تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تۇرۇپ پوستىنى كىندىككە چاپلىسىا...

تۇرۇپ پوستىنى كىندىككە چاپلىسىا.......ئەجىبا بۇ «مۆجىزە»مىدۇ؟

كونىلاردا «قىشتا تۇرۇپ، يازدا زەنجىۋىل يىسە، دوختۇرخانىغا بېرىش ھاجەتسىز»دەيدىغان گەپ بار. نۇرغۇن كىشىلەر تۇرۇپ يىسىمۇ، ئۇنىڭ پوستىنىڭ قانداق روللىرى بارلىقىنى بىلمەيدۇ.

1. تۇرۇپ پوستىنى كىندىككە چاپلىسىڭىز قورساق كۆپۈشنى داۋالايدۇ.

تەرەپ ئۇزۇنلۇقى5سانتىمېتىر بولغان كۋادرات شەكلىدىكى، تەڭگىنىڭ قېلىنلىقىدىكى ئاق تۇرۇپنىڭ پوستىنى قىزىق سۇدا بىر مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن ئىچكى تەرىپىنى كىندىككە چاپلاپ، سۇلياۋ بىلەن مۇقىملاشتۇرىمىز، ھەركۈنى ئۈچ ۋاق تاماقتىن كېيىن بىر سائەتتىن ئۇدا بىر ھەپتە چاپلىسا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.

2. تۇرۇپ پوستى تاپان ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

بىر قانچە تۇرۇپ پوستىنى سۇدا قاينىتىپ تاپانغا چاپلىسا، سوۋۇغاندا يەنە بىر قېتىم قىزىتىپ چاپلىسا، يېرىم سائەتتىن كېيىن تاپان ئاغرىقى پەسىيىدۇ.

3. تۇرۇپ پوستىنى چېكىگە تاڭسا باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

باش ئاغرىش قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىش ۋە تارىيىش ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئادەتتە باش چوققىسى، پېشانە، باشنىڭ ئىككى تەرىپى ۋە ئارقا مېڭە ئاغرىيدۇ، ئېغىرراق بولسا كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، بەدەن سېزىمىنى يوقىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. باش ئاغرىقىنىڭ سەۋەبى بەك كۆپ، مەسىلەن روھىي زەربە، ئۇيقۇ ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلار. جۇڭگو تېبابىتىدە باش ئاغرىقىنى داۋالايدىغان ياخشى ئۇسۇل بار، ئۇ بولسىمۇ  تۇرۇپ پوستىنى چېكىگە تېڭىش.

كونكرېت ئۇسۇلى: ئاق تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ، پوستىنى ئاقلاپ، ھاراق بوتولكىسىنىڭ ئاغزىدەك چوڭلۇقتا كېسىپ، چېكىگە تېڭىمىز ھەمدە سۇلياۋ بىلەن مۇقىملاشتۇرىمىز، ھەر قېتىمدا 20 مىنۇت چاپلايمىز، قېتىم سانىنى ئەھۋالغا قاراپ بېكىتسەك بولىدۇ. تۇرۇپنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەركىبىدە ئاروماتىك ئامىنو كىسلاتاسى بار. ئىسسىقنى قايتۇرۇش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاش، قان-تومۇرلارنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئازايتىش ئارقىلىق باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

4. تۇرۇپ پوستى ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىغا پايدا قىلىدۇ.

تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ، پوستىنى ئېلىۋەتمەي، نېپىز كېسىپ قاچىغا سېلىپ، ئىچىگە 2-3 قوشۇق شېكەر سالىمىز، 12 سائەتتىن كېيىن ئۇ تۇرۇپ-شېكەر سۈيىگە ئايلىنىدۇ.بۇ سۇنى ئىچىپ بەرسىڭىز بەلغەمنى بوشىتىپ، يۆتەلنى توختىتىدۇ.

5. تۇرۇپ پوستىنى يىسىڭىز راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئاچچىق تۇرۇپ پوستىدا مول ئىزوتىئوسىئانات بار، ئۇ راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ئامىل. خام ماتېرىيال: 300 گرام تۇرۇپ پوستى، ئازراق تۇز، قىزىل ماي، 100 گرام گۈرۈچ ئاچچىقسۇيى، 20 گرام پىششىق كۈنجۈت. تەييارلاش ئۇسۇلى: تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتۇپ، تۇز، گۈرۈچ ئاچچىقسۇيى، قىزىل ماي، كۈنجۈت بىلەن ئارىلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

كىچىككىنە تۇرۇپنىڭ ئۈنۈمى كۆپمىكەن؟

بۇ ئۆيدە قوللىنىدىغان ئۇسۇللار، مىجەزىڭىز يوق بولسا ئاۋۋال دوختۇرخانىغا بېرىپ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن ئاندىن بۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ.



ئەسلى مەنبەسى: خەنزۇچە تور بەت
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز