ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ياش ۋاقتىدا ئانچە قەدىرلەنمەيدىغان ساغلاملىق بالاغەت يىللىرىدا ھەقىقىي بەختكە ئايلىنىدۇ، ئۆمۈرنىڭ كۈچى كېتىپ ئىزى قالغاندا، ئادەم ھاياتنىڭ مېغىزىنى چېقىشقا باشلايدۇ.
سالامەتلىكنىڭ باھاسى ھېچقاچان كېڭەيمەيدۇ، چۈنكى سالامەتلىك يوق يەردە پاراغەت ۋە ھالاۋەتمۇ بولمايدۇ.
جىسمانىي جەھەتتە تېتىك ئادەم ئىسسىقىمۇ، سوغۇققىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، خۇددى شۇنىڭدەك روھىي تېتىك ئادەم غەزەپكىمۇ، قايغۇغىمۇ، شادلىققىمۇ، باشقا سەرگۈزەشتىلەرگىمۇ چىداشلىق بېرىشكە قادىر.
ساغلاملىق ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئادەمگىمۇ، باشقىلار ئۈچۈنمۇ بۈيۈك نېمەت.
بەختىمىزنىڭ ئوندىن توققۇزى ساغلاملىقىمىزغا باغلىق.
بەخت ئاۋۋال ساغلاملىق دېمەكتۇر.
ھاياتنىڭ قەدرىگە يەتمىگەن ئادەم ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇشقىمۇ لايىق ئەمەس.
ئىنسان يۈز يىل ياشىشى مۇمكىن، لېكىن بىز ئۆزىمىزنى باشقۇرۇشتىكى لاياقەتسىزلىكىمىز، قالايمىقانچىلىقىمىز، ئۆز ئورگانىمىزغا نىسبەتەن شەپقەتسىزلىكىمىز تۈپەيلى بۇ مۇددەتنى كۆپ يىل قىسقارتىۋېتىمىز.
ئادەمنىڭ كۈچتىن قېلىشى ئۆتكەن يىللارنىڭ ئەمەس، كۆپىنچە بەڭۋاش ياشلىقنىڭ، يۈگەنسىز قالايمىقانچىلىقنىڭ ئاقىۋىتىدۇر، بەڭۋاش ۋە تەنتەك ياشلىق قېرىلىققا بوشاشقان بەدەننى ھەدىيە قىلىدۇ.
سالامەتلىكنى ساقلاش ھەمدە تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تەنتەربىيە ۋە ھەرىكەتتىن ياخشى ۋاسىتە يوق.
ئۆز ۋاقتىدا مۇۋاپىق تەربىيە بىلەن شۇغۇللانغان ئادەمگە دەرت يېقىن يولىمايدۇ.