تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
نىكاھتىن ئاجىرىشىش ئاياللارنى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدۇ

 تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، نىكاھتىن رازى بولمىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىكەن.

    تەتقىقاتچىلار 500 نەپەر ئوتتۇرا ياشلىق ئايال ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بەختسىز نىكاھنىڭ ئاياللاردا بىر قەدەر يۇقىرى نىسبەتتە يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىغان ، بۇ خىل تەسىر يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان تاماكا چېكىش، يۇقىرى خولىستېرىن ۋە يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق باشقا ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەن. ھالبۇكى ئاياللاردا بەختسىز نىكاھنىڭ دەرد- ئەلىمى بىلەن نىسبىي ھالدا بېسىم پەيدا بولۇپ ، ئۇنىڭ قايغۇ- ھەسرەت ياكى پىسخىكا ئامىلىغا قارىغاندىمۇ، يۈرەككە بولغان تەسىرى ئالاھىدە بولىدىكەن.

    تەتقىقاتچىلار بۇنداق ئاياللارنى 11 يىل ئەتراپىدا ئۇدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، نىكاھلىنىشتىن رازى بولۇش ئەھۋالى بىلەن ئاياللارنىڭ يۈرەك ساغلاملىقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلغان. تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، نىكاھلىنىشتىن رازى بولغان ئاياللار بىلەن نىكاھتىن رازى بولمىغان ئاياللارنى سېلىشتۇرغاندا، نىكاھلىنىشتىن رازى بولمىغان ئاياللارنىڭ يۈرەك غول ئارتېرىيەسىدە روشەن داغ توقۇلمىلىرى بارلىقى بايقالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ بويۇن ئارتېرىيەسىنىڭ توسۇلۇش نىسبىتىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، بۇ سەكتە بولۇپ قېلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھېساپلىنىدىكەن.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز