روزىنىياز ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىگەندىن باشقا يەنە، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، 2004-يىلى «تۇرپان» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «يالغۇزلۇق» ناملىق تۇنجى شېئىرىدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 30 پارچىگە يېقىن شېئىر، نەسىر ۋە ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. بىر پارچە ماقالىسى شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدىكى بىر سىنىپ يىغىنى ۋاقتىدا سىنىپلارنى ئارىلاۋېتىپ مەكتىپىمىزدىكى تەلەپچان بىر سىنىپ مۇدىرىنىڭ بىرقانچە كەپسىز ئوقۇغۇچىغا قىلىۋاتقان مۇنداق تەربىيەسىنى ئاڭلاپ قالغانىدىم: «... ماڭا بۇنچە قىلغىلى سەن گۇيلارنىڭ پوقى دورا ئەمەس، پەقەت ئىككى بالامنىڭ كېيىنچە ياشايدىغان مۇھىتىغا ئازراق بولسىمۇ ئوڭلۇق ئادەملەر يېتىشىپ چىقسىكەن دەپ قىلمىغانلىرىم قالمايدۇ... ». بۇ مۇئەللىمنىڭ سىنىپى مەكتىپىمىز بويىچە ئۆگىنىش ۋە باشقا پائالىيەتلەردە ئالدىنقى قاتاردىكى سىنىپلارنىڭ بىرى ئىدى. يۇقىرىقىلار گەرچە مۇنداقلا ئاڭلىماققا شۇ مۇئەللىمنىڭ ئۆزى ئۈچۈنلا قىلىۋاتقان شەخسىي غەرىزىدەك تۇيغۇ بەرسىمۇ، بۇ بىزگە سوقراتنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا «نېمە ئارزۇيىڭىز بار؟» دەپ سورالغان سوئالغا: «مەن بالامنىڭ ساغلام بولغان بىر جەمئىيەتتە ياشىشىنى ئارزۇ قىلىمەن» دېگەن جاۋابىنى ئەسلىتىدۇ. ھېلىقى مۇئەللىم سوقراتنىڭ بۇ گېپىنى بىلەمدۇ-بىلمەمدۇ؟ بۇنى ئۇقمايمەن. ئەمما، ئۇنىڭ شۇ قوپال گەپلىرىدىن ئەۋلادىنىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن قارايدىغانلىقىنى، ئۆز پەرزەنتىگە نىسبەتەن ساغلام بولغان بىر ياشاش مۇھىتى يارىتىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلەلەيمىز. مەن ئويلاپ قالدىم: قوپال بولسىمۇ مۇشۇنداق گەپ ھەممە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېغىزىدىن، ياق، يۈرىكىدىن چىقسىچۇ؟ ھەممە ئوقۇتقۇچى سىنىپىدىكى بالىلارغا مۇشۇ نۇقتىنى، يەنى ئۆز پەرزەنتىگە بولسىمۇ ياخشى بولغان بىر كەلگۈسى مۇھىت يارىتىشنى چىقىش قىلىپ تەربىيە ئېلىپ بارسىچۇ؟ ئەمما، بىز بۇنداق دېيىشكە ئاجىزمىز. يۇقىرىقى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆيى مۇشۇ يېزىدا، ئوقۇغۇچىلارمۇ مۇشۇ يېزىدىكى كىشىلەرنىڭ بالىلىرى. بۇ مۇئەللىم بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز يېزىسىدىكى بىر ئەۋلاد كىشىلەر توپىغا ئايلىنىپ، ئۆز بالىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەچكە، شۇنداق ئويغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس! ھازىرمۇ 10-20 يىللىق خىزمەت تارىخىغا ئىگە خېلى پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېغىزىدىن: «نېمە كارىم، ئۇلار مېنىڭ بالاممىتى؟» دېگەن گەپنى تولا ئاڭلاپ قالىمىز. ناۋادا شۇ كىشىلەر ئۆزىنىڭ بالىسىنى تەربىيەلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىنىڭمۇ شۇنداق ئىدىيەسى بولسىچۇ، دېگەننى ئويلىغان بولسا بەلكىم ئىش باشقىچە ئۈنۈم بېرىشى مۇمكىن ئىدى.
ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى «ئوقۇتقۇچى ــــ دىلنى يورۇتقۇچى» دېگەن ماقالىسىدا («كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز»، 424-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىلى 7-ئاي 1-نەشىرى) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشتىكى مەقسىتىنى مۇنداق ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان: بىرىنچى مەقسىتى ( ئەڭ مۇھىم مەقسىتى ) ئىنسانغا ئۆزلۈكىنى تونۇتۇش؛ ئىككىنچى مەقسىتى ئىنسانغا ئۆزىنىڭ ماھىيىتىنى بىلدۈرۈش؛ ئۈچىنچى مەقسىتى ئىنساننى ياشاش جەريانىدا تايىنىدىغان قورالغا، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان توغرا مېتودقا ئىگە قىلىش. كەينىدىنلا ئۇ يەنە ئوقۇتقۇچى بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن قانداق چىقالايدۇ؟ دەپ سوئال قويۇپ، مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ؛ بىرىنچىدىن، ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ خىزمەتنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، تەربىيەلەش ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان نىشان ئېنىق بولۇشى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، تەربىيەلەش جەريانى مەلۇم سەنئەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك.
بىز سىنىپتىكى خالىغان بىر ئوقۇغۇچىدىن «سەن كىم؟» دەپ سورىساق، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يۇرتى، مەھەللىسىنى، قانچىنچى يىللىقنىڭ نەچچىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. بىزمۇ شۇنىڭدىن قانائەت ھېس قىلىمىز. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن بۇنىڭدىن چوڭ جاۋابنى كۈتمەيمىز. ئوقۇغۇچىلارغا يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە مېڭىش، سوقۇشماسلىق، تىنچ-ئامان ئۆيگە بېرىپ ئەتىسى ئەتىگەن مەكتەپكە تولۇق كېلىش ھەققىدە تەربىيە بېرىلىدۇ. ئوقۇشنىڭ مەقسىتى، قانداق ئادەم بولۇش ھەققىدىكى تەربىيە كەمچىل. بۇ خىل تەربىيەنىڭ ۋاقتىنى مۇقىملىق، بىخەتەرلىك، ئىنتىزام تەربىيەسى ئىگىلىگەن. نۇرغۇنلىرىمىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۈگۈنى ئۆيىگە خاتىرجەم قايتىپ كېتىپ، ئەتىسى مەكتەپكە ساق كەلگىنىدىن خوش. بىزدە ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىگە، قەلبىگە سىڭىپ كىرىش، كەلگۈسىگە مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسى ئىنتايىن ئاجىز. بەلكىم بۇ سۆزۈم بىر قىسىم كەسىپداشلارغا تازا يېقىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما، رېئاللىقتىكى مۇدھىش كۆلەڭگىلەرنىڭ ئەتراپىمىزدا ئەگىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىدىغانلا بولساق، ئىزتىراپلىق ئويلارغا چۆكمەي قالمايمىز.
ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ شىددەت بىلەن تارقىلىشى، ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى مۇھەببەتلىشىش يېشىنىڭ كۈنسېرى كىچىكلىشى، ئەخلاق جەھەتتىكى چېكىنىشلەرنىڭ ياقىمىزنى چىشلەشكە مەجبۇر قىلىشى، ئاتا-ئانا بىلەن بالىلار ئارىلىقىنىڭ يىراقلىشىپ كېتىشى، قېرىنداشلار ئارا مېھرى-مۇھەببەتنىڭ سۇسلاپ قېلىشى قاتارلىقلارنىڭ قايسى بىرىدە مائارىپنىڭ مەسئۇلىيىتى يوق دەپ ئېيتالايمىز؟ قايسى بىرىمىز مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىۋاتقانلارنى مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز كىشى دەپ ئېيتالايمىز؟ ئالدىنقى يىلى (2012-يىلى) 12-ئايدا مەكتىپىمىزگە لېكسىيە سۆزلەشكە چىققان بىر سەھىيە خادىمى مەن ياشاۋاتقان مۇشۇ يېزىدىمۇ 6-8 ئەيدىز بىمارىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقاندا چۆچۈپ كەتكەنىدىم. «ئىككى ئاساسەن» نى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش خىزمىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى يېشىدىكى بارلىق ئۆسمۈرلەرگە مەكتەپتە ئوقۇش شارائىتى ھازىرلىنىپ، مەكتەپ يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن چۈشۈپ قېلىشىدەك ئەھۋال ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىلدى. دېمەك، ھەممە بالا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتىدىغان، مائارىپ تەربىيەسى ئالىدىغان بولدى. 2008-يىلىدىن ئىلگىرىكى ئاز بىر قىسمىنى مەكتەپكە كىرمىگەنلەر دەپ تۇرۇپ ئۆزىمىزنى چەتكە ئالساقمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكىنى مائارىپ تەربىيەسى كۆرمىگەنلەر دېيەلمەيمىز. بۇ، ئەتراپىمىزدىكى ئەھۋاللار.
دۇنيا ۋەزىيىتىدىن قارايدىغان بولساق، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردىكى سىياسىي، مائارىپ، مەدەنىيەت، كەلگۈسى دېگەن ئۇقۇملار بىزنى ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان دەرىجىدە قورقۇنچلۇق تۇيغۇلارغا باشلايدۇ.
2001-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي مۇھىت ئەندىزىسىدە زور بۇرۇلۇش بولدى. ئامېرىكىدىكى خەلقئارا سودا مەركىزى بىناسىنىڭ پارتلىتىلىشى دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى بىر مەيدان قالايمىقانچىلىقنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياقتى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۇنيا ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىۋاتقان «ئاقساقال» دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇزۇندىن بىرى كۆز تىكىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرگە تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەر بىلەن ھۇجۇم قىلىپ «ئاچچىقىنى چىقاردى». بۇنىڭ نەتىجىسى كۆپلىگەن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى، نۇرغۇن بالىلارنىڭ يېتىم بولۇپ كوچىلاردا باش-پاناھسىز قېلىشى، ۋەتىنى مۇنقەرز قىلىنغان كىشىلەرنىڭ لاماكانلىق ھاياتقا قەدەم قويۇشى، قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈن بىراۋلارنىڭ قولىغا تەلمۈرۈپ قاراشلىرى... قاتارلىقلار بىلەن خۇلاسىلەندى. دۇنيانىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى «قازىلار» بۇ قىرغىنچىلىقلارنى ئۆزىنىڭ پايدىسىغا سوراپ ئاخىرلاشتۇردى. ھالبۇكى، «11-سېنتەبىر» ۋەقەسى بولۇپ بىر مۆچەل ۋاقىتتىن كېيىن بۇ ۋەقەنىڭ تېگى-ماھىيىتى، مەقسەت – غەرىزى ئاستا-ئاستا سىرتقا ئاشكارىلىنىپ، كىشىنى ئويغا سالىدىغان شۈبھىلىك پاراڭلار پات-پات قۇلىقىمىزغا كىرىپ قالىدىغان بولدى. ئۆزىنى «دۇنيانىڭ خوجىسى» دەپ قارايدىغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخ بەتلىرىدىن ئۆچۈرۈۋېتىش ئىنتايىن قىيىن بولغان، سانسىزلىغان ئائىلىلەرنى خانىۋەيران قىلىپ، بالىلارنى يېتىملىك كوچىسىغا ئىتتەرگەن بۇ قاباھەتلىك ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى، پەردازلانغان تونۇشتۇرۇلمىلارنىڭ كەينىگە مەلۇم بىر سىياسىي سۈيىقەستنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. 1995-يىلى 27-سېنتەبىردىن 1-ئۆكتەبىرگىچە سان-فرانسېسكونىڭ فىلمېنتېر مېھمانخانىسىدا كىچىك جورجى بۇش، تونىي بىلايىر، ساچېر خانىم، بېرژېنىسكىي، بېل گايتىس... قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر 500 نەپەر مۇھىم سىياسىيون، ئالىملار قاتناشقان «فىلمېنتېر يىغىنى»①دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «يېڭى مالتوسىزم»② ۋە «يېڭى نېتيىزم»③نىڭ مۇدھىش شەپىسى بىزنى كۆزىمىزنى ئوبدان ئېچىپ، ئەتراپىمىزغا سەگەكلىك بىلەن نەزەر سېلىشقا، ئەقلىمىزنى، تەپەككۇرىمىزنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشقا سېلىشقا ئۈندەيدۇ.
بىزدە ھازىر بالىلارنىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان پايدىسىنى ئەمەس، جەمئىيەتكە كەلتۈرمەيدىغان زىيىنىنى كۆزلەپ تەربىيە قىلىدىغان ئەھۋال ئومۇملىشىپ قالدى. مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئوقۇتۇشتىن بەكرەك ئارقا سەپ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئىلمىي مۇدىرلارنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىن بەكرەك ماتېرىيال تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى، ئەخلاقىي تەربىيە مۇدىرلىرىنىڭ مەكتەپلەردىكى جېدەل-ماجرانى ئايرىيدىغان سوراقچىغا ئايلىنىپ قېلىشى مائارىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىكى ئەجەللىك يوچۇقنى ئاشكارىلاپ قويۇۋاتىدۇ.
مەكتەپلەرنىڭ قورشاۋ تېمىغا تارتىلغان تىكەنلىك سىملار كىشىلىرىمىزگە (بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا) ھاقارەت بولۇپ تويولۇشى كېرەك. مەكتەپلىرىمىزنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئىچى بىلەن سىرتى مۇددىئا جەھەتتە پەرقلىق ئىككى دۇنيا. بالىلار مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ ئائىلىسىگە بارغۇچە بولغان ئارىلىقتا خىرىسلارنىڭ ئارىسىدىن قىسىلىپ ئۆتىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ چىرايىدىكى غەمكىنلىك ئالامەتلىرى، مەكتەپكە يولغا سالغان پەرزەنتلىرىدىن ئەنسىرەش تۇيغۇلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ماھىيەتتە جەمئىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ، ئەخلاقىي جەھەتتە چېكىنىش بولۇۋاتقان جەمئىيەت توپىنىڭ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە قالدۇرغان ئاچچىق كۆلەڭگىسىدىن ئىبارەت. فرانسىيەدىكى ئېفىل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكىنى بىلگەن بالىلارنىڭ خوتەندىكى ياڭاق پادىشاھى بىلەن چىنار دەرىخى پادىشاھىنىڭ ئېگىزلىكىنى بىلىشى ناتايىن. قەدىمكى زاماندىكى سەي لۇننى بىلگەن بالىلارنىڭ خوتەن قەغىزى ياساش ئۇستىسى ــ قاراقاش پۇرچاقچىلىق توختى باقى بوۋاينى بىلمەسلىكى، ئوبامانىڭ كىملىكىنى بىلگەن بالىلارنىڭ ئۆز يېزىسىنىڭ باشلىقى يېنىدىن ئۆتۈپ كەتسە تونۇماسلىقى مۇمكىن. توققۇز يىل مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ رۇخسەت سوراش خېتىنى ئوڭشاپ يازالماسلىقى، ئىككى تاغار ساماننىڭ ھۆججىتىنى پۈتەلمەسلىكى، ئائىلىسىنىڭ قانچە مو يېرى بارلىقىنى، ئۆيىنىڭ قانچە كۋادراتمېتىر ئىكەنلىكىنى ھېسابلىيالماسلىقى بىزگە تالاي سوئاللارنى قويىدۇ.
ئۆز مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي، بۇرۇچ تۇيغۇسىنى ھېس قىلالماي، مۇنبەرگە چىققان ئوقۇتقۇچى شۇ مىللەت مائارىپىنىڭ تېنىگە چاپلاشقان پارازىت قۇرت. ئۇ تەربىيەلەنگۈچىلەرگە كەلگۈسىنى چۈشەندۈرەلمەيدۇ. ئۇ يورۇتۇۋاتقان شام ئەھمىيەتسىز كۆيۈپ تۈگەش بەدىلىگە مىللەتكە ئۆزىگە ئوخشاش بىر تۈركۈم پارازىتلارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ھامان ئۆزىنىڭ بۇرنىدىن يېتىلەيدىغان سەۋىيەلىكلەرنىڭ ئەرزان باھالىق ئىشلەمچىلىرىگە ئايلىنىدۇ، خالاس. ئۇلاردا ئۆزىنى قوغداش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىنتىلىش كۈچى ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ.
كىشىلىرىمىز بىنا ئۆي سېتىۋېلىش، قەرز ئېلىپ ماشىنا يېڭىلاش بىلەن ئالدىراش. سەپدىشىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقىنىنى بىلىشكە چولىسى يوق. ئۇلار قىزىل چىراقنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئالتە نومۇر تارتقۇزۇپ قويۇشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ. مىللىي مائارىپىمىز ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلار ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغان. شۇغىنىسى، مائارىپتىكى دىققەتسىزلىك تۈپەيلى تارتىلىدىغىنى نومۇر ئەمەس، بەلكى ئەۋلاد، يەنى سىز، بىزنىڭ داۋامىز. بۇلارنى يىلدا بىر تەكشۈرتۈشتىن ئۆتكۈزۈپ تولۇقلاش ئىمكانىيىتى يوق. «جەمئىيەتتىكى باشقا ھەر قانداق كەسىپ ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە يۇقىرىغا سانلىق مەلۇمات يوللاپ ياكى يالغان دوكلات يوللاپ مەسئۇلىيەتتىن قۇتۇلالايدۇ. شۇنداقلا بىر قىسىم كەسىپلەرنىڭ جەمئىيەت، مىللەت، تارىخ ئالدىدا سۈرۈشتۈرۈشكە ئەرزىگۈدەك مەسئۇلىيىتى بولمايدۇ. بانكىدىن قەرز ئالغان قەرزدار قەرزنى تۆلەپ قۇتۇلۇشى، دېھقان ھوسۇلىدىن ئالۋاڭ تۆلەپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى مۇمكىن. ئوقۇتقۇچىچۇ؟ ئوقۇتقۇچى تارىخ ئالدىدا جاۋابكار، مىللەت، جەمئىيەت ئالدىدا، مەكتەپ تەربىيەسى ئالغان ھەر بىر تەربىيەلەنگۈچى ئالدىدا جاۋابكار. مۇبادا ئوقۇتقۇچىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن تەخت ياساشقا توغرا كەلسە، شاھلىق تەختى كەملىك قىلىدۇ. خاتالىقى ئۈچۈن سوت ئېچىشقا توغرا كەلسە، ئوقۇتقۇچىغا كەچۈرگۈسىز جىنايەت يۈكلىنىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك كىشىلەردىن بولۇشى كېرەك » (ئادىل ئابدۇقادىر: «مىللىي مائارىپىمىزدىكى كىرىزىس ۋە مەسئۇلىيەت»، «كروران» ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىللىق 4-سانى).
پېشقەدەملەر ئىلگىرىكى نەتىجىلىرىدىن قانائەت ھاسىل قىلىش، ياشلار ئىزدىنىش روھىغا كاتالىزاتور بولىدىغان مەنىۋى مۇھىت يارىتىلمىغان بۇرۇختۇرمىلىق شارائىتتىكى چۈشكۈنلۈكى بىلەن كېلىپ چىققان زېرىكىشىلىك تۇيغۇنىڭ ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ كويىغا چۈشكەن. 15 يىل ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ نېنىنى يېگەن بىر ئۇستازنىڭ ئۈنۋان ئالىدىغان ۋاقىتتا ئىلمىي ماقالىنى ئۇنىڭغا، بۇنىڭغا دەپ يۈرۈپ يازدۇرۇشى، پۇل تۆلەپ ئېلان قىلدۇرۇشنىڭ كويىغا كىرىشى ماھىيەتتە ئۆز كەسپىگە بولغان ناخوشلۇقنىڭ مەھسۇلىدۇر.
ئەنە، بىر ئوقۇتقۇچى جېدەللىشىۋاتقان ئىككى ئوقۇغۇچىنى كۆرمەسكە سېلىپ ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئارتۇق ئىشقا ئارىلىشىپ قېلىشتىن، ئۇلارنىڭ (ئوقۇغۇچىلارنىڭ) ئۆزىگە يېنىپ قېلىشى، شۇ تۈپەيلى قولى تېگىپ كېتىپ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تەن جازاسى بېرىپسەن، دەپ ئەيىبلىشىدىن ئېھتىيات قىلىدۇ. سىنىپقا كېچىكىپ كىرگەن مۇئەللىم ئىلمىي مۇدىرغا ئۆزىنى كېچىكىپ كىردى دەپ يازماسلىقىنى ئۆتۈنۈۋاتىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئىلمىي مۇدىرنىڭ «باغرىنىڭ يۇمشاپ قالغانلىقى»نى بىلىدۇ. بىر ئوقۇتقۇچى سىنىپتا ئولتۇرۇپ مۇھەببەت تىراگېدىيەسى تەسۋىرلەنگەن قايسى بىر كىتابنى بېرىلىپ ئوقۇۋاتىدۇ. شۇ تاپتا سىنىپتا تاپشۇرۇق تەكشۈرۈۋاتقان ئۆگىنىش باشلىقى قاتارلىق ئۈچ ئوقۇغۇچىدىن باشقا ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ پاراڭلىرى ۋە ئويۇنلىرى بىلەن ئالدىراش. سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىزامىنى تەشكىللەش ئۇنىڭ خىيالىغا كىرمەيدۇ. ئۇنىڭچە بولغاندا شۇ بىر سائەت بېرەرسى كاللا-قاپاقنى يارماي خاتىرجەم توشسىلا بولدى. ئەنە بىر ئوقۇتقۇچى يەنە بىر كەسىپدىشىنىڭ كومپيۇتېرىغا كىرگۈزگەن تەييار دەرس تەييارلىقىنى ئىسمىنى ئۆزگەرتىپلا گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ يېنىغا ئىمزا قويۇش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئوبدان بىلىدۇ. گۇرۇپپا مەسئۇلى ئىككى دەرس تەييارلىقىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ بۇنداق ئىشلارغا كۆنۈپ كەتكەن. مەكتەپ مۇدىرى بۇنداق كىچىك ئىشلارغا يېتىشىپ بولالمايدۇ. چۈنكى، ئۇ تۈرلۈك يىغىنلارغا قاتنىشىش ۋە شۇ يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، تەكشۈرۈشلەرگە كېلىدىغانلارنى كۆتۈۋېلىش ۋە ئۇزىتىش بىلەن ئالدىراش...
«ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئۈستىدە ئويلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرمىگەن كىشىلەر ھەر قانچە پاجىئەلىك كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈرسىمۇ، ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتېرلىك بېرەر ئاددىي خۇلاسىگىمۇ ئېرىشەلمەي، ئار-نومۇسسىز ياشاۋېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي شەرىپىنى تەرك ئېتىشكە قايتۇرغۇسىز ھالدا يۈزلەنگەن بولىدۇ » (ئابدۇقادىر جالالىدىن) . بىراۋلارنىڭ چېقىۋېتىلگەن زاۋۇت تۇرخۇنىسىنىڭ خىشىنى تەۋەررۈك سۈپىتىدە ئۆيىدە ساقلىشى، «ئالتە ئاي ئىچىدە 60 مۇئەللىم بىلەن 24 مەكتەپ ئاچقان، قىسقىغىنە نەچچە يىلدا 10 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى تەربىيەلەشتەك مائارىپ مۆجىزىسى ياراتقان» مەمتىلى ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنىڭ داغدۇغىسىز ھالدا ئۆتۈپ كېتىشىدىن ئەپسۇسلانغان كىشىلەر... بۇ زادى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پىسەند قىلىشنى ئۇنتۇغان مىللەت ئۆزىنى تۈگەشتۈرۈشكە دەسمايە توپلاۋاتقان بولىدۇ. ئاگاھلاندۇرغۇچىلىرىدىن ئايرىلىپ قالمىغان خەلقنىڭ كەلگۈسى مەۋجۇتلۇقى مەنىۋى كاپالەتكە ئىگە. ئۆز تىلىدا ئېيتىلىۋاتقان ئاگاھلارنى ئاڭلاۋاتقان قەۋم پەخىرلىنىدىغان كىشىلىرىنىڭ بولغانلىقىدىن سۆيۈنۈش ھېس قىلىشى لازىم.
ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن: «ئوقۇتقۇچىدا بىر خىل ئېتىقاد بولۇشى كېرەك، بۇ ئېتىقاد ئوقۇتقۇچىنى ئالىيجاناب غايىگە يېتەكلەيدىغان ۋە ئوقۇغۇچىلارنىمۇ مەلۇم توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان، شۇ ئوقۇتقۇچىنى چۈشكۈنلىشىشتىن خالىي قىلالايدىغان، ئۇنى بىر خىل ئالىي پەزىلەتكە ئىگە قىلالايدىغان، ئىنساننى سۆيۈش، ئىنساننى چۈشىنىش، ئىنسانغا ھېسداشلىق قىلىشتىن ئىبارەت مۇشۇ خىل مەنىۋى يۈكسەكلىككە ئىگە قىلالايدىغان بىر خىل ئېتىقاد بولۇشى كېرەك» دەيدۇ (ئەزىزى: «مائارىپ ھەققىدە مۇلاھىزىلەر»، «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق1-، 2-قوشما سانى).
ئوقۇتقۇچىنىڭ تەدبىرى ئوقۇغۇچىنىڭ تەقدىرى دېمەكتۇر.
بۇرچ تۇيغۇسى ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنداق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلىش دېگەنلىكتۇر.
بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە ھەر قانداق مىللەت ئەۋلادلىرىغا ئىلغار ئىدىيە ۋە ساغلام بولغان جەمئىيەتنى مىراس قالدۇرىدۇ.
بۇرۇچ تۇيغۇسى بولمىغان كىشىلەرنىڭ غايە ئېڭى سۇس، ئىنتىلىش كۈچى ئاجىز بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ قولىدىن ئۆزىنىڭ كەلگۈسى نىشانىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشنى خالىمايدىغان، «تاپسا يەيدىغان، تاپالمىسا قانائەت قىلىپ يۈرىۋېرىدىغان»، ئەپەندىم ئوخشاتقان شەھەرنىڭ ئىتلىرى كەبىي تەييارتاپ قورساق بەندىلىرى يېتىشىپ چىقىدۇ.
كالا بىر ئۆمۈر قوي بىلەن خوشنا ئېغىلدا تۇرسىمۇ، ھامان ئۆزىنىڭ نەپسى ئۈچۈن مۆرەيدۇ. قوينىڭ ئاچ قالغان قورسىقى ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر. باشقىلارغا نېمە بولسا ماڭىمۇ شۇ دەيدىغان قاراش ئەتراپىنى قاتمۇ-قات خىرىسلار ئوراپ تۇرغان جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن تولىمۇ بىمەنە سۆزدۇر. مۇشۇنداق دېگۈچىلەر بىلىپ-بىلمەي ئۆزىنى بىراۋلارنىڭ سايىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئادەم قۇياشقا كەينىنى قىلغاندىلا ئاندىن ئۆز سايىسىنى كۆرەلەيدۇ.
ناۋادا كاللىسى ھىيلە-مىكىر بىلەن توشۇپ كەتكەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئۆكتەم كۈچلەر خې شىن ئەپەندىنىڭ ئىلتىجاسىغا قۇلاق سالماي «فىلمېنتېر يىغىنى»نىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا ئۇرۇنسا، «يېڭى مالتوسىزم» ۋە «يېڭى نېتيىزم»نىڭ ئۆچىرىتى بۇرۇنراق كىملەرگە كېلەر؟!
«مائارىپ ــــ بىر مەيدان ئىدىيە كۆرىشى» دېگەنىكەن كىمدۇر بىرى. جەڭگە چۈشكەن ئەسكەر ھامان ئۆز غەلىبىسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ. مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى. مەن بۇ يازمامدا ئۆزۈمنى ۋە كەسىپداشلىرىمنى دۇنيادىكى بارلىق چاكىنىلىقنىڭ سەۋەبچىسى دېمەكچى ئەمەسمەن. ئەلۋەتتە، ھەممە ساھەدىكىلەر تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەمما، مائارىپ ئەۋلاد تەربىيەلەش ئۈچۈن ئەڭ كۆپ ۋاقىت ۋە مەبلەغ ئاجرىتىلغان ساھە. شۇنداق بولغانىكەن، ئەۋلادلارنىڭ كېلەچېكىگە بىز بەكرەك مەسئۇل بولۇشىمىز كېرەك. بىزدە بىراۋلارغا بېرەلىگۈدەك نۇرغۇن پۇل يوق. ئىتتىك بازاردا ئۆتكۈدەك ئېسىل مېلىمىز يوق. بۇغداي نېنىمىز بولمىغىنى بىلەن بۇغداي سۆزىمىز بار. بىراۋلارنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلالىغۇدەك نېمەڭ بار دېسە، پەقەت ئەۋلاد ئۈچۈن تېنىمسىز سوقۇۋاتقان غۇرۇرلۇق يۈرەك بار. بىز ئوبدان تىڭشاپ باقايلى: يۈرىكىمىز پۇل، ئۆي، ماشىنا ئۈچۈن سوقۇۋاتامدۇ؟ ياكى پەرزەنتىمىز ۋە شۇ پەرزەنتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن گۈپۈلدەۋاتامدۇ؟
____________________
ئىزاھات:
①قاراڭ: زامانىمىزنىڭ داڭلىق نەزەرىيەچىسى، ئەدىب، ئىقتىسادشۇناس، تارىخشۇناس ھەمدە خەلقئاراغا داڭلىق ئېقىم مەسىلىلىرى تەھلىلچىسى، ئىستراتېگىيە مەسىلىلىرى ئوبزورچىسى خې شىن ئەپەندىنىڭ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ ئالدى-كەينىدىكى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە مەسىلىسى، پارىس قولتۇقى ئۇرۇشى، تەيۋەن مەسىلىسى، ئىككى كورېيە مەسىلىسى... قاتارلىق دىققەت مەركىزى مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى سىستېمىلىق بايان قىلغان، 2003-يىلى يانۋاردا «ئېقىم مەسىلىلىرى» نەشرىياتى 《时事出版社》 تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «يەرشارى ئىستراتېگىيە مەسىلىلىرى ھەققىدە يېڭى كۆزىتىشلەر»(ISBN7_80009_739_0/D. 314《全球战略问题新观察》) كىتابىدىن ئېلىنغان بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار بېرىلگەن «ئامېرىكىنىڭ دۇنيا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ۋاقىت جەدۋىلى» دېگەن قىسمى ئىبراھىم ئەھمەدنىڭ تەرجىمىسى بىلەن «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
②يېڭى مالتوسىزم ــــ «ھازىر يەر شارى كۆتۈرۈپ يۈرۈۋاتقان كېرەكسىز ۋە سۈپەتسىز ئادەملەر بەك كۆپىيىپ كەتتى. نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن يەرشارى خاراكتېرلىك ئېكولوگىيە ۋە قايتا پەيدا بولمايدىغان ئېنېرگىيە مەسىلىسى نوپۇس كېرىزىسىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. شۇڭا، چوقۇم ئۇرۇش ۋە ۋابا (خىمىيەلىك قورال)دىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى يوقىتىۋېتىش كېرەك» دەيدىغان قاراش.
③يېڭى نېتيىزم ـــــ «دۇنيادىكى بايلىقلارنى %20 سۈپەتلىك ئاھالە ۋە مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ياراتقان بولغاچقا، ئامال قىلىپ قىممەت يارىتىش ئىقتىدارى بولمىغان ئاشۇ ھايۋانلار جامائەسىنى يوق قىلىۋېتىش ۋە شاللىۋېتىش كېرەك» دەيدىغان قاراش.
مەنبە: «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلى