1. چاچنى يۇيۇشتىن ئاۋۋال، ئالدى بىلەن چاچنى ياغاچ تارغاقتا تاراپ، چىگىچىنى چىقىرىش لازىم.
2. چاچ يۇيۇشقا ئىشلىتىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە37℃-38℃بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولسا ئاسانلا باش تېرىسىنى ۋە چاچنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن بولسا، چاچنى پاكىز يۇيغىلى بولمايدۇ.
3. چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى بىۋاسىتە چاچقا تۆكمەستىن، ئۇنى قولغا تۆكۈپ ئۇۋۇلاپ، ماغزاپ چىققاندىن كېيىن ئاندىن چاچقا سۈركەش لازىم.
4. باشنى كۈچەپ تاتىلىماسلىق لازىم، باشنى ئۇچلۇق تىرناق بىلەن تاتىلىسا، چاچتىكى كېپەكنى كۆپەيتىدۇ، خالاس.باشنى بارماق بىلەن يەڭگىل ئۇۋۇلاپ بەرسە، باشنىڭ قىچىشىشىنى توختاتقىلى بولىدۇ ھەم قان ئايلىنىشقىمۇ ياردىمى بولىدۇ.
5. چاچنى يۇيۇشتا، چاچلارنى ئۆزئارا سۈركەپ يۇيماسلىق (ياكى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن چاچنى لۆڭگە بىلەن كۈچەپ سۈرتمەسلىك) لازىم. چاچنى پاكىز يۇيۇش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى ھەربىر تۇتام چاچنى بارماقلار بىلەن يەڭگىل ئۇۋۇلاپ، تۈۋىدىن ئۇچىغا قارىتىپ سىقىپ، مەينەتلەشكەن ماغزاپنى سىقىۋېتىپ يۇيۇش كېرەك.
6. يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن چاچنى پاكىز چايقاش لازىم، چاچنى چايقاشقا سەرپ قىلىدىغان ۋاقىت چاچنى يۇيۇشقا سەرپ قىلغان ۋاقىتنىڭ ئىككى ھەسسىسىچىلىك بولۇشى كېرەك. بولمىسا چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدىكى ئىشقارلىق تەركىبلەر باش تېرىسى ۋە چاچتا قېپقالىدۇ-دە، چاچ يېرىلىش، كېپەكلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.
7. چاچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ئالدىن بىلەن چاچتىكى سۇنى بوشقىنە سىقىۋېتىش، ئاندىن كېيىن سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك لۆڭگە بىلەن ئۇرۇپ چاچتىكى كۆپ قىسىم سۇنى سۈمۈرۈۋېتىش، ئاندىن شالاڭ تارغاق بىلەن تاراپ بېرىش، چاچنى ئىمكانقەدەر تەبىئىي قۇرۇتۇش لازىم.
چاچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن لۆڭگە بىلەن كۈچەپ سۈرتۈش ھەمدە دەرھاللا شامالدۇرغۇچ بىلەن قۇرۇتسا، چاچنىڭ زەخمىلىنىشى، يېرىلىشى، قۇرغاقلىشىشى تېزلىشىپ، چاچقا ئىنتايىن پايدىسىز.