«ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن سىرتقى يۈكىنى يېنىكلىتەيلى» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغىنىمىزغا نەچچە ئون يىل بولدى، جايلار چىقارغان «يۈك يېنىكلىتىش بۇيرۇقى»مۇ يۈزدىن ئاشتى، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ «يۈك» خۇددى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى سىسىفوسنىڭ قولىدىكى غايەت زور تاشتەك ھەركۈنى تاغ چوققىسىغا ئىتتىرىپ چىقىرىلدى-يۇ، يەنە دۇمىلاپ چۈشتى ۋە شۇ تەرىزدە تەكرارلانماقتا...
بالىلارنىڭ يەلكىسىدىكى بۇ چوڭ تاغنى نېمىشقا غۇلىتالمايمىز؟ نېمىشقا ئۆگىنىش يۈكىنى بىلىم ئېلىش خۇشاللىقىغا ئايلاندۇرالمايمىز؟ نېمىشقا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بالىلىق دەۋرىنى شادلىققا تولدۇرالمايمىز؟ بۇ ھەقتىكى قاتار-قاتار سوئاللار كىشىلەرنى «بالىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش»كە دىققەت قىلىشقا ۋە بۇ ھەقتە ئويلىنىشقا يېتەكلىدى.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنىڭ زىيادە ئېغىر بولۇشى مىللىتىمىزنىڭ باش ئاغرىقى بولۇپ قالدى
5-ئاينىڭ 2-كۈنى، ماي بايراملىق دەم ئېلىش ئاخىرلاشقاندا، نەنجىڭدىكى 6-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولالمىغانىدى، سەھەر سائەت 4تە ئۇ نېمىگىدۇر ئالدىراش بولۇپ كەتتى. تاڭ يورۇغاندا، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ كارىدوردا شارپىدا ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغانلىقىنى بايقىدى. تۈگىمىگەن تاپشۇرۇق بۇ بالىنىڭ بىۋاسىتە «قاتىلى» غا ئايلاندى. بۇلا ئەمەس، بىنادىن سەكرىۋالغان بىر بالىنىڭ ھوشىغا كەلگەندىن كېيىنكى تۇنجى گېپى «ئاپا، مېنىڭ ئوقۇغۇم يوق، تاپشۇرۇقنى تۈگىتەلمەيدىكەنمەن» بولدى.كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىمىز مائارىپنىڭ ماھىيىتىگە، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە مۇخالىپ بولۇپ كەلدى. بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ چوقانى بىزنى سەگىتكۈسى ‐‐ «جۇڭگو مائارىپى مېنى ساراڭ قىلىپ قويدى!
مەنبە: ئۇزار تورى