ئامېرىكىدىكى ئاياللار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى 42 ياشتىن 69 ياشقىچە بولغان 5000 دىن ئارتۇق ئايالنى نەچچە يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېيىشتى: «تەشۋىش ئادەمنىڭ قېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئەمەلىي يېشىدىن ئالتە ياش چوڭ كۆرۈنىدىغان قىلىپ قويىدىكەن. بىز بىلىمىز، قېرىشنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدىغان DNA تېلومېرى ئادەم ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ، يەنى تېلومېرنىڭ قىسقىرىشى راك، يۈرەك ۋە دېۋەڭلىك كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدۇ».
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايانكى، تەشۋىشلىنىش بىلەن تېلومېر ئۇزۇنلۇقى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىنتايىن زىچ بولىدىكەن. تەشۋىشلىنىش قانچە كۈچەيسە، تېلومېر شۇنچە قىسقىرايدىكەن. ئادەم كۆپ سورۇنلاردا ۋەھىمە ھېس قىلىدىغان ئاياللارنىڭ تېلومېر ئۇزۇنلۇقى ئوخشاش ياشتىكى كەيپىياتى تۇراقلىق ئاياللارنىڭكىدىن قىسقا بولىدىكەن، شۇنداقلا ئۆمرىمۇ ئالتە ياش قىسقىرايدىكەن».