تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئالما iPhone 4s يانفونىنى99 يۈەنلىك ئېتىبار باھا بىلەن سېتىۋالغىلى بولىدۇ

   يېقىندا بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى يەنە بىر قېتىم كونا ئابونتلارغا قارىتا ئېتىبار پائالىيىتى يولغا قويدى، پائالىيەت تور بېكىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر ئايدا 76 يۈەنلىك 4G يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى تاللاپ، 36 ئاي مۇقىم ئىشلىتىش توختامى تۈزگەندە، ئالما iPhone 4s يانفونىنى 99 يۈەنلىك ئېتىبار باھا بىلەن سېتىۋالغىلى بولىدۇ، بۇ زاپاس يانفون ئېھتىياجى بار ئابونتلار ئۈچۈن خۇشخەۋەر ئەلۋەتتە.

   76 يۈەنلىك يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ھەر ئايدا 200 مىنۇتلۇق ئاۋازلىق سۆزلىشىش ھەمدە MB 400  ئېقىم مىقدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، گەرچە ئالما iPhone 4s يانفونى 4G تورىنى قوللىمىسىمۇ لېكىن، 3G تورىغا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

تەھرىرنىڭ باھاسى: ئالما iPhone 4s يانفونى بازارغا سېلىنىپ ئارىدىن بەش يىل ۋاقىت ئۆتتى ھەمدە ئاللىقاچان ئىشلەپچىقىرىلىشتىن توختىدى. بىراق بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ھەرگىز قايتا يېڭىلانغان يانفوننى بازارغا سالمايدۇ، شۇڭا بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە سېتىلماقچى بولغىنى، ئامباردا بېسىلىپ قېلىپ ساقلىنىۋاتقان مەھسۇلات. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يانفون بازارغا سېلىنغىلى ئۇزۇن بولغان، قاتتىق دېتال سەپلىمىسى قالاق بولسىمۇ، لېكىن چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ سىناق قىلىشىچە 8 iOS سىستېمىسى يەنىلا راۋان يۈرىشىدۇ، بىراق چوڭ تىپتىكى 3D ئويۇنى ئوينىغاندا قېتىۋالىدۇ، شۇڭا بۇ قېتىمقى پائالىيەت يانفون سەپلىمىسىگە بەك يۇقىرى تەلەپ قويمايدىغان ئابونتلارغا تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز