تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
دولانانى مۇنداق يەتتە خىل ئۇسۇلدا ئىستېمال قىلسا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئورۇقلىتىدۇ


دولانا قان يېغى، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش، يۈرەكنى كۈچەيتىش، يۈرەك رېتىمسىزلىقىنى پەسەيتىش رولىغا ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ ئىشتىھانى ئېچىش، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش، زەھەر قايتۇرۇشنىڭ ياخشى دورىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئورۇقلىتىشنىڭ ياخشى ياردەمچىسى.


تۆۋەندە دولانانىڭ بىر قانچە خىل ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز:


(1) دولانا شورپىسى

خام ماتېرىيالى: 500 گىرام دولانا، 100گىرام شېكەر. ياساش ئۇسۇلى: دولانانى يۇيۇپ ساپىقىنى ئېلىپ، ئۇرۇقىنى سۇدا قاينىتىپ، دولانانى ئېزىپ پىشۇرۇپ، ئاق شېكەر قوشۇپ شورپىسىنى ئىچىش.


( 2 ) دولانا ئىچىملىكى

خام ماتېرىيالى: 500 گىرام دولانا، 200 گىرام قۇرۇق نېلۇپەر يوپۇرمىقى، 200 گىرام تەسۋىقوناق مېغىزى، 100 گىرام چۈچۈكبۇيا يىلتىزى. ياساش ئۇسۇلى: يۇقىرىقى ماتېرىياللارنى بىللە ئېزىپ، 10 بولاققا ئايرىپ، ھەر كۈنى بىر بولاقنى قاينىتىپ سۈيىنى چاينىڭ ئورنىدا ئىچىش.

(3) دولانا، پىچەكگۈل، جۇخار گۈلى ئىچىملىكى

خام ماتېرىيالى: دولانا، پىچەكگۈل، جۇخار گۈلىنىڭ ھەر قايسىسى 10 گىرامدىن تەييارلىنىدۇ. ياساش ئۇسۇلى: دولانانى سوقۇپ پىچەكگۈل، جۇخار گۈلى بىلەن بىرلىكتە ئىستاكانغا سىلىپ دەملەپ، چاينىڭ ئورنىدا ئېچىش. بىر كۈنلۈك مىقدارى مۇشۇنداق بولىدۇ.

(4) دولانا ئاپېلسىن شۆپۈكى ئىچىملىكى

خام ماتېرىيالى: 20 گىرامدىن دولانا، ئاپېلسىن شۆپۈكى، نېلۇپەر يوپۇرمىقى، 10 گىرام تەسۋىقوناق مېغىزى. ياساش ئۇسۇلى: يۇقىرىقى بىر نەچچە ماتېرىيالنى ئېزىپ، چايداننىڭ قايناقسۈيى بىلەن دەملەپ ئىچىپ بېرىش.

(5) دولانا شۆپىكى ئىچىملىكى

خام ماتېرىيالى: 20 گىرام دولانا، 30 گىرام تەكىيە كاۋا شاپىقى، 10 گىرام شۇۋۇ ۋە 10 گىرام تۇخۇمەك پۇرچىقى. ياساش ئۇسۇلى: يۇقىرىقى بىر نەچچە خىل ماتېرىيالنى قازاندا 20 مىنۇت قاينىتىپ، شەربىتىنى سۈزۈپ ئىچىش.

(6) سالامەتلىك ۋە گۈزەللىك ئورۇقلىتىش چېيى

خام ماتېرىيالى: 20 گىرام دولانا، يەتتە گىرامدىن ياۋا كەشمىر، تۇرۇپ ئۇرۇقى، ئارپا ئۈندۈرمىسى، چاي، پىننە، سېرىق پۇرچاق، بۇلۇت پالما مەرىزى، پونوس، ماندارىن شۆپۈكى، ياز غازىڭى. ياساش ئۇسۇلى: يۇقىرىقى ھەر قايسىسىنى قۇم قازاندا قاينىتىپ، شەربىتىنى سۈزۈپ ئىچسە بولىدۇ، بۇ بىر كۈنلۈك مىقدارى بولىدۇ.

(7) قوش يىلتىزلىق چاي

خام ماتېرىيالى: 15 گىرامدىن چاي دەرىخىنىڭ يىلتىزى، دولانا، قومۇش يىلتىزى. ياساش ئۇسۇلى: يۇقىرىقى ھەر قايسى ماتېرىيالنى 20 مىنۇت قاينىتىپ، سۈزگۈچ بىلەن سۈزۈپ، سۈيىنى ئىچىش. دولانا ھەزىم قىلدۇرىدۇ، چۈچۈمەل بولغاچقا كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايدۇ، ئورۇقلىماقچى بولسىڭىز بۇنى تاللاڭ. ئەڭ ئاددىي بولغىنى قۇرۇق دولانانى بىۋاسىتە چاي دەملەپ ئىچسە، ھەزىم قىلدۇرۇشنى ياخشىلاپ، ئورۇقلىتىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى



ئەسلى مەنبەسى: uyghur.people.com.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز