تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى (4)-ئۇدۇلدىن كەلگەن ماشىنا

تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى(4)

ئۇدۇلدىن كەلگەن ماشىنا

يېقىندا پرومشۇس دوستىنى قارا قويۇپ تاپقان پۇلغا بىر ماشىنا سېتىۋېلىپ كۆرەڭلىگەن ھالدا ئادەمسىز تاغ يولىدا ھەيدەپ كېتىپ باراتتى. تۇيۇقسىز ئالدى تەرەپتىن بىر ئادەم چىقىپ كەلدى، ئۇ ماشىنىنى تورمۇزلاشقا ئۈلگۈرەلمەي، ئۇ ئادەمنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى.

پرومشۇس بۇ كېچىدە ھېلىقى ئۆلگۈچى بىلەن ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ ماشىنىسىنى دەرھال بۇراپ ئارقىغا قاراپ قاچتى، ئۇنىڭ ئۆيى مۇشۇ تاغنىڭ باغرىدىكى دېڭىز بويى داچىسىدا ئىدى.

ماشىنىنى ھەيدەپ ئۆيگە يېقىن جايدىكى بىر دوقمۇشقا كەلگەندە ئالدى تەرەپتىن ناھايىتى تېز سۈرئەتلىك بىر ماشىنا چىقىپ قالدى، ماشىنىنىڭ چىرىغى ناھايىتى يورۇق بولۇپ، پرومشۇس ھەيدېگەن ماشىنىنىڭ سۈرئىتى بىلەن ئوخشاش دېگۈدەك ئىدى. بۇ يول پەقەت ئىككىلا ماشىنا پاتىدىغان تار يول ئىدى، ئۇ ئارىلىق سىزىقتىن ئۆتۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن رولنى سولغا بۇرىدى، قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان ماشىنىمۇ ئۇنى دوراپ رول بۇرىدى. ماشىنا چىرىغىنىڭ يورۇقى ئۇدۇل چۈشۈپ تۇراتتى، «ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ دېگەن شۇ بولدىغۇ،» دەپ ئويلىدى پىرومشۇس. «بايا مەن بىر ئادەمنى سوقۇۋېتىپ قاچقان ئىدىم، ئەمدى بىر ساراڭغا ئۇچراپتمەن، ئۆزۈممۇ تۈگىشىدىغان بولدۇم». ئۇنىڭغا ئۆزىنى چەتكە ئالغۇدەك جاي قالمىغان ئىدى.

ئۇ كۆزىنى يۇمۇپلا رولنى شىددەت بىلەن ئوڭغا بۇرىدى، دەل شۇ پەيتتە ئۆزىنىڭ يول چېتىدىكى ئىھاتە توسۇقىنى بۇزۇپ ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، ئۇ دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، ئۇ دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى، ئۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ، ماشىنىدىن چىقىۋېلىپ بەختكە يارىشا ئامان قالدى.

قاتناش ساقچىلىرى دېلونى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ پرومشۇسنىڭ ماشىنىسىدىن باشقا قارشى تەرەپتىن كەلگەن ھېچقانداق ماشىنا ئىزىنىڭ يوقلۇقىنى بايقىدى. پرومشۇس بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆڭلىگە بىر ئادەمنى كەلتۈردى، لېكىن جەزملەشتۈرەلمىدى. 

بۇ زادى قانداق ئىش؟


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز