تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بالىلارنى غورۇرلۇق قىلىپ تەربىيىلەشتە

غورۇرلۇق بالىلار ئۈمىدۋار بولۇپ، باشقىلار بىلەن دوست بولۇشنى بەكرەك خالايدۇ ھەم باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىشنىمۇ بىلىدۇ. ئەمما غورۇرسىز بالىلار ئاسان مەغلۇپ بولىدۇ ھەم ئۇلاردا دائىم ھەر خىل مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.

بالىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرۈدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ .

كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ بالىڭىز بىلەن بىللە بولۇڭ ھەم بۇ جەرياندا ئۇنىڭ كۆز قارىشى، ئىدىيەسىنى ئىگىلەڭ. ئۇنى دائىم قۇچاقلاپ تۇرۇڭ ۋە دائىم قوغداپ، ئاسرايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ، ئۇنىڭغا مېھىر-مۇھەببەتنى ھەقىقىي چۈشەندۈرۈڭ.

بالىغا ئۆزىنى قانداق سۆيۈشنى ئۈگىتىڭ ھەم ئۈلگە بولۇڭ. بالىڭىزغا يېڭىلىقنى قانداق قوبۇل قىلىش، قىيىنچىلىق ۋە مەغلۇبىيەتكە قانداق يۈزلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنى ئۈگىتىڭ. بالىڭىزغا ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىلدۈرۈڭ ھەم بىر خىل پوزىتسىيەنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ھاياتىمىزدا كەم بولمايدىغان مۇھىم ئەڭگۈشتەر ئىكەنلىكىنى تونۇتۇڭ.

بالىڭىزغا ئۆزىنىڭ ھۆرمەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈڭ.

بالىڭىز بىلەن كۆپرەك ئويۇن ئويناڭ ھەم ئۇنى ئويۇندىكى ئاساسلىق رولچى قىلىڭ ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىڭ. ئويۇن ئويناشتا بالىڭىزنىڭ گەپلىرىگە بەكرەك قۇلاق سېلىڭ. ئۇنىڭ گېپىگە قىزىققانلىقىڭىزنى ۋە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ. بۇنىڭ بىلەن بالا ئۆزىنىڭ ھۆرمەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلسۇن.

بالىڭىزغا توغرا ئىشنى ئۈگىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە ئۆزىگە ئىشىنىشنى ئاشۇرۇڭ.

بالىڭىزنى كۆپرەك ماختاپ بېرىڭ ۋە ئۇنىڭغا رەھمىتىڭىزنى بىلدۈرۈپ تۇرۇڭ.

بالىلار سىزگە ياردەملىشىپ بىرەر ئىشنى قىلغاندا، ئۇلارنى كۆپرەك ماختاپ تۇرۇڭ ۋە رەھمىتىڭىزنى بىلدۈرۈڭ.

بالىڭىزنى يېڭىلىققا ئۇرۇنۇپ بېقىشىغا ئىلھانلاندۇرۇڭ. مەيلى غەلىبە قازانسۇن ياكى مەغلۇپ بولسۇن، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ماختاپ ئۇچۇرۇۋەتمەڭ. چۈنكى بۇنداق بولغاندا، بالىڭىزدا ئاسانلا ۋاز كېچىش، تىرىشماسلىق ھالىتى شەكىللىنىپ قالىدۇ. بالىڭىزغا يېڭى ماھارەتنى ئۈگىنىش ئۈچۈن، چوقۇم بەلگىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ۋە سەۋرىچان بولۇشنى تەكىتلىشىڭىز كېرەك. ناۋادا بالىڭىز مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسا، ئۇنىڭ مەغلۇبىيەتتىكى خاتالىقى ۋە يېتەرسىزلىكىنى ئوبدان تونۇتۇپ، تەجرىبىنى يەكۈنلەشنى ئۈگىتىشىڭىز كېرەك.

ئائىلە ئىشلىرىنى تەڭ قىلىشىپ، ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى تونۇشنى يېتىلدۈرۈشىڭىز كېرەك.بالىغا ئائىلە ئۈچۈن تۆھپە يارىتالايدىغان پۇرسەت ۋە بوشلۇق يارىتىپ بېرىڭ. مەسىلەن، بۇ ئۆي تازىلاش، كۆكتاتلارنى يۇيۇش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنداق بولغاندا بالىنىڭ ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى تونۇش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنى بالىنى مەسىلىنى ھەل قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭغا تۇرمۇشنىڭ ئىقتىدارىنى ئىگىلىتىشىڭىز كېرەك.

تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى:

http://uy.ts.cn/life/content/2016-03/04/content_505543.htm



ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز