باش باھاردا ھاۋا گەرچە ئىللىپ قالغان بولسىمۇ، بىراق شامال كۈچلۈك بولغاچقا، بالىلار ئاسانلا زۇكامداپ قالىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، سوغۇقتىن بولغان يۆتەلگە دىياگنور قويۇش قىيىن ئەمەس، چۈنكى بالىغا سوغۇق ئۆتۈپ قالسىلا، بالا زۇكام بولىدۇ، ئاقۇش رەڭلىك بەلغەم تۈكۈرىدۇ، تىلى ئاقىرىپ كېتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا بالىنىڭ دۈمبىسىگە خام زەنجىۋىل سۈيىنى سۈرۈپ بەرسە كېسەللىك ئەھۋالى سەللىمازا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. زەنجىۋىل سۈيىنى سىقىپ ئىلمان قايناق سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن بالىنىڭ دۈمبىسىگە سۈرۈپ، ئاندىن دۈمبىسىنى يېنىك ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك.
زەنجىۋىلنى بالىنىڭ دۈمبىسىگە سۈرگەندە، ئۆپكىدىكى سوغۇقنى ھەيدەپ ئۆپكىنىڭ نەملىكىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. ناۋادا زەنجىۋىل سۈيىنى بالىنىڭ سۈمبىسىگە سۈرگەندە دۈمبىسى قىزىرىپ كەتكەن بولسا، دەرھال ئىلمان سۇ بىلەن بالىنىڭ دۈمبىسىنى يۇيۇۋېتىش كېرەك. ئاندىن يەنە مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى ئىككى، ئۈچ قېتىم داۋاملاشتۇرغاندا، بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. (بۇ ئۇسۇلنى بىر ياشتىن يۇقىرى بالىلارغا ئىشلىتىش لازىم)