تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
مۈشۈك بىلەن ئارسلان

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا مەلۇم بىر كەنتتە بىر دېھقان بىر ئالا مۈشۈك باققانىكەن.بۇ مۈشۈك ناھايىتى چىرايلىق ۋە ئوماق بولۇپ، يولۋاس بالىسىغىلا ئوخشايدىكەن.

كېيىن بۇ مۈشۈك بىر ئارسلان تۇغۇپتۇ. ئارسلاننىڭ تېرىسىمۇ ئالا بولۇپ، ئانىسىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەن. بىر يىلدىن كېيىن ئارسلان ئانىسى بىلەن تەڭ بوپتۇ، مويلىرىنىڭ رەڭگى، بويىنىڭ ئېگىزلىكى، ئورۇق-سېمىزلىكى ئانىسى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش بولۇپ، مۈشۈكنىڭ ئىگىسىدىن باشقا ھېچكىممۇ قايسىسى ئانىسى، قايسىسى ئارسلان ئىكەنلىكىنى ئايرىيالمايدىكەن.

بىر كۈنى مۈشۈكنىڭ ئىگىسى بىرنەچچە بۇرادىرىنى ئۆيىدە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىپتۇ. سورۇن قىزىپ ئەۋجىگە چىققاندا توك كېتىپتۇ.

دەل شۇ ۋاقىتتا شۇ مەھەللىلىك بىر بالا ئىشىك ئالدىدىن ئۆتۈپ قاپتۇ. سىرتقا چىقىشقا خۇشياقماي تۇرغان ئۆي ئىگىسىنىڭ خىيالىغا بىر ئىش كەپتۇ-دە، ئۇ بالىنى توۋلاپتۇ:

-بالام ئۆيگە كىر، ساڭا پىرەنىك بېرىمەن.

ھېلىقى بالا ئۆيگە كىرىپتۇ. لېكىن ئۆي ئىگىسى:

-بالام، ساڭا پىرەنىكنى بىكارغا بەرسەم بولماس، سېنى بىر سىناپ باقاي، ئەگەر سوئالىمغا جاۋاب بېرەلىسەڭ پىرەنىكنى ھازىرلا بېرىمەن، ئەگەر جاۋاب بېرەلمىسەڭ، دۇكانغا بېرىپ شام ئەكېلىپ بېرىسەن،-دەپ شەرت قويۇپتۇ.

ھېلىقى بالا كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ تۇرۇپ:

-قېنى سوراڭ،-دەپتۇ.

-ئۆيۈمدە ئىككى مۈشۈك بار، ئۇنىڭ بىرى ئانا مۈشۈك، يەنە بىرى ئارسلان. سەن ئۇنىڭ قايسىسىنىڭ ئانىسى، قايسىسىنىڭ ئارسلان ئىكەنلىكىنى ئايرىيالامسەن؟-دەپتۇ ئۆي ئىگىسى.

ھېلىقى بالا بېشىنى قاشلاپ تۇرۇپ، داستىخاندىكى ئېشىپ قالغان تاماققا قاراپتۇ ۋە بىرنەرسە ئېسىگە كەلگەندەك قىلىپ:

-تاغا، ئەگەر ئايرىيالىسام پىرەنىكنى ھەسسىلەپ بېرىسىز جۇمۇ،-دەپتۇ.

-بولىدۇ، چاتاق يوق،-دەپتۇ ئۆي ئىگىسى.

ھېلىقى بالا خۇشال بولۇپ داستىخاندىن بىر توغرام گۆشنى ئېلىپ يەرگە قويۇپتۇ. ئىككى مۈشۈك تەڭلا ئېتىلىپ كەپتۇ.بىراق، بىردەمدىن كېيىن بىر مۈشۈك كەينىگە يېنىپ، بىر چەتتە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپتۇ، يەنە بىر مۈشۈك گۆشنى مەززە قىلىپ يېيىشكە باشلاپتۇ.

ھېلىقى بالا مۈشۈكلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:

-قاراڭ تاغا، ئاۋۇ چەتتە زوڭزىيىپ ئولتۇرغىنى ئانا مۈشۈك، ئاۋۇ گۆش يەۋاتقىنى ئارسلان،-دەپتۇ.

كىچىككىنە بالىنىڭ بۇنى تېپىۋالغانلىقىنى كۆرگەن ئۆي ئىگىسى:

-سەن قانداق بىلەلىدىڭ؟-دەپ سوراپتۇ.

-مۈشۈكمۇ ئادەملەرگە ئوخشاش بالىسىغا كۆيۈنىدۇ، گەرچە ئانا مۈشۈكنىڭ قورسىقى ئاچ بولسىمۇ، لېكىن گۆشنىڭ ئازلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزى يېمەي بالىسىغا يېگۈزدى،-دەپتۇ ھېلىقى بالا.

ئۆي ئىگىسى بىلەن مېھمانلار بۇ بالىنىڭ ئەقىللىقلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇپتۇ. ئۆي ئىگىسى بۇ بالىغا شام ئەكەلدۈرەلمىگەننىڭ ئۈستىگە ھەسسىلەپ پىرەنىك بېرىپتۇ.




ئەسلى مەنبەسى: كىتاب
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز