تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
مودا دەۋرىدىكى كىچىك ئېلانلارنىڭ كاتتا دەۋرى

جاڭجيې چېڭچېڭ

مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى

 

    بىرىنچى قېتىمقى كىنو قويۇش زالىنىڭ 1896-يىلى ئامېرىكىدىكى يېڭى ئورلېئاندا ئېچىلىشى ئارقىسىدا كىنونى سودىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ يېڭى پەردىسى ھەقىقىي تۈردە ئېچىلدى. كىنو ئېلانى بىر تۈرلۈك تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى. قوشكېزەك ئاكا-ئۇكىلار كىنو ئېلانى بىلەن كىنونىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ھەقىقەتەن دەلمۇ-دەل ماس كەلگەنلىكىنى سۈپەتلىدى. ئېلان ـــ كىنودىن بىر قەدەم ئاۋال مەيدانغا كەلگەن بولغاچقا، ئۇ ئاۋات جايلارغا ئورنىتىلىپ، تاماشىبىنلارنى كىنوخانىغا كىرىشكە جەلپ قىلاتتى. ئەڭ بۇرۇنقى كىنو ئېلانى ئادەتتىكىدەك بولۇپ، ئېلان خادىمى كىنو قويۇش توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ياغاچ تاختايغا ئىزاھلاپ، ئىككى پارچە ئېلان تاختىسىنى ئېگىزگە ئېسىپ قويۇش شەكلىدە ئېلان قىلاتتى. بىراق يېڭىچە يارىتىلغان يېڭىلىق ناھايىتى تېزلا ئېلاننىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. فىرانسىيەلىك داڭلىق لايىھەلىگۈچى ـــ جۇللېس شېيرېت يېڭى سەنئەت ئۇسلۇبىنى سودا ئېلان-تەشۋىقات رەسىملىرىنىڭ ئىچىگە سىڭدۈرۈپ، كىنو سودىسىغا ئىشلىتىدىغان يېڭى بەدىئىي شەكىلنى ئىجاد قىلىپ، چەكلىك بەتتە زور مىقداردىكى ئۈنۈملۈك ئۇچۇرى ئارقىلىق ئاساسلىق ئىجادىيەت قوشۇنىنى تونۇشتۇرۇپ، چولپانلارنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى نامايەن قىلىپ، ھېكايە كەيپىياتىنى يارقىن گەۋدىلەندۈردى. رەسىم ئۆزگىچە ھەم نەپىس، قۇرۇلمىسى ئۆزىگە خاس بولغاچقا، كۈچلۈك كۆرۈش سېزىمى، جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولدى، بۇ شەكىلنى تاماشىبىنلار ۋە بازار ناھايىتى تېزلا قوبۇل قىلدى.

    «مودا دەۋرى» ـــ سەنئەت ئۇستازى چاپلېننىڭ ئاۋازسىز كىنو بىلەن خوشلىشىش توغرىسىدىكى ئەسىرى بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىدا ئىقتىساد داۋالغۇۋاتقان مەزگىلدىكى ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىدىن تەسىرلىنىپ، كىنو ئارقىلىق چۇقان كۆتۈرۈشتەك كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشقا بەل باغلىغان. گەرچە 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا كىنو ئاۋازلىق دەۋرگە قەدەم قويغان بولسىمۇ، بىراق چاپلىن يەنىلا مول پۇت-قول ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاجىز تىل ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، قىزىقچىلىق لايىھەسىدىن پايدىلىنىپ، «كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ھەسرەت-نادامەتنى تەڭشەپ باقسام» دەپ، ئۆلچەملىك ئىش كىيىمى، ماشىنىلاشقان ئىش-ھەرىكىتى ئارقىلىق، چاپلىننىڭ ئۆزىگە خاس قول ماھارىتى بىلەن مىڭلىغان-ئون مىڭلىغان ئېزىلىۋاتقان ئىشچىلار ۋە ئىشسىز كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى ئېكراندا ھەقىقىي نامايەن قىلغان.

    «مودا دەۋرى»دىكى كىنو ئېلانلىرى 40 پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ، كۆپ قىسمى قولدا سىزغان ئەسەردىن ئىبارەت. ئەمما بىر قارا شىلەپە، بىر تال ئەگمە ھاسا ۋە ھەزىلكەشلىك قىلىدىغان بىر تال ساقىلى ئارقىلىق، گۈللەنگەن جەمئىيەت قاتلىمىدىكى ئادەتتىكى كىشىلەرنى جانلىق نامايەن قىلىدۇ. ئۇنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى سانائەت جەمىيىتىنىڭ ئىنسانلارغا كەلتۈرگەن قىيىنچىلىقى ۋە ئامالسىزلىقىنى ئاشكارىلاپ بىرىدۇ. ئۇ چېپىپ يۈرۈپ خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ئۇلار سەرگەردارلار كوچىسىدا كىشىلىك تۇرمۇشقا كۈلۈپ قارايدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىجتىمائىي رىئاللىق بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يورۇتۇپ بېرىدۇ، بۇ ئەھۋال كىشىلىك ھاياتنى مۇلاھىزە قىلغانلىق ۋە سوراق قىلغانلىق بولۇپ، ئۇ خۇشال كۈلكىلەرنىڭ ئىچىدە تاماشىبىنلارنىڭ يۈرىكى ۋە كۆزلىرىدىن ياش ئاققۇزۇپ، كۆز يېشى ئارقىلىق كەلگۈسىگە ئىنتىلدۈرىدۇ.

    كىنوچىلىق تېخنىكىسىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە ئاۋازلىق كىنو دەۋرىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، كىنولار تېخىمو كەڭ تاماشىبىنلار توپىغا ئېرىشتى، ھەر قايسى كىنو ئىستودىيەلىرى كىنو مەھسۇلات مىقدارىنى كۆپەيتىپ، جىددىي بازار رىقابىتىنى پەيدا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن كىنو ئېلانىغا تېخىمۇ جاپالىق ۋەزىپىلەر يۈكلەندى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ بېشىدىكى يۇقىرى ساۋاتسىزلىق نىسبىتىنىڭ رېئاللىقى ــ كىنو ئېلانىنى ئادەتتىكى تاماشىبىنلارمۇ چۈشىنەلەيدىغان، ھاياجانلاندۇرالايدىغان شەكىل بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ ئالدىدا بەيدا بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

    «مودا دەۋرى» ــ ئىخچام ۋە قىسقا يېزىقلار ئارقىلىق چاپلىندىن ئىبارەت بۇ كىنو فىلىمىدىكى قىزىق نۇقتا، شەخس ۋە مودېڭ دەۋرىنىڭ روشەن تېمىسىنى يارقىن نامايەن قىلىپ، ھېچ كۈچ سەرپ قىلمايلا تاماشىبىنلارنى رولچىلار ۋە كىنونىڭ مەزمۇنىغا قىزىقتۇرۇپ، ئېلان شەكلى بىلەن روشەن ھەرىكەتلىنىدىغان رەڭلەر ئارقىلىق كۆزنى قاماشتۇرالايدىغان ئەڭ ياخشى ئۈنۈملۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى فىلىمنىڭ تېز بولۇش، يۇمۇرلۇق بولۇش، قىزىقارلىق بولۇش ۋە قايغۇ-ھەسرەتنى ئىپادىلەيدىغان بولۇشتەك ئۇسلۇبنى تارقاتتى.

    «مودا  دەۋرى» ئېلانلىرىدىكى مېخانىكىلىق ئېلمېنت ــ چىشلىق چاق، ئاقما لىنىيە ۋە كۇلۇچ قاتارلىقلار بىر خىل بەلگە سۈپىتىدە تاماشىبىنلارنى سانائەت دەۋرىدىكى قاتمال ۋە سوغۇق مېتال تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇردى. كىشىلەرنىڭ قەدىمدىن بۇيانقى مېخانىكىدەك «ھاردىم-تالدىم» دېمەيدىغان ئارزۇسى ۋە ئىنتىلىشى ــ بۈگۈنكى كۈندە ماشىنىنى مالاي قىلىدىغان ئۆچمەنلىككە ئايلاندۇردى. چىشلىق چاققا كىرىپ قالغان چارلىز يالغۇز ماشىنىنىڭ رېتىمىدىن قۇتۇلۇشقا ئامال قىلالماي، خۇددى تۇرمۇشتىكى چىشلىق چاققا باغلىنىپ قالغان ئادەمگە ئوخشاپ قالدى. سانائەت دەۋرىدە مەجبۇرى ئەگىشىپ، ئالدىغا دومىلاپ ئاغرىقنى تۇيماي قالدى، ھەتتا سېزىمىنى يوقاتتى.

    چوڭ مېڭىنى ماشىنىلاشقان ئەندىزىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، تۇيغۇنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولۇش-بولماسلىق، كۆز بىلەن ماشىنىلاشقان ھادىسىنى كۆرۈپ ئۇنى رىئالىققا قايتۇرۇش-قايتۇرالماسلىق، چارلىزدىن تارتىپ ھازىرغىچە ماشىنا دەۋرى يۈز يىللىق دەۋرنى بېسىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق بىز يەنىلا ئىزدەش ۋە مۇلاھىزە قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز.

بۇ ئەسەر «نۇر گېزىتى»نىڭ 2013-يىلى 22-ن-يابىردىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

تەرجىمان: توقسۇ ناھىيەلىك خەلق بانكىسىدا

 

ئەسلى مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز