10-مارت، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ 2013-يىللىق ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى، ئىچكىردىكى شىنجاڭ كەسپىي سىنىپلىرى، ئىچكىردىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى. شۇ كۈنى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردىكى ئاۋات رايونلاردا تەسىس قىلىنغان تەشۋىقات نۇقتىلىرىدا خىزمەتچى خادىملار خەنزۇچە، قازاقچە، موڭغۇلچە، قىرغىزچە قاتارلىق بەش خىل تىلدىكى تەشۋىقات ۋەرەقچىسىنى تارقىتىشقا باشلىدى . ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 9000 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.
بۇ يىل، ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 8700 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى بۇلتۇرقىدىن كېڭەيگەن . ئىچكىردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرىغا 3300 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئىچكىردىكى شىنجاڭ كەسپىي سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 9900 گە يەتكۈزۈلىدىكەن.