تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاياللاردا ئېتىقاد، ھايا، نومۇس ۋە قانائەت تۇيغۇسى

ئەمەت دەرۋىش

     بىر ئادەمنىڭ قەدىر –قىممىتى ئۇنىڭ ۋەتەن ۋە خەلققە قوشقان تۆھپىسى، ئىنسانىيەتكە بەخش قىلغان مەنىۋى بايلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. بۇ خىل شەخسىيەتسىز تۆھپە پەقەت ئۇنىڭ ئىچ - ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىققان گۈزەل ئەخلاقى، ئېسىل پەزىلىتى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، شۇڭا گۈزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل پەزىلەت ئادەمنىڭ زىننىتى.

     ئەمما ئادەمدە ئەخلاق ئەزەلدىن بولغان ئەمەس. ئۇ ئائىلە، جەمئىيەت ۋە مەكتەپ تەربىيەسى ئارقىلىق ئاستا - ئاستا شەكىللىنىدۇ ۋە مۇكەممەللىشىدۇ، ئادەم ئۆزىدىكى كەمچىللىك ۋە ئارتۇقچىلىقنى ئەمەلىيەت داۋامىدا تەدرىجىي ھېس قىلىدۇ ۋە بىلىپ يېتىدۇ. ئائىلىدە ئاتا – ئانىسى ۋە ئۇرۇق –تۇغقانلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە ياكى چەكلىشى بىلەن بىلىپ يەتسە، جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ياكى چەكلىشى، مەكتەپتە مۇئەللىم ئۆگەتكەن ئەخلاق تەربىيەسى بىلەن تەققاسلاپ خاتا ياكى توغرىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ، بىلىپ يېتىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ياراملىق ياكى يارامسىزلىقى ئۇنىڭدا تۇرمۇش ئادەتلىرىدە دائىم بەرقارار تۇرغان ئېتىقاد، ھايا، قانائەت، نومۇس ۋە تۇرمۇشتا تەرتىپلىك بولۇش قاتارلىق تەرەپلەردە كۆرۈلىدۇ.

    ئېتىقاد — ئىنسان روھىنىڭ مەنىۋى ئومۇرتقىسى، شۇنداقلا ئىنساننىڭ ئىش −ئەمەللىرىدە ئەقىل بۇيرۇغان بارلىق پائالىيەتلىرىمىز، ھېس تۇيغۇلىرىمىزنىڭ «قازى» سى. ئۆلىمالىرىمىز بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «تىرىك جان كۈچلۈك ئېتىقادقا ئىگە بولۇشى كېرەك... ئېتىقادسىز كىشى غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. پەمسىز ئادەملەر ياكى ۋىجدانسىز ئادەملەرلا ئېتىقادسىز بولىدۇ. «بۇ بايانلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئېتىقاد ھەرگىزمۇ بەزىلەر چۈشەنگەندەك نوقۇل ھالدىكى دىنىي ئېتىقاد بولماستىن، بەلكى بىر خىل خاس ئىرادە، نىيەت، غايە ۋە ھەققانىيلىق مەسلىكى. ئۆز ئەقلىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن توغرا، دەپ بىلگەن ئىشنى خالايدىغان، قوللايدىغان، داۋاملاشتۇرىدىغان، ئىنساننى ياخشىلىققا، ھالاللىققا ئۈندەيدىغان ۋە ئۇنىڭغا مەدەت بېرىدىغان مەنىۋى قورال. شۇڭا كىشىلىك ھاياتنىڭ ئۇلىنى قۇرغۇچى ئاياللارنىڭ مەسئۇلىيەتچان ۋە ئېتىقادلىق بولۇشىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقى ھامان تەكىتلىنىپ كەلگەن.

    شەرم - −ھايا ۋە ئىپپەت — ئىنسان ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر ئىچكى گۈزەللىك، شۇنداقلا ئىنسان ئەقلىنىڭ قورغىنى. تەربىيەلىك كىشىلەر، بولۇپمۇ تەربىيەلىك ئاياللارنىڭ دائىمىي ھەمراھى ھەم ئادىتىدۇر. شەرم− - ھايانىڭ ئىنسانغا مەنپەئەتلىرى كۆپ، بولغاندەك، ھاياسىزلىقنىڭ ئىپادىلىرى ھەم تولىمۇ كۆپ ھەم كونكرېت بولۇپ، ئالدى بىلەن ئېتىقادى ۋە ۋىجدانى ئاساسىدا ئۆز - ئۆزىدىن ھايا قىلىش، شۇ ئاساستا ئىشىنى ئۆزىدىن باشلاپ ئۇلۇغ تەبىئەتتىن، ۋىجدانىدىن، ئاسمان - −زېمىندىن، ئەل− جامائەتتىن، قانۇن −تۈزۈمدىن ۋە ئائىلە ئەزالىرىدىن ئۇيۇلۇش؛ بۇنىڭدا بىھايا سۆز - ھەرىكەتلەردە بولۇشتىن ئۇيۇلۇش، خىجىل بولۇش، نومۇس قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئەجدادلىرىمىز: «ھاياسىزدا ۋاپا يوق، ئىمانسىزدا نومۇس»، «توشقاننى قومۇش ئۆلتۈرەر، ئادەمنى نومۇس» دېگەندەك ھېكمەتلەرنى قالدۇرۇپلا قالماستىن، يەنە «ھاياسىزنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ» دېگەندەك جەۋھەرلەرنىمۇ مىراس قالدۇرغان.

     خەلقىمىزنىڭ مىللىي پىسخىكىسىدا شەرم - −ھايا ۋە ئار - نومۇس ئەزەلدىن ھايات بىلەن تەڭداش ئورۇندا تۇرغان، شۇڭا ھاياسىز، نومۇسسىز، ئۇياتسىز، بەتقىلىق ئادەم ۋە ئىشلارنى ھېچقاچان ئەپۇ قىلمايدۇ. بولۇپمۇ شەرم -− ھايادىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتەر ئايال زاتىنىڭ تىلتۇمارى بولۇپ، كىمىكى بۇ ئەڭگۈشتەردىن ئايرىلىپ قالىدىكەن، شۇنداقلا يۈرۈش− - تۇرۇش، كىيىم -− كېچەك، گەپ - − سۆز، ئىش −- ھەرىكەتلىرىدە بۇ ئەڭگۈشتەردىن يىراقلىشىدىكەن، ئۇ ھەرقانچە زىبا ۋە كۆركەم بولسىمۇ، ئەلنىڭ نەپرىتىگە −لەنىتىگە ئۇچرايدۇ، ئەر زاتىنىڭ بۇنداق «پەرىزات» تىن رايى قايتىپ كۆزگە ئىلمايدۇ ۋە بارا −- بارا يىرگىنىدۇ. دانالارنىڭ چەشمىلىرىدە مۇنداق دۇردانىلەر بار: «ھاياسىز ۋە نومۇسسىز ئادەملەر دۈشمەن». شۇڭا تەربىيەلىك ئايال ھاياسىزلاردىن يىراق تۇرىدۇ. ھايالىق، نومۇسنى بىلىدىغان كىشىلەر كەمبەغەل بولسىمۇ، كىشىلەر ئالدىدا ھۆرمەتلىنىدۇ. لېكىن ھاياسىز، جامائەتتىن ھېيىقماي، ۋاسىتە تاللىماي بايلىق ۋە شەھۋەتكە مەستخۇش بولغانلار ماددىي بايلىقى كىشىلەر ئالدىدا مەرتىۋىلىكتەك كۆرۈنگەن بىلەن ئېتىبارى بولمايدۇ.

     خەلقىمىز ئۇياتسىز، بىھايا، نومۇسسىز، ئەخلاقسىز، دىلى قارا كىشىلەرنى، يەنى ئېغىر مەست بولۇپ كوچا −- كويلاردا يېتىپ قالىدىغان، ئەل −- جامائەت ئالدىدا ئاغزىدىن بېزەپ، ئەخلاقسىز سۆزلەرنى تۆكۈۋېتىدىغان، مال− - دۇنيا ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماي نومۇسسىز قىلمىشلاردا بولىدىغان شەكلى ئادەملەرنى «گۇناھتىن قورقمايدىغان، مەخلۇقتىن ئۇيالمايدىغان، ئادەم ئەمەس نېمىلەر» دەپ ئاتايدۇ. تەربىيەلىك قىز -− ئاياللار ۋۇجۇدىدا ئىپادە قىلىنغان ھايا، يۈزلىرىدە ئۇيات ۋە خىجىللىقتىن پەيدا بولىدىغان قىزىللىق ئەرلەرنىڭ كۆڭلىگە چاقماقتەك تەسىر قىلىپ، مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىنى چاچىدۇ. غەيۋەت -− شىكايەت، چېقىمچىلىق، ئۆسەك سۆز تېرىش، بىھايا، بەتقىلىق سۆز -− ھەرىكەتلەردە، شەھۋەتكە مايىل قىلمىشلاردا بولۇش، يالغان سۆزلەش، باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغرىلىۋېلىش قاتارلىق ناشايان ئىشلار ھەمدە قانۇنغا سىغمايدىغان زەھەر سودىسى، بالىلار، ئاياللارنى ئېزىقتۇرۇش قاتارلىق ئادەم قېلىپىدىن چىققان ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە ھاياسىزلىقتۇر. ئۆزىنى ئادەم، دەپ بىلگەن ۋە ئادەمدەك ياشاشنى ئىزدىگەن ھەربىر ئايال شەرم - ھايانى دوست تۇتمىقى ھەقىقەتەن زۆرۈر، قىزلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق.

   قانائەت — ئىنسان ئۆزى ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنىڭ ئۆزىگە يېتەرلىك مىقدارىغا رازى بولۇش، ئاچ كۆزلۈك قىلماسلىقتۇر. قانائەت مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھەممە كىشىدە بولۇشقا تېگىشلىك گۈزەل ئەخلاقىي سۈپەتلەرنىڭ بىرى. ئۇ بىر خەزىنىدۇركى، ئاسانلىقچە كېمەيمەس؛ ئۇ پاك قەلبنىڭ بىر خىل ئۈنسىز خىتابىدۇركى، كىشىنى ئاچ كۆزلۈك بالاسىدىن يىراق قىلۇر؛ ئۇ بىر ياخشى سۈپەت ۋە سىناقتۇركى، تۈرلۈك −تۈمەن خاتادىن، ياماندىن يىراق قىلۇر. ئەگەر ئادەمدە قانائەت بولمايدىكەن، كىشى ئۆز تۇرمۇشى، ئۆزىدە بار ئىمكانىيەتلەرگە رازى بولمايلا قالماستىن، بەلكى قانائەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن كۆپ مۇشەققەتلەرگە دۇچار بولىدۇ.

      ئەگەر ئايال كىشى قانائەتتىن ئىبارەت بۇ گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولمىسا، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆزىدىن ياخشى، كىرىمى ئېرىدىن يۇقىرى ئائىلىلەر ۋە ئەرلەر بىلەن ئۆزىنى ھەم تۇرمۇشىنى سېلىشتۇرۇپ، خەقنى ماختاپ، ئېرىدىن، تۇرمۇشىدىن ئاغرىنىدۇ ھەمدە بۇ تۈپەيلىدىن ئېرىنى توغرا يولدىن ئاداشتۇرۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ خىل كېسەلگە مۇپتىلا بولغان ئايالمۇ ئەقىل ھەم قانائەتنى نەپسىگە قاراۋۇل قىلمىسا، ھېرىس بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن نەپسى − مۇرادىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن خاتا يوللارغا كىرىپ كېتىشى، ئۆزىنى ھەم ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىشىمۇ مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە رېئال ھاياتتا ھەممىمىز كۆرۈۋاتقان ھەم ئاڭلاۋاتقان بۇزۇقچىلىقلار ھەم جىنايەتلەر ئەنە شۇ قانائەتسىزلىكتىن كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان. تۇرمۇش مەئىشەتلىرى تېز كۆپىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە قىز - −ئاياللار قانائەتتىن يىراق بولسا، خاتىرجەملىكنىڭ، بەختنىڭ نېمىلىكىنى بىلەلمەي ھەسرەتلىنىپ ئۆتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان قانائەت ھەرگىزمۇ ھۇرۇنلۇق، بوشاڭلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. تىرىشىپ شارائىتىنى ياخشىلاش، ھالال ئەجىر - − مېھنىتى بىلەن ياشاشتىنمۇ ئارتۇق لەززەت ۋە خاتىرجەملىك تۇيغۇسىنى تېپىش تەس. شۇڭا تەندۇرۇس، ئەمگەك ئىقتىدارى ۋە ئىمكانىيىتى بارلا كىشى تىرىشىپ ھەرىكىتىگە يارىشا سائادەتكە ئېرىشمىكى زۆرۈر.

    قانائەتنىڭ يەنە بىر مۇھىم مەزمۇنى بىساتىدا بارىنى تېجەشلىك بىلەن، پىلانلىق، ئورۇنلۇق ئىشلىتىش. ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىش خۇددى مېھنەت بىلەن پۇل تاپقانغا ئوخشاش بولۇپ، تېجەمكار كىشىلەر ھاياتتا سارغىيىپ قالمايدۇ. ئەقىل -− پاراسەتلىك قىز -− ئاياللىرىمىز شۇنى ھەم ئەستىن چىقارماسلىقى زۆرۈركى، بىرىنچىدىن، ئۆز تۇرمۇشىدىن نارازى بولۇپ، دائىم ئاغرىنىش، باشقىلارغا ھەۋەس قىلىش؛ ئىككىنچىدىن، پەرزەنتلەرگە قانائەت قىلىشنى، ئىقتىسادنى جايىدا ئورۇنلۇق سەپلەشنى ئۆگەتمەسلىك — ھەر ئىككىسى ئوخشاشلا زىيانلىق.

     تازىلىق ۋە پاكىزلىق بۇ ئايالنىڭ تەبىئىتىنى، ئۆي تۇتۇش دىتىنى، ئائىلىسىگە مۇھەببىتىنى، ئۆزىنى قەدىرلەش ئېڭىنى، مەسئۇلىيەت ھەم مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىنى سىنايدىغان سىناق تېشى. ئۇ ئايال ئوبرازىنىڭ خېلى بىر قىسمىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان روشەن ئەينەك. تازىلىقنىڭ دائىرىسى كەڭ، بۇ يەردە ئۇ شەخسىي تازىلىق ھەم تۇرالغۇ تازىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۈستبېشى مەينەت ۋە رەتسىز بولۇش قەدىر −- قىممەتسىزلىك ۋە بەختسىزلىكنىڭ چىللىشى بولسا، ئۆيئىچىنىڭ رەتسىز، قالايمىقان بولۇشى خاراب بولۇشنىڭ بېشارىتىدۇر. ئەمەلىيەتتە پاكىز يۈرۈش ئەر ۋە ئايال ئۈچۈن ئوخشاشلا مۇھىم. بولۇپمۇ قىز -− ئاياللار ئۈچۈن ھاۋا، سۇ ۋە يېمەكلىككە ئوخشاش قىممەتلىك. تەربىيەلىك ئاياللار ئۈستبېشىلىرىنى دائىم رەتلىك، پاكىز تۇتۇپ يۈرگىنىگە ئوخشاش، ئېرى ۋە بالىلىرىنىڭ كىيىم ئۈستبېشىغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. ئۆي −جايىنى، كىيىم -− كېچەك، قاچا -− قۇچىلارنى تازىلاشتىن تاكى ئۇلارنى ئاسراپ تۇتقانغا قەدەر ئەستايىدىل ۋە ئىنچىكە مۇئامىلە قىلىدۇ. ئېرى سىرتقا ماڭغاندا خەيرلىك تىلەپ، ئىشىكتىن كىرگەندە ئىللىق تەبەسسۇمى ياكى تاتلىق سۆزى بىلەن ئەمىنلىك سورايدۇ. ئۆزىنى مودېلدەك ياسىۋېلىپ، ئېرىنى ئېتىبارسىز قالدۇرىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ. ئۆي، ھويلا، قورۇ −- جاي ۋە ئەتراپنى پاكىز تازىلاپ، كۈندىلىك پائالىيىتىنى تازىلىقتىن باشلايدۇ. تاماقتىن كېيىن قاچا - − قۇچا، قازان – قومۇچلارنى ۋاقتىدا يۇيۇپ تازىلايدۇ. يوتقان -− كۆرپىلەرنى ۋاقتىدا پاكىزلاپ، ھاۋالاندۇرۇپ، ئۆي - بىساتلىرىنى پاكىز، رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرىدۇ. بۇلار چېۋەر، تەربىيەلىك ئاياللارنىڭ زىننىتى.

     شۇنداق بىر ھېكايە بار: ياش بىر قوشنام بولىدىغان، ھەر ئىككىسى دۆلەت كادىرى ئىدى. بىراق ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن قانداقتۇر ئادەمنى جەلپ قىلىدىغان مۇزىكا، كۈلكە - −چاقچاق ئورنىغا پات −- پاتلا ۋارقىراش - −جارقىراش ۋە جاراڭ  - جۇرۇڭ ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بىر كۈنى بۇ جېدەل − ماجىرا بەكرەك قىزىپ قازانمۇ چېقىلدى. ئەھۋالنى كۆرۈپ، «گۇۋاھ بولۇپ قويار» دېگەن مەقسەتتە، چىشى قوشنام مېنى چاقىرىپ: «ئۆي تۇتقان بىر يىلدىن بېرى بەش قېتىم قاچا  − قۇچا، چايدان، چەينەك سېتىۋالدۇق» دەپ ئېرىدىن داتلىدى. ئۇنىڭ ئېرى بىلەن ئەھۋاللىشىۋىدىم، ئۇ: «سەۋەب بەك ئاددىي، قاچا – قۇچا پاكىز تۇرمايدۇ. بىرنەچچە قېتىم نەسىھەت قىلدىم، ئەمما ئۇ ئەيىبىنى تۈزەتمىدى، شۇڭا خوتۇنۇمنىڭ تازىلىق ئادىتى كۆڭلۈمنى سوۋۇتتى» دېدى. ئەمما بۇنداق ئەھۋال بىر قىسىم ئائىلىلەردە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت. شۇنى بىلىش كېرەككى، تازىلىق كىشىگە ھايات لەززىتىنى ھېس قىلدۇرۇپ، تۇرمۇشىدىن سۆيۈندۈرىدىغان، كۆڭۈلگە ئارام ۋە خۇشاللىق بېغىشلايدىغان خاسىيەتلىك مەلھەم، شۇنداقلا ساغلاملىق دوستى. قايسى ئائىلە تازىلىققا سەل قارىسا، ئۆيدىن بەرىكەت قاچىدۇ ۋە ئائىلىسىدىن مېھىر – مۇھەببەت كۆتۈرۈلىدۇ.

    بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا بار: جەمئىيەتتە خېلى كۆپ ئاياللار ياسىنىش −- تارىنىش ئارقىلىق ياراتقان گۈزەللىكىنى ئۆز ئائىلىسىدە ئېرىگە ئەمەس، بەلكى سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن يارىتىشقا ئادەتلەنگەن. دەرۋەقە، ئۆيدە ئايال كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ھەقىقەتەن كۆپ، شۇڭا دائىم ياسىنىپ -− تارىنىپ يۈرۈشمۇ قۇلاي ئەمەس، ھەتتا خېلى كۆپ ئائىلىلەردە بۇنىڭغا شارائىت يوق. ئەمما بۇ يەردىكى گەپ سىزنىڭ مېھماندارچىلىقلاردىكى ھالىتىڭىز بىلەن تەبىئىي ھالىتىڭىز ئارىسىدىكى پەرق ھەقىقەتەن زور بولسا، ئېرىڭىز تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئەتىدىن - كەچكىچە سىرتتا يۈرۈپ ئۆيگە قايتقىنىدا، سىز سۆرۈن، چۈشكۈن، كۆرۈمسىز، ئاۋارە كۆرۈنسىڭىز، ئېرىڭىزنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ، سىزدىن رايى قايتمامدۇ؟

     خۇلاسە شۇكى، ئايال كىشى ھەقىقەتەن پاكىزغا نىسبەتەن پاكىزلىق زىننەت، ئۆز لايىقىدا، سىڭىشلىق گىرىملىنىش ھەمدە بۇ گىرىملىنىش ئاساسلىقى ئېرى ئۈچۈن بولۇش؛ ئېرى ياخشى كۆرمەيدىغان رەڭلەرنى، كىيىملەرنى كىيمەسلىك، ئۆرپ −- ئادىتىمىز يول قويغان، شارائىت يار بەرگەن دائىرىدە مۇۋاپىق زىننەتلىنىش، ئاددىي بولسىمۇ پاكىز، يارىشىملىق، رەتلىك، يېقىشلىق ياسىنىش زۆرۈر. بەك قېنىق گىرىملىنىپ ھەجۋىي چىراي بولۇۋېلىش، بەدىنىدىن، ئېغىزلىرىدىن كېلىدىغان بەدبۇي پۇراقنى ۋاقتى  - ۋاقتىدا تازىلىماسلىق، ئائىلە مۇھىتىغا سەل قاراش ئاياللار ئۈچۈن ئوخشاشلا زىيانلىق، ئۇ ئاياللارنىڭ ئوبرازىنى يەرگە ئۇرىدۇ، بەختسىز قىلىپ قويىدۇ.

     تۇرمۇشنى تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈش دىتلىق، تەربىيەلىك، چىۋەر، پەم -− پاراسەت ئاياللارنىڭ پەزىلىتى ۋە زىننىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئېرى ۋە بالىلىرىنىڭ تۇرمۇش خاتىرجەملىكىدۇر. بۇنداق ئاياللارنىڭ تۇرمۇشتا ئېپى بولغاچقا، تۇرمۇش خىراجەتلىرىنى يۈرۈشتۈرۈپ، ئائىلىنى خاتىرجەم قىلىدۇ. تۇرمۇشتا ۋاقىتنى ئورۇنلاشتۇرغاندىمۇ تەرتىپ ۋە دىتى بولغاچقا، ھەممە ئىشى جايىدا بولىدۇ.  بۇنداق ئاياللارنىڭ ئائىلىسىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مۇۋاپىق ئىش تەقسىماتى ۋە ئىشلارنىڭ ۋاقتى - − سائىتى بولىدۇ، ئائىلىدىكى ھەركىم ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. مۇۋاپىق ئائىلە ئەمگەكلىرىگە قاتنىشىش بىر خىل كۆڭۈللۈك ئائىلە پائالىيىتى بولۇپ، كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ. بالىلارنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا ئىشلارنى قىلىشى، ئۇلارغا چېنىقىش، ئۆگىنىش ئىمكانىيىتى بېرىدۇ، مېھنەتنى قەدىرلەش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرىدۇ.

    چېۋەر ئايالنىڭ يەنە بىر پەزىلىتى سەھەر تۇرۇپ، كەچتە ئۆز ۋاقتىدا ئۇخلاش ھەمدە ئۆيدە ئاش -− تاماقنى ۋاقتىدا تەييارلاش. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ خاھىشىغا قاراش، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا دەم ئېلىشىغا شارائىت يارىتىش، تۇرمۇشىنى رەتلىك ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئەمەلىيەتتە بۇلار سالامەتلىككە تولىمۇ پايدىلىق. بۇنداق ئائىلە ھاياتتىن لەززەتلىنىدۇ، ھەممەيلەننىڭ كەيپىياتى ياخشى بولىدۇ. ئېرىنىڭمۇ مۇنداق ئايالغا مۇھەببىتى ئاشىدۇ، ھۆرمەتلەيدۇ. ئەكسىچە، تۇرمۇشتا پىلانى بولمىسا، كەچكىچە ۋايساپ يۈرۈپ، قولىدىن ھېچ ئىش چىقمىسا، ئۆينىڭ تۆرى بىلەن پەگاسى ئوخشاشلا رەتسىز، كىر چىراي بولسا، زۆرۈر بولغاندا بىر دوستىنى تۇيۇقسىز، خاتىرجەم ھالدا ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ، كۆڭۈلدىكىدەك ھەم چاققان ھەم سۈپەتلىك مېھمان قىلىپ ئۇزىتالمىسا، ئەتىدىن - كەچكىچە ئائىلەم دەپ سىرتتا تىرىكچىلىك ھەلەكچىلىكى بىلەن چارچىغان ئەرنىڭ ھەم بالىلارنىڭ كەيپىياتى بۇزۇلمامدۇ؟ بۇنداق بولۇمسىز، بىسەرەمجان، خام ئايالغا ئۆيلەنگەن ئەرنىڭ ئۇۋاللىق ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس. شۇڭا ئاتىلار: «ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن» دېگەن ھېكمەتنى بىزگە مىراس قىلغان.

ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى




ئەسلى مەنبەسى: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز