تىزىملاتقانلار سانى 50 مىڭ 185گە يەتتى
ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرى 1-ئىيۇل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشتى
2015-يىللىق شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى 1-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئادىل، ھەققانىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 4-ئىيۇل ئاياغلىشىدىغان بولۇپ، 5-ئىيۇلدىن 9-ئىيۇلغىچە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مائارىپ ئىدارىلىرى ۋە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن جەمئىي 50 مىڭ 185 ئوقۇغۇچى شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا تىزىملاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىن 10 مىڭ 500ى قوبۇل قىلىنىدىكەن. بىڭتۇەن مائارىپتا يەرلىك بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىپ، ئاساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى بىڭتۇەن شىلىرىدىن 500 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان، بۇنىڭ بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلغان جايلار 17گە، مەكتەپ 30غا يەتكەن.