مەزى بېزى راكى ياش چەكلىمىسى، ئىرق ۋە ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە يېمەك-ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا مەزى بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەرنى بىلىپ قويۇشنىڭ زىيىنى يوق.
پەمىدۇر: يېڭى پەمىدۇردا لىكوپېن (ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىۋ، راك ھۈجەيرىسىنى چەكلەيدۇ) مول، ئۇ مەزى بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. لىكوپېن يەنە تاۋۇز، كۇلى بېھىسى ۋە ئاق تۇرۇچتىمۇ بار.
باش پىياز: باش پىياز، كەرەپشە ۋە سامساقتا فىلاۋونلۇق بېرىكمە بار، بۇ ماددا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ، مەزى بېزى راكى ھۈجەيرىسىنى تازىلايدۇ.
قارا قېرىنقۇلاق: قارا قېرىنقۇلاق بىلەن كۈنجۈتتە مىكرو ئېلېمېنت سېلىن بار، بۇ ماددا مەزى بېزى راكى ھۈجەيرىسىنى يوقىتىدۇ.
ئۈزۈم: يېڭى ئۈزۈم شىرنىسى، ئانار شىرنىسى ياكى قىزىل ئۈزۈم ھارىقىدا پولىفېنول مول، بۇ ماددا راك ھۈجەيرىسىنى تىزگىنلەپ، ئۆسمە شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
پۇرچاق: سېرىق پۇرچاق، ياپىلاق پۇرچاق ۋە نوقۇتتا فىلاۋون مول، بۇ ماددا مەزى بېزى راكى ھۈجەيرىسىنى چەكلەيدۇ.
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى