تۇخۇم ئىنتايىن ئادەتتىكى نەرسە تۇيۇلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن مول، لېكىن بەزىلەر تۇخۇم پىشۇرغاندا دائىم خاتالىشىپ، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا تۆۋەندىكى نۇقسانلارنى چوقۇم بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك.
بىرىنچى نۇقسان:
پىشۇرۇلغان تۇخۇمنى يېگەندە ئاۋۋال ئۇنىڭ سوۋۇشىنى ساقلاپ ئاندىن پوستىنى ئاقلايمىز، ئەمەلىيەتتە بۇنداق تۇخۇم ئاقلىسىڭىز سىزگە تەسكە توختاپلا قالماستىن، تۇخۇم ئاقسىلى تۇخۇم شاكىلىغا چاپلىشىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە پىشۇرۇلغان تۇخۇمنى سوغۇق سۇغا سېلىپ قويساق، بۇنداق ئەھۋالدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى نۇقسان:
ھەممىڭلار تۇخۇمنى قانچە ئۇزۇن پىشۇرسا شۇنچە ياخشى دەپ ئويلىشىڭلار مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە تۇخۇمنى قانچە ئۇزۇن پىشۇرغانسېرى تۇخۇمدىكى ئاقسىلنىڭ سۈمۈرۈلۈشى تەسلىشىپ كېتىدۇ، تۇخۇمنى مايدا قورىسىڭىزمۇ ئوخشاشلا بەك ئۇزۇن قورۇۋەتمەسلىكىڭىز كېرەك.
ئۈچىنچى نۇقسان:
تۇخۇمنى قاچىنىڭ گىرۋىكىگە چېقىش ھەممىمىزنىڭ ئادىتى، لېكىن تۇخۇمنى بۇنداق چاققاندا ئاسانلا قاچىغا چۈشۈپ كېتىدۇ، شۇڭا ئوچاقنىڭ بېشىدا چېقىپ قاچىغا چۈشۈرۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تۆتىنچى نۇقسان:
ئادەتتە تۇخۇمنى سېتىۋالغاندىن كېيىن بىۋاسىتە توڭلاتقۇنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويىمىز. ئەمەلىيەتتە تۇخۇمنى ساقلاشنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئۇسۇلى بار، تۇخۇمنىڭ چوڭ بېشىنى ئۈستىگە قارىتىپ، كىچىك بېشىنى پەسكە قارىتىپ توغرىسىغا قويۇشىمىز كېرەك، قالايمىقان قويساق تۇخۇم سېرىقى ئۈستىگە لەيلىۋېلىپ، يېپىشقاق تۇخۇمغا ئايلىنىدۇ.
بەشىنچى نۇقسان:
ئادەتتە تۇخۇمنى پارچە سېتىۋالىمىز، تۇخۇمنى قانچىلىك ۋاقىت قويۇپ قويغانلىقىمىز بىلەن كارىمىز يوق، ئەمەلىيەتتە تۇخۇمنىڭمۇ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى بار، 2-5 سېلسىيە گرادۇستا 40 كۈن ساقلىغىلى، قىشتا15كۈن ساقلىنىدۇ، يازدا ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا 10 كۈن ساقلىغىلى بولىدۇ.