تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ساقىيىشى نېمە ئۈچۈن قىيىن؟ (سىرداش تېۋىپ)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! www.aldawa.cn  نۇر تورىدىكى دوستلار كەمىنە سىرداش تېۋىپتىن سىزلەرگە ئالىي ئېھتىرام !

 مەزى بېزى ئادەم ئورگانىزىمىدىكى سۈيدۈك ئاجىرتىپ چىقىرىشقا ، شۇنداقلا ئۇرۇقداندىكى ئۇرۇقنىڭ ھاياتلىق پائالىيتى ئۈچۈن ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىگۈچى سۇيۇقلۇقلارنى تەمىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا جىنسىي ھېسسىياتنىڭ تېز ياكى تېز ياكى ئاجىز كىلىشىگە بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدىغان دوۋساقنىڭ ئاستى قىسمىغا تۇتۇشۇپ تۇرىدىغان بىر ئەزا .  خەنزۇچە يېزىلىشى 前列腺   。  تۆۋەندىكى رەسىمدە مەزى بېزىنىڭ ئورنى ئېنىق قىلىپ كۆرسىتىلگەن

 

 

 

 

 

 ئەمدى مەزى بېزى ياللۇغى بولسا مۇشۇ بەدىنىمىزدە بار بولغان   مەزى بېزى دىگەن ئەزانىڭ تۇقۇلمىلىرىدىكى  پەيدا بولغان ياللۇغلىنىشلىق ئۆزگىرىشتىن ئىبارەت . بۇ خۇددى ئاشقازان ياللۇغى ، ئۆت ياللۇغى ، جىگەر ياللۇغى دىگەنگە ئوخشاشلا بىزنىڭ بەدىنىمىزدە بار بولغان  سۈيدۈك ئاجىرتىپ چىقىرىش سېستىمىسىدىكى  بىر ئەزانىڭ ياللۇغىدىن ئىبارەت .

 

 1. مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ سەۋەبى نىمە؟

 جاۋاپ : مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ سەۋەبى بىر قەدەر كۆپ بۇلۇپ ، نىسبەتەن كۆپرەك كۈرۈلىدىغان سەۋەپلىرىدىن  توي قىلمىغان شارائىت ئاستىدا شەھۋەتنى قوزغاش تىپىدىكى ئامىللار بىلەن شۇغۇللىنىش ،يەنى شەھۋەتنى قوزغايدىغان گېزىت ژۇرنال ،  ھېكايە ، پوۋىست ،  رومان ، تېلۋىزۇر ۋە ھەرخىل رەسىملەر ، MTV   قاتارلىقلارنى كۆرۈش ۋە ئاڭلاش ،  مۇزلاتقۇ ئىچىملىكلىرى يەنى ھەرخىل سوغوق ئىچىملىكلەرنى نامۇۋاپىق  ئىستىمال قىلىش ، لازا ئاچچىقسۇ قاتارلىق غىدىقلىغۇچى  تۈردىكى نەرسىلەرنى  كۆپرەك ئىستىمال قىلىش ، زىيادە مايلىق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلىنىپ قېلىش  قاتارلىقلار ..............

2. مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار ؟

 جاۋاپ : سىيىپ بولغاندىن كىيىن سۈيدۈك چالا قالغاندەك سىزىم بۇلۇش ، سۈيدۈكتىن كىيىن شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئېقىش ، پات پات سىيىش ، سۈيدۈك قىستاش ، يەنە قىسمەن بىمارلاردا سۈيدۈك تامچىلاش، مەزى بېزى ئىششىقى ۋە مەزى بېزى يوغىناش  شەكىللەنگەنلەردە سۈيدۈك ئاچىماق كېلىش ، چوڭ تەرەت ئىنچىكە ياپىلاق كېلىش .   يەنە ئاز ساندىكى بىمارلاردا بەل توققۇز كۆز ئاغرىش ، مەزى بېزى رايۇنى  يەنە مەقئەت بىلەن چوڭ تەرەت يۇلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ئىچكى رايۇنى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . يەنە بىر قىسىم ئالامەتلەرنى ماقالىنىڭ ئۇزۇراپ كىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يازمىدىم .

 3. مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ساقىيىشى نىمە ئۈچۈن قىيىن ؟

  جاۋاپ : مەزى بېزى ياللۇغى  پەيدا بۇلۇش، شەكىللىنىش،  تەرەققىي قىلىش جەريانىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئادەم ئورگانىزىمىدىكى مىڭە ، نېرۋا پائالىيىتىگە تەسىر يەتكۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇزۇن  مۇددەت مىڭە نېرۋا پائالىيتى قالايمىقان ھالەتتە تۇرغاندا ئاسان ئاچچىقلىنىش ، جىددىيلىشىش ، روھىي كەيپىيات سۇلغۇن بۇلۇش، تۇرمۇشتا چۈشكۈنلىشىش  قاتارلىق ئالامەتلەر كېلىپ چىقىدۇ . شۇ سەۋەپتىن مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاتقان ۋاقتىدا بۇ مەسىلىلەرگىمۇ دىققەت قىلماي مەخسۇس ياللۇغ قايتۇرغۇچى دۇرىلارنىلا ئىستىمال قىلغاندا ، دۇرىنىڭ ئۈنىمىگە زور دەرىجىدە تەسىر يىتىدۇ ، بۇ خۇددى كۆڭۈل خاتىرجەم بولمىسا  تاماققىمۇ كۆڭلى تارتمىغانغا ئوخشاش .

 شۇڭا يۇقارقىدەك كىسەللىك سەۋەپچى ئامىللىرىنى ئۆزىدىن يىراق قىلماي يۈرۈش ھازىرقى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا قىيىنغا توختىغانلىق سەۋەبىدىن مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ساقىيىشى بىر قەدەر قىيىنغا چۈشىۋاتقان كىسەللىك ھېساپلىنىدۇ . شۇڭا مەزى بېزى ياللۇغىغا قارىتا داۋالىنىۋاتقانلار داۋالانغان ۋاقتىدا يۇقارقى كىسەللىك سەۋەپچىلىرىدىن يىراق تۇرۇش بىلەن بىرگە ، مۇناسىپ ھالدا  مىڭە نېرۋىنىڭ دۇرىلىرىنىمۇ بىللە ئىستىمال قىلسا  ئىمكانىيتىڭلار يار بەرسە سېستىمىلىق داۋالىنىش دۇرىلىرىنى تەمىنلەپ بەرسەك ساقىيىش نىسپىتىنىڭ يۇقىرى بۇلىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .

 يازغۇچى: سىرداش تېۋىپ قەلىمى

 مەنبە : www.aldawa.cn

 تېببىي مەسلىھەت سوراش تېلفۇنى : 18999923010 ، 15199470737 

 ئۈندىدار ئالاقە نۇمۇرى : 15199470737

 

 

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز