A ئۆزىنى تاشلىۋەتكەنلەر.
B تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولمىغانلار.
C جاھانغا پاتماي قالىدىغانلار.
D ئۆزىنى چاغلىمىغانلار.
E باشلىقنىڭ ھىماتىگە ئېرىشىۋالغانلار.
پىسخىكىلىق سىناقنىڭ جاۋابى:
A سىز ئىش قىلغاندا تەرتىپىگە زىيادە ئېتىبار بېرىسىز، ھەمىشە ئۆزىڭىز ياكى قول ئاستىڭىزدىكىلەردىن ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىلاردا ئەستايىدىل بولۇشنى تەلەپ قىلىسىز. بۇ ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە بېسىم پەيدا قىلىپلا قالماستىن، خىزمەتتىكى جانلىقلىق كەمچىل بولىدۇ، ئىشلارنى دائىم ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلىپ تاماملايسىز.
B سىز ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىشنى ئانچە بىلىپ كەتمەيسىز، كۆڭلىڭىزدىكى پىلانلىرىڭىزنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيسىز، بەزىدە نامۇۋاپىق ئىشلارنى قىلىپ قويىسىز، خىزمەتلەرنى ئۆلۈك قىلىسىز ياكى سۈكۈت ئىچىدە قىلىسىز.
C كەمتەرلىك سىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىز ھەم يېتەرسىزلىكىڭىز. خىزمەت ئورنى خۇددى جەڭ مەيدانىغا ئوخشايدۇ، زىيادە كەمتەرلىك سىزنى خىزمەتداشلىرىڭىزغا ساختىلىقتەك ھېسسىيات بېرىپ قويىدۇ، باشلىقىڭىزغا غەيرەتسىز كۆرۈنىسىز. بۇنداق بولغاندا باشلىق قانداقمۇ سىز بىلەن ھەمكارلاشسۇن ياكى سىزنى مۇھىم ۋەزىپىگە قويسۇن!
D ناتونۇش ئىشلارغا ئۇچرىسىڭىز رەت قىلىسىز، قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇقسىڭىز ئاسانلا ۋاز كېچىسىز! بىلىشىڭىز كېرەككى، بەزى ئىشلاردا كۆپرەك سىناپ كۆرگەندە ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. سىناپ كۆرمەيلا ۋاز كەچسىڭىز سىز ۋە كوللېكتىپ قانداقمۇ ئىلگىرىلىسۇن!
E سىز نۇقسانسىز ھەم ئازراق ھاكاۋۇر، باشقىلارغا تايىنىپ ھوقۇق تۇتۇشنى خالىمايسىز ھەتتا تەسىرى كۈچلۈك زاتلار بىلەن چەك – چېگرانى ئايرىسىز، لېكىن سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشمىكىڭىز تېخىمۇ تەسلىشىدۇ.