تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ھەركۈنى بىرتالدىن يېسىڭىز، دوختۇرغا كۆرۈنىدىغان پۇلنى تېجەپ قالىسىز!

باش پىيازنىڭ ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق تەرەپلىرى بەك كۆپ، بولۇپمۇ قاندىكى ماينى تەڭشەش، قان بېسىمى، قاندىكى شېكەر مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش، كالتسىي تولۇقلاش، قان-تومۇرلىرىنى تازىلاش، يۈرەكنى قوغداش ۋە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلارغا كۆرىنەرلىك مەنپەئەت قىلىدۇ.

يۈرەك-قان تومۇرلىرىنى ساغلام بولسۇن دېسىڭىز، ھەركۈنى يېرىم ئىستاكان باش پىياز شەربىتى ئىچىپ بېرىڭ

باش پىياز قان تومۇرلىرىنى كېڭەيتىدۇ، يۇمشىتىدۇ، قان بېسىمنى ئۆرلىتىۋېتىدىغان ناترىي تۇز قاتارلىق ماددىلارنى چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇڭا يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.

ھەركۈنى يېرىم باش پىياز يىسىڭىز ياكى ئوخشاش مىقداردىكى باش پىياز شەربىتى ئىچسىڭىز، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ%30قويۇقلۇقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىنىHDLمىقدارى(ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىدىن كېلىپ چىققان خولېستېرىننىڭ ئالدىنى ئالىدۇ)

2.كالتسىي تولۇقلايدۇ، ھەركۈنى بىر تەخسە باش پىياز يەپ بېرىڭ

باش پىيازدا بەلگىلىك كالتسي بار، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ھورلىنىشچان سۇلفىدلار كالتسىينىڭ  ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئەگەر نوقۇللا كالتىسىي تولۇقلاپ، ئۇنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالمىسىڭىز، ھەرقانچە كۆپ كالتسىي تولۇقلىسىڭىزمۇ بەرىبىر.

شۇڭا دائىم باش پىياز يەپ كالتسىي تولۇقلاپ، سۆڭەڭ شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.ئەگەر گۆش، پۇرچاق تۈرىدىكى نەرسىلەرنى كۆپ يەپ بەرسىڭىز، كالتسىي تولۇقلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى. باش پىياز بىلەن كالتسىي تولۇقلايمەن دېسىڭىز، باش پىيازنى بەك قورۇۋەتمەڭ.

3.زىققا كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىمەن دېسىڭىز، ھەركۈنى سوغۇق ئارىلاشتۇرۇلغان باش پىياز قەلەمچىسى يەپ بېرىڭ

باش پىيازنىڭ تەركىبىدە ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ خىل ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تەبىئىي خىمىيىلىك ماددا بار، زىققا كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.چۈنكى باش پىيازدىكى ئۈنۈملۈك ماددىلار زىققا كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان گىستامىننىڭ پائالىيىتىنى چەكلەيدۇ.

4.قاندىكى شېكەر مىقدارىنى تۆۋەنلىتەي دېسىڭىز،30گرام باش پىيازنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ ئىستېمال قىلىڭ

تېبابەتتە ئىسپاتلىنىشىچە، مەيلى خام ياكى پىششىق باش پىياز بولسۇن، ئوخشاشلا قاندىكى شېكەر مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ.چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدە ئىنسۇلىننىڭ بىرىكىشى ۋە ئاجرىتىلىپ چىقىرىلىشىنى غىدىقلايدىغان تولبۇتامىن بار.

500گرام باش پىيازنىڭ پوستىنى ئاقلاپ يۇيۇپ، نېپىز كېسىپ،مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا2-3مىنۇت قاينىتىپ ئېلىپ ئىچىگە600گرام ئاچچىقسۇ قۇيۇپ، ئاندىن توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇپ،2-كۈنى ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.بىمارلار ھەركۈنى بىر قېتىم(30گرامدىن ئاز باش پىيازنى) ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

5.قىزىتمىنى ياندۇرۇپ، ياللۇغنى قايتۇراي دېسىڭىز، باش پىياز شورپىسى ئىچىڭ

باش پىياز تەركىبىدىكى باكتېرىتسىدىن نەپەس يولى، سۈيدۈك ئاجرىتىش يولى، تەر بېزى ئارقىلىق چىقىپ كەتكەندە، قان-تومۇر دىۋارىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى غىدىقلايدۇ، شۇڭا بەلغەمنى ياندۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، تەر چىقىرىش، قىزىتما ياندۇرۇش، باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بار، ئېممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن ياشانغانلارغا بەك پايدىلىق.

قىزىتما ئۆرلىگەندە باش پىياز شورپىسى ئىچسىڭىز قىزىتمىڭىز تېزدىن تۆۋەنلەيدۇ، ئەگەر بۇرنىڭىز پۈتۈپ قالغان بولسا، بىرتال باش پىيازنى بۇرنىڭىزغا تىقىپ قويسىڭىز، پۇرىقى بۇرنىڭىزنى غىدىقلاپ، بۇرۇننى راۋانلاشتۇرىدۇ.




ئەسلى مەنبەسى: fashion.ifeng.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز