تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
سىز بىلمەيدىغان 14 تۈرلۈك تۇرمۇش بىلىملىرى

  1. بەزىدە كونىراپ قالغان پولنىڭ تۆشۈكىدىن «غاچ-غاچ» قىلغان ئاۋاز چىقىدۇ، بۇچاغدا ئىچىگە ئازراق ئۇپا چېچىۋەتسەكلا مەسىلە ھەل بولىدۇ.

2. ئىشتاننىڭ رەزمىسىنى خاتا ئېلىپ قالسىڭىز، توردىن رېزىنكە سېتىۋېلىپ كەينىگە تىكىپ قويسىڭىزلا، كەڭ-تارلىقى تەڭشىلىدۇ.

3. جىددىي ئەھۋالدا ۋاقىت ھەممىدىن مۇھىم، قۇتقۇزۇش دورىلىرىنى ۋاقتىدا ئېلىش ئۈچۈن، ئايرىش تاختىسى بىلەن تۈرگە ئايرىپ سالسىڭىز، ئىشلەتكەندە ئەپلىك بولىدۇ.

4. سۇ قاچىلانغان قاچىغا ئازراق تۇز سېلىۋېتىپ، ئاندىن سوغۇق ئىچىملىكنى سالسىڭىز، تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

5. كىيىمىڭىز كۆپ بولسا، تاللاش تەسكە چۈشىدۇ. ئەگەر كىيىپ بولغان كىيىمىڭىزنى تەتۈر ئېسىپ قويسىڭىز، بىر قاراپلا پەرقلەندۈرەلەيسىز.

6. خەت يېزىپ بولۇپ ئىچىگە بىرنەرسە سېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز، كونۋېرتنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويسىڭىز، يەملەنگەن يەر ئۆزلۈكىدىن ئاجرايدۇ.

7. پلاستىك ماگنىتلىق لېنتا ئىشلەتكەندە ئۇچىنى تاپالماسلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەر قېتىم ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇچىنى قاتلاپ قويۇڭ.

8. ئۆتۈكنىڭ ئىچىگە گېزىتنى قاتلاپ سېلىپ قويسىڭىز، سېسىق پۇراقنى يوقىتىپلا قالماستىن، ئاياغنىڭ شەكلىنىمۇ مۇقىملاشتۇرىدۇ.

9. پىشلاقنىڭ تېشىنى قايماق بىلەن مايلاپ قويسىڭىز، سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

10. يازدا تېرىڭىز ئاپتاپتا كۆيۈپ كەتسە، ئاچچىقسۇغا چىلانغان ئالمىنى سۈركىسىڭىز ئاغرىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

11. ھەر قېتىم توردىن بېلەت زاكاس قىلىپ بولۇپ، COOKIEs نى تازىلىۋېتىڭ، بولمىسا بىر قىسىم تور بېكەتلىرى بېلەت تەكشۈرۈش قېتىم سانىڭىزغا ئاساسەن بېلەت باھاسىنى ئۆرلىتىۋالىدۇ.

12. ئەگەر تىزگىنەككە سالىدىغان چوڭ باتارېيە قالمىغان بولسا، ئىككى ئاليۇمىن قەغەز بىلەنلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

13. گىلاس ئۇرۇقىنى چىقىرىشتا پەقەت بىر پىپېتكىلا كۇپايە.

14. ئۆيىڭىزگە كۆپرەك تۆمۈر ماگنىت قويۇپ قويغىنىڭىز ياخشى، ھازىرقى نۇرغۇن كىچىك زاپچاسلارنىڭ ھەممىسى مېتالدىن ياسىلىدۇ، خالىغانچە قويۇپ قويسىڭىزمۇ، ماگنىت ئۇنى رەتلىك تىزىپ قويىدۇ.



ئەسلى مەنبەسى: خەنزۇچە تور بەت
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز