مەيلى قايسى پەسىل بولسۇن، ئاياللارنىڭ ساغلاملىقى مەڭگۈلۈك ئىلىم، بىكاردىن-بىكارغىلا ياش، چىرايلىق گۈزەل بولۇپ قالغىلى بولمايدۇ، ۋاقىت بىزنىڭ ياشلىقىمىزنى ئېلىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۆزىمىزنى كۈتۈشكە سەل قارىساق بولمايدۇ. گەرچە ھازىرقى ھۆسىن تۈزەش تېخنىكىسى ۋە دورىلار بارغانسېرى ئىلغارلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، دورا بولغانىكەن، ئۇنىڭ زەھىرى بولىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۆزىمىز قولدا ئىشلىگەن ساغلاملىق بۇيۇمىغا يەتمەيدۇ. شۇڭا بۈگۈن سىلەرگە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش شورپىسى ئېلىپ كەلدۇق.
ئاۋۋال تەييارلايدىغان ماتېرىياللىرىمىز:تىتىلغان ئۈچ چوڭ ترېمېللا زەمبۇرۇغى؛ ئۈچ دانە قىزىل چىلان (قازانغا سالىمىز)، گۈلسامساق، ئالقات، قۇرۇتۇلغان لۇڭيەن.
ئاۋۋال ترېمېللا زەمبۇرۇغىنى سۇدا 15 مىنۇت چىلاپ قويىمىز، ماتېرىيال تاللىغاندا بەك ئاق ترېمېللا زەمبۇرۇغى تاللىماسلىق كېرەك، بارلىق قوشۇمچە ماتېرىياللارنى قازانغا سالىمىز.
ئىككى ئەتىرگۈل تەييارلايمىز، ئاندىن ئۇنى ئالقىنىمىز بىلەن ئېزىمىز. قازانغا سېلىپ قاينىشىنى كۈتىمىز. قاينىتىپ يېپىشقاق بولغاندا قايناشتىن توختىتىمىز. رەڭگى يالتىراپ تۇرغان بۇ بىر قاچا شورپىنىڭ تەركىبىدە يېتەرلىك كوللاگېن ئاقسىلى بار!مەيلى ئىسسىق ياكى سوغۇق ھالەتتە بولسۇن تەمى بەك ياخشى.